كومپىيۇتېر بىلىملىرى

يوللىغۇچى : مۇسلىم يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-01 20:33:00

كومپىيۇتېر بىلىملىرى 1. كومپيۇتېر بىلەن تونۇشۇش1) كومپيۇتېرنىڭ تۈزۈلۈشى كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ خەت ئۇرغىلى،رەسىم سىزغىلى،مۇزىكا ئاڭلىغىلى،ئۇيۇن ئوينىغىلى،كىنو كۆرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، يەنە ئ...

    كومپىيۇتېر بىلىملىرى

       1. كومپيۇتېر بىلەن تونۇشۇش
    1) كومپيۇتېرنىڭ تۈزۈلۈشى
    كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ خەت ئۇرغىلى،رەسىم سىزغىلى،مۇزىكا ئاڭلىغىلى،ئۇيۇن ئوينىغىلى،كىنو كۆرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، يەنە ئىنتېر تورىغا چىقىشتەك زور قىزغىنلىق پەيدا بولۇپ،بىزنى ئۆيدىن چىقمايلا دۇنيانى بەھۇزور كېزىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
    دوستلىرىمىزنىڭ تولىسى كومپيۇتېرنى ناھايىتى سىرلىق چاغلايدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇ ‹‹<ئاددىي>››لا مۇرەككەپ ماشىنا. مۇرەككەپ دېگىنىمىزدە _ ئۇنىڭ خىزمەت قائىدىسى چوڭقۇر،بۆلەكلىرى كۆپ. ‹‹<ئاددىي>››دېگىنىمىزدە _ ئۇنى ئىشلەتكەن چېغىمىزدا ئۇنىڭدىكى چوڭقۇر نەرسىلەر بىلەن قىلچە كارىمىز بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى تېلېۋىزور،سىنئالغۇلارنىڭكىدىن  پەرقلەنمەيدۇ. كومپيۇتېرغا مەشغۇلات بۇيرۇقى بەرسىڭىزلا،ئۇ بۇيرۇقىڭىزدىكى تەلەپ بويىچە سىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىدۇ. شۇڭا،كومپيۇتېرنى ئىگىلەش تەس ئەمەس.كومپيۇتېرنىڭ ‹‹<بوسۇغا>›› سىدىن ئۆتۈشتە ئادەتتە ئىككى قەدەم تاشلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قاتتىق دېتالىغا ئائىت ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلەش،ئاندىن،دائىم ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش كېرەك. يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆگىنەي دېسىڭىز،ئۇ سىزنىڭ قىزىقىشىڭىزغا باغلىق.
    ئەمدى بىز كومپيۇتېر ئائىلىسىدە ئۇنىڭ بىز كۆپ كۆرۈپ تۇرىدىغان ئاساسلىق ئەزاسى بولغان ئاساسىي ئاپپارات،كۆرسەتكۈچ،كونۇپكا تاختىسى،مائۇس،ئاۋاز ساندۇقىنى بىرلىكتە زىيارەت قىلايلى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پرىنتېرمۇ بار،گەرچە ئۇ كومپيۇتېر ئائىلىسىگە تەۋە  بولمىسىمۇ،ئۇنىڭ يېقىن قۇشنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
      ئاساسىي ئاپپارات: ئۇ كومپيۇتېر ئائىلىسىنىڭ باش خوجايىنى بولۇپ،ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىگە باراۋەر،ھۆججەت- ماتېرىيال ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇ باشقۇرىدۇ،سىز كومپيۇتېر ئارقىلىق ئورۇندىماقچى بولغان خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاساسلىقى شۇ مەسئۇل بولىدۇ،ئۇ يەنە ئائىلىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا خىزمەت تەقسىملەيدۇ. ئۇنىڭ باشقا ئائىلە ئەزالىرى تاشقى ئۈسكۈنە دەپ ئاتىلىدۇ.
      كۆرسەتكۈچ: ئۇنىڭ ۋەزىپىسى_ باش خوجايىننىڭ ئوي-خىيالىنى كۆپچىلىككە نامايەن قىلىپ بېرىش. شۇڭا،ئۇ ئاساسلىق چىقىرىش ئۈسكۈنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،ئۇ بىر تال كۆرۈنمە چاستوتا كابېلى ئارقىلىق ئاساسىي ئاپپاراتنىڭ كۆرسەتكۈچ كارتىسىغا ئۇلىنىدۇ.
      كونۇپكا تاختىسى: ئۇنىڭ ئىقتىدارى كۆرسەتكۈچنىڭكىنىڭ ئەكسىچە. ئابونتنىڭ بۇيرۇقى ئۇ ئارقىلىقلا باش خوجايىنغا يەتكۈزۈلىدۇ.
      مائۇس: يېقىنقى يىللاردىن بۇيانWindows دىئاگراممىلىق مەشغۇلات يۈزىنىڭ مودىلىشىشىغا ئەگىشىپ،بۇيرۇق ئاساسەن دېگۈدەك كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كىرگۈزۈلمەيدىغان،مائۇسنىڭ سول ياكى ئوڭ كونۇپكىسىنى باسساقلا، باش خوجايىنغا نېمە قىلىدىغانلىقىمىز دەپ بېرىلىدىغان بولدى. گەرچە ئۇ بەك كىچىك بولسىمۇ،ئۇ كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە زور قولايلىق يارىتىپ بەردى.
      ياڭراتقۇ: بۇ كۆپ ۋاستىلىك كومپيۇتېر ئائىلىسىنىڭ مەخسۇس ئەزاسى،ھازىر ئاۋازلىق ھەم سۈرەتلىك كۆپ ۋاستىلىك كومپيۇتېر ئائىلىسى كۈنسايىن تەرەققىي قىلىپ،كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنى كۆپلەپ جەلپ قىلىۋاتىدۇ،باش خوجايىننىڭ ئاۋازى ئاۋاز كارتى ئارقىلىق ياڭراتقۇغا يەتكۈزۈلىدىغان ۋە ئۇ ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان بولغاچقا،كۆپ ۋاستىلىك كومپيۇتېرنىڭ ئاۋاز ئۈنۈمى ئائىلىۋى كىنوخانىنىڭ سەۋىيىسىگە بارغانچە يېقىنلىشىپ قالدى.
      پرىنتېر: بۇ،كومپيۇتېر ئائىلىسىگە تەۋە بولمىسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ. پرىنتېرمۇ كۆرسەتكۈچگە ئوخشاش دائىم ئىشلىتىلىدىغان چىقىرىش ئۈسكۈنىسى بولۇپ،پاراللىل ئېغىزلىق كابېل ئارقىلىق ئاساسىي ئاپپاراتنىڭ كەينىدىكى پاراللىل ئېغىزغا چېتىلىدۇ. پرىنتېر يىڭنىلىق پرىنتېر،پۈركۈمە پىرىنتېر ۋە لازىر نۇرلۇق پرىنتېر قاتارلىق ئۈچ  تۈرگە بۆلۈنىدۇ.ئۇنىڭ ئىقتىدارى تەدرىجىي ئېشىۋاتىدۇ.              
      كومپيۇتېرنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن،ئەندى بىز يەنە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ،كومپيۇتېر ئائىلىسىنىڭ باش خۇجايىنى__ ئاساسىي ئاپپارات بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى. چۈشەندۈرۈشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئاساسىي ئاپپاراتنى پارچىلىساق،ئۇنىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچى دېتاللىرى ئاساسىي ئاپپارات تاختىسى،CPU،ئىچكى ساقلىغۇچ،قاتتىق دېسكا،يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچ، ئوپتىكىلىق قوزغاتقۇچ،ئاۋاز كارتى،كۆرسىتىش كارتى ۋە مودېمدىن ئىبارەت.
      ئوپتىكىلىق قوزغاتقۇچ: بۇ،ئوپتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق ئەستە ساقلاش قۇرۇلمىسى بولۇپ،سىغىمچانلىقى چوڭ،ئىشەنچىلىكلىكى ياخشى،ساقلاش تەننەرخى تۆۋەن. ئۇ IDE چاتقۇچلۇق ئوپتىكىلىق قوزغاتقۇچ بولۇپ،نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئوپتىكىلىق قوزغاتقۇچنىڭ بىر خىلى.
