گېرمانىيەنىڭ ھەربىي ئىشلىرى

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-24 16:48:00

1956 -يىلى 1-ئايدا فىدراتسىيە دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيسى رەسمىي قۇرۇلغان.ھەربىي ئىشلاردا ئەڭ ئالي تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنى فىدراتسىيە بېخەتەرلىك كومتىتى بولۇپ،رەئىسى فىدراتسىينىڭ زۇڭلىسى بولىدۇ. ھ...

       1956 -يىلى 1-ئايدا فىدراتسىيە دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيسى رەسمىي قۇرۇلغان.ھەربىي ئىشلاردا ئەڭ ئالي تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنى فىدراتسىيە بېخەتەرلىك كومتىتى بولۇپ،رەئىسى فىدراتسىينىڭ زۇڭلىسى بولىدۇ. ھەربىي قوشۇنغا تىنچ مەزگىلدە دۆلەت مۇداپىيە مىنستىرلىگى رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلدە فىدراتسىيە زۇڭلىسى ھەربى قوشۇننىڭ باش قۇماندانلىق ۋەزىپسىنى ئۆتەيدۇ.فىدراتسىيە دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيسى باش مۇپەتتىشى ھەربىي قوشۇننىڭ ئەڭ ئالي قۇماندانى بولىدۇ.دۆلەت مۇداپىيە سىياسىتنىڭ ئەڭ ئالي نىشانى:گېرمانىينىڭ تىنچ ،ئەركىن ،مۇستەقىل بولشىغا كاپالەتلىك قىلىش. ئۇندىن باشقا يەنە فىدراتسىيە دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيسى پۈتۇنلەي مۇداپىيلىنىش ۋەزىپسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قوشۇن بولۇپ، زۆرۈر بولغان بىخەتەرلك ،ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ. ئادەتتە ئادەتتە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچلىق قىلىش خاراكتىردىكى قۇراللارنى ساقلمايدۇ. ئارمىينى قۇرۇشىنىڭ مۇھىم نوقتسى:تىز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرالايدىغان قىسىم تەشكىللەپ، يېڭى قۇشۇن پىلاننى تۈزۇپ، قوشۇن كۆلىمنى كونترۇل قىلىپ ،قۇراللارنى ئازايتىشتىن ئىبارەت .
    گېرمانىيەدە بارلىق پۇخرالار ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ،مۇددىتى 9ئاي. گېرمانىيە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتىپاقى مۇداپىئە بىرلىكىنىڭ ئەزاسى بولغاچقا دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى ۋە ئەسكەر سانى مۇشۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ تەقسىماتى بىلەن بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق