بەدەننىڭ ئوڭ تەرىپى ئاغرىسا

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-28 17:31:47

بۇ مېڭە، قان تومۇر ۋە نېرۋا سىستېمىسىدا كېسەل بولۇش مۇمكىنلىكىدىن، مېڭىگە قان، ئوكسىگېن يېتىشمەيۋاتقانلىقىدىن بېرىلگەن بېشارەت


    بەدەننىڭ ئوڭ تەرىپى ئاغرىسا
     
    بەزىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىدا تۇيۇقسىز مەسىلە كۆرۈلۈپ، تېلېفوندا پاراڭلاشقان ياكى باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا قۇلىقى ئاغرىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، ئوڭ قۇلىقى بىلەن ئوڭ قولىنىڭ دۈمبىسى يىڭنە سانجىغاندەك بولىدۇ، ئىشقىلىپ بەدىنىنىڭ ئوڭ تەرىپى بېشىدىن پۇتىغىچە بىئارام بولىدۇ. تېۋىپ ليۇ چۇنلىڭ بۇ ئالامەتكە مۇنداق چۈشەنچە بەردى: «بۇ مېڭە، قان تومۇر ۋە نېرۋا سىستېمىسىدا كېسەل بولۇش مۇمكىنلىكىدىن، مېڭىگە قان، ئوكسىگېن يېتىشمەيۋاتقانلىقىدىن بېرىلگەن بېشارەت».
    ليۇ چۇنلىڭ مۇنداق دېدى: «بۇنداق ئاغرىقتا باش ئاغرىش ۋە قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئەستە تۇتۇش ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بەدەننىڭ بىر تەرىپىدىلا گەۋدىلىنىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ بەدەننىڭ بىر تەرىپىدە كۆپرەك ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا بۇ جەھەتكىمۇ ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ».
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
      ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.