      U دېسكا (تېز ساقلىۋالغۇچ دەپمۇ ئاتلىدۇ): سىغىمچانلىقى چوڭ (MB 16 دىن IGB گىچە)، ئېلىپ يۈرۈشكە قولاي،سىلكىنىشتىن قورقمايدىغان،ساقلانما سانلىق مەلۇماتلارنى ئاسان يوقىتىۋەتمەيدىغان ئالاھىدىلىكى بار، Windows Me دىن يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىدا قوزغىتىش تەرتىپىنى قاچىلىمايمۇ نورمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ،ئىشلىتىشكە خېلىلا ئەپلىك.
      U دېسكىنىڭ ھەممىسىگە USB چاتقۇچى قوللىنىلغان بولۇپ،USB چاتقۇچى قوللىنىلغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە ئۇنى ‹‹قىزىق›› يۆتكەشكەبولىدۇ،لېكىن ئۇ خالىغانچە يۆتكىسە بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. يۆتكىگەندە ئېھتىيات قىلىنمىسا،U دېسكا بۇزۇلىدۇ.
     2. كومپيۇتېرنى ئېچىش ۋە تاقاش
      كومپيۇتېرنى ئېچىش ۋە تاقاش ئىنتايىن ئاددىي،سىز تېلېۋىزور،كۆرۈنمە چاستوتىلىق ئوپتىك دېسكا ئاپپاراتى قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىزلا،كومپيۇتېرنىڭ بۇ مەشغۇلاتى سىزگە تولىمۇ ئاسان ۋە ئاددىي.
      مەشغۇلاتى ناھايىتى ئاددىي بولغىنى بىلەن مەشغۇلاتنى خاتا ئىشلىسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزنى بىھۇدە زىيانغا ئۇچرىتىشىڭىز مۈمكىن،شۇڭا،ئۇنى ئېچىش ۋە تاقاش تەرتىپىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىمىز.
      ئالدى بىلەن،كومپيۇتېرنى ئېچىش تەرتىپىنى ئەستە قالدۇرۇش كېرەك. ئادەتتە كومپيۇتېرنى ئاچقاندا،ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تاشقى ئۈسكۈنىسى(ئاساسىي ئاپپاراتتىن باشقا قىسمى) نى،ئاندىن ئاساسىي ئاپپاراتنى ئاچىمىز،تاقىغاندا ئالدى بىلەن ئاساسىي ئاپپاراتنى،ئاندىن تاشقى ئۈسكۈنىنى تاقايمىز.
    1 ) كومپيۇتېرنى تۇنجى ئاچقاندا،ئالدى بىلەن كۆرسەتكۈچنىڭ توك مەنبەسىنى،ئاندىن ئاساسىي ئاپپارات ساندۇقىدىكى توك مەنبەسى ۋىكليۇچاتىلى (ئۈستىدە Power دېگەن بەلگە بار) نى ئاچىمىز.
    2) كومپيۇتېر ئىشلەۋاتقاندا مەلۇم سەۋەبلىك قېتىۋېلىپ،قايتا قوزغىتىشقا توغرا كەلسە،ئاساسىي ئاپپارات ساندۇقىدىكى ‹‹RESET›› كونۇپكىسىنى بىۋاسىتە باسساق،كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىدۇ.
    3) يۇقىرىقى ئىككى ئۇسۇلنىڭ ھەر ئىككىسى ئەسقاتمىسا،ئۇنىڭ بىردىن بىر ئامالى،كومپيۇتېرنى تۇنجى قېتىم ئاچقاندىكىدەك،ئاساسىي ئاپپارات ساندۇقىدىكى POWER كونۇپكىسىنى بېسىپ،كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.  
    ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،ئاپپارات ئىشلىمىگەندە  POWERكونۇپكىسىنى ھەرگىز باسماڭ،باسسىڭىز كومپيۇتېرغا ئېغىر زىيان يېتىدۇ.
