ئىزدە تورى بۇندىن كېيىن ......

يوللىغۇچى : ئۇچقۇر يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-16 11:43:00

ئىزدە تورى بۇندىن كېيىن ...... مەن بۇ تور بېكىتىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ، رەڭدەرلىقى خۇددى كارتون رەڭلىرىگە ئوخشاپتۇ، ھەرقايسى ئۈنۈملىرىمۇ ئىنتايىن جانلىق چىقىپتۇ . ئىزدە تو...

    ئىزدە تورى بۇندىن كېيىن ......

        مەن بۇ تور بېكىتىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ، رەڭدەرلىقى خۇددى كارتون رەڭلىرىگە ئوخشاپتۇ، ھەرقايسى ئۈنۈملىرىمۇ ئىنتايىن جانلىق چىقىپتۇ .

         ئىزدە تورى بۇندىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىزدەش تورى شۇنداقلا بىردىنبىر مىللىلارنىڭ ئەڭ چوڭ مېدىيا تورىغا ئايلىنىشىغا تىلەكداشمەن . بارلىق كۈچۈم بىلەن قوللايمەن . [ مەنمۇ بىر گۈزەل سەنئەت كەسىپ ئېگىسى ھەم كومپىيۇتېر مەشغۇلاتچىسى ] قولۇمدىن كەلگەن ئىشلاردا بىر كىشىلىك توھپە قوشۇشقا ھەرۋاقىت تەييارمەن .

         مېنى ھەممىدىن بەك ياخشى جەلىپ قىلغىنى بىزنىڭ ھەممە ئۈن - سىن ئۇچۇرلىرىنى بۇ جايدىن تاپقىلى بولىدكەن  ھەم ئارىسىدا ئەبجەش سۆز ئېلانلىرىنىڭ يوقلىقى  ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ . يەنە  بۇ تورغا يوللانغان ناخشا - مۇزىكىلارنىڭ سۈزۈكلىكىگە ھەممىدىن ياخشى ئەھمىيەت بېرىلگەن . بۇ ناخشا ئىگىلىرىگە ھۆرمەت قىلغانلىق . تور بوشلۇقىنى دەپ دەرىجىدىن تاشقىرى پىرىسلاش ئۇسۇلى بارلىق ناخشا - موزىكىلارنىڭ سۈپىتىگە ئەڭ چوڭ تەسىر قىلىدۇ . چۈنكى بۇ ناخشىلارنى توردىن ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن ھەقىقىي ھوزور ئالالىغاندىلا ئاندىن ئەسلى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىشقا قىزىقىدۇ - كىشىلەر !

       مېنىڭ يەنە بىر پىكىرىم :

           بۇ تور بېكىتىگە [ بۇرۇنقى ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى ] ، [ بىزنىڭ مۇزىكىلىرىمىز ] ،[ناخشا ئەسلى ئاكورد مۇزىكىلىرى] قاتارلىق سەھىپىلەرنى قوشساڭلار ، بۇ ھەقىقەتەن كاتتا بىر ئىش بولغان بولاتتى .

          1) [ بۇرۇنقى ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى ] بۇ سەھىپە قويۇلسا بۇندىن بۇرۇنقى ، ئىجادىيەت ئىگىلىرى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكتىن يوقۇلۇش گەرداۋىغا بېرىپ قالغان  ئېسىل ناخشا - موزىكا ۋە سەنئەت غەزىنىلىرىنى يىغىۋالغىلى بولىدۇ . بۇ كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈنمۇ  ياخشى بىر ئىش قىلىغانلىق ... [كونا سىنئالغۇ دىكى ناخشا مۇزىكىلارنى ئىزدە تورىغا يوللاش ئۈچۈن ۋاقىتلىق بوشلۇق ئاجرىتىپ بېرىلىشى ۋە يوللاش تەلەپلىرى ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلىشى كېرەك ]  ناخشا يوللىغاندا ھەرگىزمۇ توردىن كۆچۈرۈپ ياكى ئۇلانما قىلىپ يوللاشنى  قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك . تور بىكەتنىڭ خاسلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم .

         2) [ بىزنىڭ مۇزىكىلىرىمىز ] بۇ سەھىپىگە مەخسۇس ئۆزىمىزنىڭ مىللىيچە موزىكىلىرى يوللانسا ،خەلقىمىز  ناخشىلام ئەمەس موزىكىدىنمۇ ھوزۇرلانسا . سەنئەتكارلىرىمىز تەرىپىدىن چېىلىنىپ چىققان موزىكىرىمىزنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولاتتى.

        3)[ناخشا ئەسلى ئاكورد مۇزىكىلىرى]  بۇ سەھىپە كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىىرى ئۈچۈن ھەم ئىجادىيەت ئېگىلىرى ئۈچۈن پايدىلىق . بۇنداق ناخشا ئەسلى ئاكورد مۇزىكىلىرى  چەتئەللەردە خېلى بۇرۇنلا  تارقىتىلغان .  بۇنداق قىلىشنىڭ ئىجادىيەتچىگە زىيىنى بولماستىن بەلكى ئۆزى ئوقۇپ بولغان ناخشىنى باشقىلار ئوقوشنى خالىسا  ئۆزىنىڭ ناخشىسىمۇ  خەلق ئارسىدا كەڭ ئوموملىشىپ قالماستىن ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى . ناخشا ئەسلى ئاكورد مۇزىكىسىنى ئۆزى ئوقوپ بولۇپ مەھكەم ساقلىۋالغاننىڭ مېنىڭچە ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولماسلىقى مۇمكىن ، باشقىلار ناخشىنىڭ سىن نۇسخىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئەگەر ناخشىنى ياقتۇرسا ياكى ئۆزى ئېيتىپ بېقىشنى خالىسا ئوقۇپ باقسۇن ، ئۇنى ئەسلىدىنمۇ ياخشى ئېيتالىسا تېخى ياخشى ئەمەسمۇ ؟ بەلكى ئۇ چاغدا ناخشا ئەسلى ئىجاىيەتچىسى ئۈچۈن تېخىمۇ بىر ياخشى ئىش بولمامدۇ ؟ [ مۇنداق دېگىنىم : ھازىر ناخشىنى مۇزىكىدىن ئايرىپ ، مۇزىكا ياساۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ ئەۋزىللىك ئەمەسمۇ ] 

        ( سىز ئوقوغان ناخشىنى سىزمۇ ئوقوڭ ، باشقىلارمۇ ئوقوسۇن ! لېكىن ناخشا يەنىلا بەرىبىر سىزنىڭغۇ ) بۇ ئويلۇنۇپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان نوقتا .

                 ئاخىرىدا :      بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم بولۇپلا قالماي بەلكى كەڭ خەلق ئامىسىنىڭ پىكىرى بولۇپ قېلىشىنى ، ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ  بۇ ساھەدە بەلگىلىك ئۈنۈم يارتىشقا بىر كىشىلىك توھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن !  تېنىڭلار سالامەت ، ئىشىڭلار ئۇتۇقلۇق ، ئائىلەڭلار بەختلىك ، تېنىڭلار سالامەت بولغاي !   موڭداشقۇ : 395291045         خەت ساندۇقى : wumarjan@sina.com

                   2008 - يىل   16 - نويابىر               ئۈرۈمچى   

     

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق