تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -09

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-03 12:49:21

تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -09«كۆر ئوغلى» ياكى «گۆر ئوغلى» داستانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات... كۆر ئوغلى داستانى، ئۇزۇن ئەسىرلەر مۇقەددەمكى ۋاقىتلاردىن زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ ك...



    تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -09

     

     

    «كۆر ئوغلى» ياكى «گۆر ئوغلى» داستانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات... 

        كۆر ئوغلى داستانى، ئۇزۇن ئەسىرلەر مۇقەددەمكى ۋاقىتلاردىن زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كەلگەن ۋە ھېلىھەم ھېكايە قىلىش ئەنئەنىسىدىكى ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا ياخشى كۆرىلىدىغان مەشھۇر داستانلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. كۆر ئوغلى داستانى، پۈتۈن تۈرك يۇرتلىرىدا، ئەرمەن، گىرۇزىيەلىكلەر ۋە تاجىكلار بىلەن كاۋكاز قەۋملىرى ئارىسىدا كۆرئوغلى، گۆرئوغلى، گۇرئوغلى، كۇرئوغلى ۋە گۇرگۇلى دېگەندەك ناملار بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئورتاق مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئاساسەن دېگۈدەك پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا ۋە تۈركلەر بىلەن ئۇزۇن ئەسىرلەر باراۋەر ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدا چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان كۆرئوغلى داستانى، كۈلتۈرىمىزنىڭ ئورتاقلىقى نۇقتىسىدىن نەزەر سېلىنغىنىدا، داستان بىر پارچە ئەسەر بولۇش بىر بىرگە، ئۆتمۈشنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئابىدىۋىي قىممەتكىمۇ ئىگىدۇر. ھازىرمۇ ھېكايە قىلىنغان ۋە قۇلاق سېلىنغان جايلارنىڭ بىپايانلىقى دىققەتكە ئېلىنغىنىدا، تۈركلەر ئارىسىدا كۈلتۈر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش نۇقتىسىدىن ئوينىغان رولىنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

         پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا ۋە قوشنا مىللەتلەرنىڭ ھاياتلىرىدا ئورۇن ئالغان كۆرئوغلى داستانى، زامان ۋە ماكان ئىچىدە ھېكايە قىلىش ئەنئەنىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن باسقان يول ۋە قولغا كەلتۈرگەن بايلىقلار، كېڭىيىش ۋە مۇكەممەللىشىش سەيرى نەتىجىسىدە ھازىرقى كۈندە ئالدىمىزغا ئىككى ئاساسلىق شەكلى ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك سانسىز رىۋايەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ھالدا چىقماقتا. زامانىمىزدا، دىنامىك ۋە جانلىقلىقىنى بۇنچىلىك دەرىجىدە ساقلاپ قالغان، ئېيتىلىش ساھەسىدىكى بىپايانلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى قولدىن بېرىپ قويمىغان كۆرئوغلى داستانى تۈرى ۋە ھەجمى جەھەتتىن ئوخشاش بىر ئەسەرنى باشقا مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدا ئۇچرىتالمايمىز. بۇنىڭ بىر سەۋەبى، تۈرك داستان ئېيتىش ئەنئەنىسىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە بىر مەكتەپ سەۋىيەسىگە يەتكەن بولۇش بولسا، يەنە بىر سەۋەبى كۆرئوغلى داستانىنىڭ ئۆزىگە خاس ئېيتىلىش ئەنئەنىسىنى يارىتىش كۈچىگە ئىگە بولۇشىدۇر، دېگەن قانائەتتىمىز.

        ئوتتۇرا ئاسىيا بوزقىرلىرىدىن بالقان رايونلىرىغا قەدەر سۇزۇلغان كەڭ كەتكەن رايوندا شەكىللەنگەن ۋە ھېلىھەم راۋاجلىنىۋاتقان كۆرئوغلى داستانى رىۋايەتلىرى،  يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئىككى خىل ۋارىيانت ئەتراپىغا مەركەزلىشىدۇ. بىز بۇ ئىككى خىل ۋارىيانتنى “غەرب ۋارىيانتى” ۋە “ئوتتۇرا ئاسىيا ۋارىيانتى” دەپ ئاتايمىز. كۆرئوغلى داستانىنىڭ غەرب ۋارىيانتىغا ئەزەربەيجان، ئانادولۇ، بالقان ۋە ئەتراپتىكى تۈرك ئولتۇراق رايونلىرىدىكى تۈرك رىۋايەتلىرى بىلەن گىرۇزىي، ئەرمەنى ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپا ۋە مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدا ئورۇن ئالغان رىۋايەتلەرنى كىرگۈزىمىز. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋارىيانتى بولسا، تۈرك، ئۆزبېك، قازاق، قارا قالپاق، تاتار، قىرغىز، ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئائىت رىۋايەتلەر بىلەن تاجىك ۋە بۇخارا ئەرەبلىرى ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئەرەبچە ۋە تاجىكچە ئېيتىلغان رىۋايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئافغانىستان تۈركلىرى ئارىسىدا تارقالغان كۆرئوغلى داستانى رىۋايەتلىرىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋارىيانتىغا كېرىدۇ.

    .......................................................................................

        كۆرئوغلى داستانى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك داستان ئېيتىش ئەنئەنىسى ئىچىدە تاكامۇللىشىش مۇساپىسىنى تاماملاپ، ئېپوس سەۋىيەسىگە يەتكەن  ماناس داستانىغا ئوخشاش مۇكەممەل بىر ئابىدىۋىي ئەسەردۇر. بىز ئوتتۇرا ئاسىيا ۋارىيانتى ئىچىدە پەقەت ئۆزبېك، قازاق ۋە تۈركمەن ۋارىيانتلىرىغا مەركەزلىشىمىز. ئۆزبېك ۋارىيانتلىرى ئارىسىدا غەرب ۋارىيانتىغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرمۇ ئورۇن ئالماقتا ۋە بۇلار ئايرىم بىر كۆرئوغلى مەكتىپىگە ۋەكىللىك قىلماقتا. كۆرئوغلى داستانىنىڭ ھەممىسى تۈركمەن ۋە قارا قالپاق ئارىسىدا قىرىق بىر، ئۆزبېكلەر ئارىسىدا غەرب ۋارىيانتى ئون تۆت – ئون ئالتە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋارىيانتى قىرىق ئۈچ؛ قازاقلار ئارىسىدا ئاتمىش ئىككى، تاجىكلار ئارىسىدا ئەللىك قول ھېسابلانماقتا. بۇ سانغا، تاتار، قىرغىز، ئۇيغۇر، سىبىرىيە ۋە ئافغانىستان تۈركلىرى بىلەن بۇخارا ئەرەبلىرى ئارىسىدا تارقالغان داستان تۈرلىرىنىمۇ ئىلاۋە قىلىدىغان بولساق، تەخمىنەن ناھايىتى بۈيۈك بىر يەكۈنگە ئېرىشىمىز، دەپ ئويلايمەن.

        قازاقلار ئارىسىدا تارقالغان ۋە ئىسپاتلانغان رىۋايەتلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا قازاقلار بىلەن جۇڭغالار ئارىسىدا تارقالغان تارىخىي مۇجادىلەلەر بىلەن بىرگە، قالماقلار بىلەن ئەرەبلەرنىڭ پەتھىلىرى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇشلارنىڭ چوڭقۇر تەسىرلىرىمۇ ئورۇن ئالىدۇ. كەڭ تارقالغان رىۋايەتلەردىن باشقا، “ئەرتەگى” تەرزىدە ئېيتىلغان كۆرئوغلى رىۋايەتلىرىمۇ مەۋجۇتتۇر. كۆرئوغلى، بۇ خىل رىۋايەتلەردە دىۋە، پەرى دېگەنگە ئوخشاش تەبىئەتتىن تاشقىرى مەۋجۇتلۇقلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىدۇ، شىر بىلەن ئېلىشىدۇ، ئادەتتىن تاشقىرى مەۋجۇداتلار بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىدە غەلىبە قىلىدۇ. قىرىق دىۋىنى يېڭىپ ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرىدۇ. يېرىم ئەپسانىۋىي، يېرىم مەسەل شەكىللىرى بىلەن «ئەرتەگى» دائىرىسى ئىچىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بۇ رىۋايەتلەر يۇقىرىدىن قارالغىنىدا، بىزگە بۇلارنىڭ بىر ئارقا تەبىقىنىڭ ئىزلىرىنى يۇشۇرغانلىقى تۇيغۇسىنى بېرىدۇ.