      كومپيۇتېرنى تاقاش بەكلا ئاددىي. Windows مەشغۇلات سىستېمىسى شارائىتىدا ئۇنى چوقۇم تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە تاقاڭ: ئالدى بىلەن بارلىق يۈرۈشۈش تەرتىپىنى تاقاپ،ئاندىن مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسىنى ئېكراننىڭ سول تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى ‹‹باشلاش›› كونۇپكىسىغا توغرىلاپ چېكىپ،كۆرۈنگەن تىزىملىكتىن ‹‹سىستېمىنى تاقاش››نى تاللاڭ،ئاندىن كۆرۈنگەن دىئالوگ رامكىسىدىن ‹‹كومپيۇتېرنى تاقاش›› تۈرىدىن تۈر تاللاپ،مائۇس ئارقىلىق ‹‹ھە›› كونۇپكىسىنى چېكىڭ. سەل ئۆتكەندىن كېيىن كومپيۇتېر ئۆزلۈكىدىن تاقىلىدۇ.
      2. كومپيۇتېر ئاساسىي مەشغۇلاتى
    (1.) مائۇسنى ئىشلىتىش
    Windows نىڭ كۆپ قىسىم مەشغۇلاتى مائۇسقا قارىتا لايىھىلەنگەن،شۇڭا،Windowsنى ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى مائۇسنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش كېرەك،مائۇسنى ئىشلىتىشنى بىلگەندىن كېيىن،دائىملىق خىزمەت ئىنتايىن ئاسانغا چۈشىدۇ،يەنە كېلىپ مائۇس مەشغۇلاتىمۇ ئىنتايىن ئاددىي.
    مائۇس ئىنگلىزچە ‹‹چاشقان›› دېگەنلىك بولۇپ،شەكلى چاشقانغا ئوخشايدىغان بولغاچقا،شۇنداق ئاتالغان. بىزنىڭ مەشغۇلاتىمىز ئۇنىڭ ئوڭ،سول ئىككى كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ،ئۈچ كۇنۇپكىلىق مائۇسمۇ بار،لېكىن ئۇنىڭ ئوتتۇرا كۇنۇپكىسىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بار بولۇپ،ئاساسىي مەشغۇلاتتا ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ.
    1) مائۇسنى تۇتقاندا،ئۇنى بەك چىڭ تۇتىۋالماسلىق كېرەك،خۇددىي قولىمىزنى تىزىمىزغا قويغاندەكلا تۇتساق بولدى،مائۇسنىڭ ئارقا تەرىپى ئالقىنىمىزغا توغرا كېلىدۇ،كۆرسەتكۈچ بارمىقىمىز ۋە بېگىز بارمىقىمىز ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۇنىڭ سول ۋە ئوڭ كۇنۇپكىسىغا يېنىك قويۇلىدۇ،باش بارمىقىمىز ۋە نامسىز بارمىقىمىز ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىنى يېنىك قىسىپ تۇرىدۇ.
    2 ) مائۇسنى يۆتكىگەندە،ئېكراندىكى نۇر بەلگىمۇ يۆتكىلىدۇ،نۇر بەلگىنىڭ يۆتكىلىش ئارىلىقى مائۇسنىڭ يۆتكىلىش ئارىلىقىغا باغلىق بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا،ئېكراندىكى نۇر بەلگىنىڭ ئورنىنى مائۇس ئارقىلىق تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. ئەگەر نۇر بەلگە ئېكراننىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتسە،كېرەك يوق، يۆتكەپ قايتۇرۇپ كەلسەكلا بولىدۇ. ئەگەر،مائۇس يۆتكىلىپ تەگلىكتىن چىقىپ كېتەي دەپ قالغان،لېكىن نۇر بەلگە تېخىچە كۆزلىگەن ئورۇنغا بارمىغان بولسا،مائۇسنى تەگلىكنىڭ ئوتتۇرىغا يۆتكەپ،مائۇسنى قايتىدىن كۆزلەنگەن ئورۇن يۆنىلىشىگە يۆتكىسەك،مەقسەتكە يېتەلەيمىز.
     3 ) مائۇسنى تاق چېكىش ھەرىكىتى
      كۆرسەتكۈچ بارمىقىمىز بىلەن مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى تېز بېسىپ قويىۋېتىمىز،كۈزىتىشكە دېققەت قىلىڭ؛يەنە بىر خىل تاق چېكىش ئۇسۇلى_ بېگىز بارمىقىمىز ئارقىلىق مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز.
     4 ) مائۇسنى قوش چېكىش ھەرىكىتى
    مائۇسنى يۆتكىمەي،كۆرسەتكۈچ بارمىقىمىز ئارقىلىق مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسىنى تېزلىكتە ئىككى قېتىم چېكىپ،دەرھال قويىۋېتىمىز. مائۇسنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەنلەر قوش چېكىش ھەرىكىتىنى كۆپرەك مەشىق قىلىشى لازىم. رېتىمنى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىڭ.
    5) مائۇسنى يۆتكەش ھەرىكىتى
    ئالدى بىلەن نۇر بەلگىنى يۆتكەپ ئوبيېكىتنى تاللاپ،سول كۇنۇپكىنى قويىۋەتمەي بېسىپ تۇرۇپ،مائۇسنى يۆتكەش ئارقىلىق ئوبيېكىتنى كۆزلىگەن ئورۇنغا ئاپارغاندىن كېيىن،ئاندىن سول كۇنۇپكىنى قويىۋېتىمىز،بۇنداق قىلغاندا،بىر ئوبيېكىتنى بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكىگىلى بولىدۇ.
      2. XP  Windowsنى قوزغىتىش ۋە تاقاش  
      1) قوزغىتىش
     ئالدى بىلەن كۆرسەتكۈچنىڭ توك مەنبەسىنى ئېچىپ،ئاندىن ئاساسىي ئاپپاراتتىكى توك مەنبەسى (Power) نى ئاچىمىز،سەلدىن كېيىن، XP Windows قوزغىلىدۇ.
      2) تاقاش
     XP  Windowsدىكى مەشغۇلاتنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغاندا،توك مەنبەسىنى بىۋاسىتە ئۈزۈۋېتىپ تاقاشقا بولمايدۇ،ئالدى بىلەن XP Windowsسىستېمىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ،ئاندىن كۆرسەتكۈچنى ئېتىش كېرەك،ئۇنداق بولمىغاندا،ھۆججەت يوقاپ كېتىدۇ ياكى پروگرامما بۇزۇلۇپ كېتىدۇ،ئېغىر بولغاندا كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالىغا زەخمەت يېتىپ قالىدۇ.
      كومپيۇتېرنى ئىشلەتمىگەندە،‹‹باشلاش››كۇنۇپكىسىنى تاق چېكىپ،‹‹باشلاش›› تىزىملىكىدىن ‹‹تاقاش›› بۇيرۇقىنى تاللاپ كۇنوپكىنى بېسىش كېرەك،بۇ چاغدا سىستېمىدا ‹‹كومپيۇتېرنى تاقاش›› دېگەن دىئالوگ رامكىسى كۆرۈنىدۇ.
      بۇ رامكىدىن ‹‹تاقاش›› تۈرىنى تاللىغاندا،سىستېما ھەرىكەتتىن توختايدۇ ھەمدە توك مەنبەسى ئاپتۇماتىك ئېتىلىدۇ. ‹‹قايتىدىن قوزغىتىش›› تۈرىنى تاللىغاندا،كومپيۇتېر ئېتىلىدۇ ھەمدە قايتىدىن قوزغىلىدۇ.
     3) ئەسلىگە كەلتۈرۈش
    XP  Windowsدا مەلۇم سەۋەبلىك ئىنكاس بولمىسا (قېتىپ قالسا)،ئاساسىي ئاپپاراتتىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش (Reset) كۇنۇپكىسىنى باسساق،كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبەسى ئۈزۈلمىگەن ئەھۋالدا،كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىدۇ.
     كومپيۇتېرنى قوزغىتىش بىلەن تاقاشنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى ئادەتتە 10 سېكونتتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك،ئۇنداق بولمىغاندا،قاتتىق دېسكىغا ئاسانلا زەخمەت يېتىپ قالىدۇ.
    3.  XP  Windowsنىڭ ئۈستەل يۈزى مەشغۇلاتى
     كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبەسىنى ئاچقاندىن كېيىن،ئالدى بىلەن قوزغىلىۋاتقان XP  Windowsنىڭ ئېكران يۈزى كۆرۈنىدۇ،ئاندىن مەشغۇلات يۈزى__ ئۈستەل يۈزى كۆرۈنىدۇ. ئۈستەل يۈزى دېگىنىمىز ئېكراندا كۆرگىلى بولىدىغان بارلىق دائىرىنى،يەنى ئابونتنىڭ خىزمەت ماكانىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئابونت بىلەن كومپيۇتېر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان كۆزنەك.