         قازاق رىۋايەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا خان، بەگ، سۇلتان، پادىشاھلىقلاردىن كەلگەن، ئاتىدىن، چوڭ دادا تەرەپتىن بىر بەگ ئوغلى سۈپىتىدە  ئالدىمىزغا چىقىدۇ. لۈكچەكلىكتىن تەرەققىي قىلغان بىر خىل قەھرىمانلىق كارتىنىسىنى سىزمايدۇ، ئەكسىچە، تەلەيسىزلىكىنى يېڭىپ، ھەققى بولغان بەگلىك ياكى خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ، خەلقىنى ئىدارە قىلغان، مۇكەممەل دۆلەت ئەربابى، ئادىل بىر ھۆكۈمدار، باتۇر بىر داستان قەھرىمانى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن بىر ئەپسانىۋىي خاراكتېر سىزىپ بېرىدۇ.

    .......................................................................................

        ئەزىزدوستلار! ئۆزبېكلەر ئارىسىدىكى كۆرئوغلىمۇ بىر ئەپسانىۋىي قەھرىمان سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھايۋانلار ۋە قۇشلارنىڭ تىلىنى بىلىدۇ. بىر قاراش بىلەنلا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ھايۋانلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرىدۇ.

         سىھىرلىك دۇنيالاردىكى قورقۇنچلۇق دىۋە ۋە ئەجدىرھالار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە گۈزەل پەرىلىرى بىلەن دىدارلىشىدۇ.

         خالىغان چاغدا تاشتىن سۇ چىقىرىدۇ، شەكىل ئۆزگەرتىپ ھايۋان ۋە قۇشلارغا ئايلىنالايدۇ. يېنىدىكى سىھىرلىك تاشنى تۇتقىنىدا ئالدىدىكى ئادەمنى كىچىكلىتىۋېتىدۇ ياكى قېرىتىۋېتىدۇ. يەنە مىشگال پەرى بەرگەن ئىككى دانە قىلدىن قارا رەڭلىكى يامانلىق قىلماقچى بولغاندا، ئاق رەڭلىكى ياخشىلىق قىلماقچى بولغاندا ئىشلىتىلىدۇ. كۆرئوغلى پەقەت جىسمانىي كۈچى بىلەن ئەمەس، سىھرىي كۈچ بىلەنمۇ قوراللانغاندۇر.

        ئۆزبېك رىۋايەتلىرىدە كۆرئوغلى، ئۆزبېكلەر ۋە تۈركمەنلەرنىڭ پادىشاھلىرىدۇر. داستاندا ئورۇن بېرىلگەن تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ تەسىرى ئەرەب ۋە ئىران ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئۆزبېكلەر، تۈركمەنلەر بىلەن، قىسقىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك قەۋملىرى بىلەن قىلغان ئۇرۇش – مۇجادىلىلىرىنىڭ خاتىرىلىتىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.

         كۆرئوغلى داستانىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋارىيانتىغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردە كۆرئوغلى، تۈركمەن ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ بېگى، قانۇن ھۆكۈمدارى ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىنىڭ دۈشمەنلەردىن قوغدىغۇچىسى، دەۋا يېتەكچىسى، باتۇرلارنىڭ تەربىيلىگۈچىسى ۋە يېتىشتۈرگۈچىسى يېڭىلمەس قەھرىمان سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ.

          كۆرئوغلى داستانىنىڭ غەرب ۋارىيانتىنىڭ ئانادولۇ ۋارىيانتلىرى بولسا، داستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇ يايلاقلىرىغا قاراپ كۆچۈشى جەريانىدا ھەم سىرتقى ھەم مەزمۇنى ھەمدە قەھرىمانلىرى زاماننىڭ ۋە يېڭى رايوننىڭ، يېڭى مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ تەسىرى بىلەن مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلگەن. لېكىن نېگىزلىك موتىف ۋە داستاننىڭ ئەسلى قۇرۇلمىسىدا ئېغىش كۆرۈلمىگەن.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.