    ئۈستەل يۈزىدە بىز باشلاش مۇندەرىجىسى،ۋەزىپە ستونى،باشلاش كۇنۇپكىسى،مائۇسنىڭ نۇر بەلگىسى ۋە بەزى دائىم قوللىنىلىدىغان تېز گرافىك بەلگىلەرنى كۆرىمىز. بۇ گرافىك بەلگىلەرنى قوش چەكسەك،مۇناسىپ ئوبيېكىت ئېچىلىدۇ،مەسىلەن،ئەمەلىي قوللىلىنىدىغان پروگرامما،ھۆججەت قىسقۇچ قاتارلىقلار.
     4. تىزىملىكنىڭ ئىشلىتىلىشى
     XP  Windowsدا نۇرغۇن تىزىملىك شەكلى بار،مەسىلەن،باشلاش تىزىملىكى،مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىدىن چىقىدىغان تېز تىزىملىك،ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما كۆزنىكى ئۆزى ئېلىپ چىقىدىغان تىزىملىك قاتارلىقلار. تۆۋەندە ئاساسلىقى باشلاش تىزىملىكىنى تونۇشتۇرىمىز.
     1) تىزىملىك تۈرىنىڭ ئارقىدا ‹‹▶›› بەلگىسى بولسا،ئۇ،بۇ تىزىملىك تۈرىنىڭ ئارقىدا يەنە تاللاش تۈرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ،مائۇسنى بۇ تاللاش تۈرىگە توغرىلىغاندا،مۇناسىپ تارماق تۈر ئاپتۇماتىك ئېچىلىدۇ.
    2) تىزىملىك تۈرىنىڭ ئارقىدا ‹‹...›› بەلگىسى بولسا،ئۇ،بۇ تىزىملىك تۈرىنى تاق چەككەندە،يەنە بىر دىئالوگ رامكىسىنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    3) تىزىملىك تۈرىنىڭ يان تەرىپىدە ‹‹►›› بەلگىسى بولمىسا،تاللاش تۈرىنى تاق چەككەندە،ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما قوزغىلىدۇ ياكى دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ.
    5.كۆزنەكنىڭ تۈزۈلۈشى
    XP  Windowsدا نۇرغۇن كۆزنەك بار،ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئوخشاش گۇرۇپپا دېتاللىرىدۇر. مەسىلەن،‹‹مېنىڭ ئارخىبىم›› كۆزنىكى ئۆلچەملىك كۆزنەك بولۇپ،ئۇ ماۋزۇ ستونى،تىزىملىك ستونى،قورال ستونى قاتارلىق بىر قانچە قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ.
     1) ماۋزۇ ستونى: بۇ كۆزنەكنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىغا جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ،ئۇ نۆۋەتتىكى كۆزنەكنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ،سول تەرىپىدە تىزىملىكنى تىزگىنلەيدىغان كۇنۇپكا بار،ئوڭ تەرىپىدە ئەڭ كىچىكلىتىش،ئەڭ چوڭايتىش،ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تاقاش كۇنۇپوىسى بار.
     2) تىزىملىك ستونى: بۇ،ماۋزۇ ستونىنىڭ ئاستىدا بولۇپ،مەشغۇلات داۋامىدا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل زىيارەت قىلىش يوللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر تىزىملىك تۈرىدىن مەلۇم بىر تۈرنىڭ رەڭگى كۆلرەڭ بولسا،بۇ مەشغۇلات شەرتىنىڭ تېخى ھازىرلانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،شەرتى ھازىرلانغاندا،بۇ تۈرنىڭ رەڭگى قارا رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.
     3) قورال ستونى: ئۇنىڭدا دائىم قوللىنىلىدىغان بەزى ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى بار،قورال ستونىدىكى مۇناسىپ كۇنۇپكىنى چەكسەك،شۇ كۇنۇپكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات تاماملىنىدۇ. رەسىمگە قاراڭ:
     4) دومىلىتىش تاياقچىسى: خىزمەت رايونىدىكى مەزمۇن بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ،ھەممىسىنى كۆرسىتىش مۈمكىن بولمىغاندا،كۆزنەكتە ئاپتۇماتىك ھالدا دومىلىتىش تاياقچىسى كۆرۈنىدۇ،ئابونت تەكشى ياكى تىك يۆتكەش دومىلىتىش تاياقچىسى ئارقىلىق بارلىق مەزمۇنلارنى كۆرەلەيدۇ.
      6. ۋەزىپە ستونى
      ۋەزىپە ستونى ئۈستەل يۈزىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى كىچىك ئۇزۇن ستونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان،ئۇ سىستېمىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان پروگراممىسى ۋە ئېچىلىۋاتقان كۆزنىكى،ۋاقتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئابونت ۋەزىپە ستونى ئارقىلىق نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى قىلىپلا قالماي،بەلكى ئۇنىڭغا قارىتا بىر يۈرۈش لايىھىلەش ئېلىپ بارالايدۇ.
      1) ۋەزىپە ستونىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىشلىتىلىشى
      ۋەزىپە ستونى ‹‹باشلاش›› تىزىملىكى كۇنۇپكىسى،تېز قوزغىتىش قورال ستونى،كۆزنەك كۇنۇپكىسى ستونى ۋە خەۋەر قىلىش رايونى قاتارلىق بىر قانچە قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ. 
      (1) تېز قوزغىتىش قورال ستونى
      بۇ بەزى كىچىك كۇنۇپكىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ،ئادەتتىكى ئەھۋالدا،ئۇ توردا كۆرۈش قورالى بولغان Internet Explorer گرافىك بەلگىسى،ئېلېكرونلۇق يوللانما قوبۇل قىلىش- يوللاش پروگراممىسى بولغان Outlook Express گرافىك بەلگىسى ۋە ئۈستەل يۈزىنى كۆرسىتىدىغان گرافىك بەلگە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى تېز ئېچىش كۇنۇپكىسىنى چەككەندە،شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما قوزغىلىدۇ.

    (2) ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما تىزىملىك جەدۋىلى

    ‹‹ۋەزىپە ستونى›› دىكى مۇھىم بىر مەزمۇن__ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگرامما تىزىملىك جەدۋىلى. ئېچىلغانلىكى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پروگراممىنىڭ ھەممىسى ‹‹ۋەزىپە ستونى››غا تىزىلىدۇ. XP  Windows دا گەرچە بىرلا ۋاقىتتا،بىر قانچە پروگراممىنى ئېچىشقا بولسىمۇ،بىراق بىرلا پروگراممىنى ئالدى سۇپىغا قويۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

    ئېچىلىپ بولغان ئارقا سۇپىدىكى پروگراممىنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا،بۇ پروگراممىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئېچىلىپ بولغان پروگراممىنى ئالماشتۇرۇشتا،‹‹ۋەزىپە ستونى›› دىكى پروگراممىنىڭ نامىنى چەكسەكلا بولىدۇ. ‹‹ۋەزىپە ستونى›› دىكى كۇنۇپكا بېسىلسا،بۇ پروگراممىنىڭ نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان پروگرامما ئىكەنلىكىنى،يەنى ئالدى سۇپىدىكى پروگرامما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    (3) تىل ستونى

    ئابونت بۇ يەردىن ھەر خىل تىلدا كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى تاللىسا بولىدۇ،‹‹EN›› كۇنۇپكىسىنى تاق چېكىپ،كۆرۈنگەن تىزىملىكتىن كىرگۈزۈلىدىغان مۇناسىپ تىلنى تاللاپ،‹‹ ›› كۇنۇپكىسىنى تاق چېكىپ،كۆرۈنگەن تىزىملىكتىن مۇناسىپ كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى تاللىساق بولىدۇ. تىل ستونىنى ئەڭ كىچىكلىتىپ،كۇنۇپكا شەكلىدە ۋەزىپە ستونىدا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىلىشقا بولىدۇ. ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجەكتىكى ئەسلىگە قايتۇرۇش كىچىك كۇنۇپكىسىنى تاق چەككەندە،ئۇ ۋەزىپە ستونىنىڭ سىرتىدا مۇستەققىل كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

    (4) يوشۇرۇش ۋە كۆرسىتىش كۇنۇپكىسى

    ‹‹    ›› ۋە ‹‹    ›› كۇنۇپكىسى ھەرىكەت قىلمايدىغان گرافىك بەلگىنى يوشۇرۇش ۋە يوشۇرۇن گرافىك بەلگىنى كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ. XP  Windowsسىستېمىسى يېقىندىن بۇيان ئىشلىتىلمىگەن گرافىك بەلگىنى ئاپتۇماتىك يوشۇرۇپ قويۇپ،ۋەزىپە ستونىدىكى خەۋەر قىلىش رايونىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،ئۇ گرافىك بەلگىنى يوشۇرغاندا،كىچىك تېكست رامكىسى كۆرۈنۈپ،ئابونتنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

    (5) ئاۋاز تىزگىنلىگۈچ

    ۋەزىپە ستونىدىكى كىچىك كاناي شەكلىدىكى كۇنۇپكىنى تاق چەككەندىن كېيىن،ئاۋاز تىزگىنلەش دىئالوگ رامكىسى كۆرۈنىدۇ.

    (6) چىسلا كۆرسەتكۈچ

    ۋەزىپە ستونىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدە نۆۋەتتىكى ۋاقىت چىقىپ تۇرىدۇ،مائۇسنى ئۇنىڭ ئۈستىدە سەل توختاتقاندا،نۆۋەتتىكى چىسلا كۆرۈنىدۇ.

    7. ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچ

    كومپيۇتېردىكى ھەر خىل ئۇچۇرلار ھۆججەت شەكلى بىلەن ساقلىغۇچ (ماگنېتلىق دېسكا،نۇر دېسكا،ماگنېتلىق لېنتا قاتارلىقلار)دا ساقلىنىدۇ،ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچ مەشغۇلاتى كۈندىلىك مەشغۇلات ۋە كومپيۇتېر باشقۇرۇشتىكى ئاساسلىق خىزمەت. ھۆججەتنى كۆچۈرۈش،يۆتكەش،ئۆچۈرۈش،قايتا ئىسىم بېرىش قاتارلىق ئالاقىدار ساۋات ۋە مەشغۇلاتلارنى ئىگىلەش__ كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدىكى ئاساسلىق ماھارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  XP Windows دىكى ‹‹بايلىق باشقۇرغۇچ›› بىلەن ‹‹مېنىڭ كومپيۇتېرىم››دا ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى ۋە باشقۇرغىلى بولىدۇ.

    1) دېسكا بەلگىسى

    تۆۋەندىكى رەسىمدىن بىز مۇنداق بىر قانچە گرافىك بەلگىنى كۆرەلەيمىز:

    بۇ بىر قانچە گرافىك بەلگىنىڭ ئارقىسىدا ھەرپ بىلەن قوش چېكىت بار بولۇپ،ئۇلار دېسكا بەلگىسى دېيىلىدۇ.‹‹: A›› يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچ بولۇپ،ئۇ يۇمشاق دېسكا ئىشلىتىدىغان جايدۇر،ئارقىغا يەنە ‹‹3.5 يۇمشاق دېسكا›› دەپ يېزىلغان بولىدۇ. ‹‹:C››،‹‹:D››،‹‹:E›› دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ گرافىڭ بەلگىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش،ئۇلار كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قاتتىق دېسكىنى بىلدۈرىدۇ. ‹‹:F›› بەلگىسى نۇر دېسكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە،بىزنىڭ ھۆججەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېردىكى قاتتىق دېسكىغا ساقلىنىدۇ.

    بۇ يەردە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە،ھەر بىر قاتتىق دېسكا گرافىك بەلگىسىنىڭ كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى قاتتىق دېسكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىلا ئەمەس،بەزىدە باشقۇرۇشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن،بىز بىر بۆلەك فىزىكىلىق قاتتىق دېسكىنى لوگىكا جەھەتتىن بىر قانچە مۇستەققىل رايونغا ئايرىيمىز،بۇ لوگىكىلىق دېسكا دېيىلىدۇ. يەنى،گەرچە بۇ يەردە قاتتىق دېسكىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر قانچە گرافىك بەلگە بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە،كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدە بىرلا قاتتىق دېسكا بولۇشى مۈمكىن.

    قاتتىق دېسكا ھامانC دىن باشلاپ رەتكە تۇرغۇزۇلىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە،A ۋە B نىڭ ئىككىلىسى يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچقا قالدۇرۇلغان،يەنى،بىر كومپيۇتېرغا ئەڭ كۆپ بولغاندا،ئىككى يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچ قاچىلانغان بولىدۇ.

    2) ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچ

    (1) ھۆججەت

    ھۆججەت__ بىر گۇرۇپپا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنىڭ توپلانمىسى بولۇپ،ئۇ بىر پروگرامما،بىر تۈركۈم سانلىق مەلۇمات ياكى باشقا ھەر خىل ئۇچۇرلار بولۇشى مۈمكىن. ھۆججەت ئادەتتە،ماگنېتلىق دېسكا ياكى نۇر دېسكا قاتارلىق تاشقىي ساقلىغۇچتا ساقلىنىدۇ،پەرقلەندۈرۈشكە قولاي بولۇشى ئۈچۈن،ھەربىر ھۆججەتنىڭ ئۆزىنىڭ نامى بولىدۇ.

    ھۆججەت ئىسمى بەرگەندە،‹‹ |  >  < ? * : / ›› قاتارلىق بەلگىلەرنى ئىسىم قىلىپ بېرىشكە بولمايدۇ،چۈنكى بۇ بەلگىلەر باشقا ئورۇندا ئىشلىتىشكە بېكىتىلگەن.

    (2) ھۆججەت قىسقۇچ (مۇندەرىجە)

    ماگنېتلىق دېسكىدا ساقلانغان ھۆججەتلەرنى باشقۇرۇشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن،دائىم بەزى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ماگنېتلىق دېسكىدىكى ئالاھىدە بېكىتلگەن ئورۇندا ئورتاق ساقلىنىدۇ،بۇ ئالاھىدە بېكىتلگەن ئورۇن ھۆججەت قىسقۇچ (مۇندەرىجە) دېيىلىدۇ. ماگنېتلىق دېسكىدا كۆپ ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇشقا،ھەر بىر ھۆججەت قىسقۇچتا يەنە نۇرغۇن تارماق ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇشقا بولىدۇ. ھەر بىر ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئۆزىنىڭ نامى بولىدۇ،ئۇنىڭغا نام بېرىش پرىنسىپى ھۆججەتكە نام بېرىش پرىنسىپى بىلەن ئوخشاش.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق