ھەقىقەت

يوللىغۇچى : halisa يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-16 12:29:14

ھەقىقەت پەزىلەت كىشى روھىنىڭ يادروسى، ئادىمىيلىك ھېسياتىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى شۇنداقلا ئادەمنىڭ روھى بايلىقى. ئۇ كىشىنى ياشاش مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، بىلىشكە ۋە تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەي...



     

    ھەقىقەت

      پەزىلەت كىشى روھىنىڭ يادروسى، ئادىمىيلىك ھېسياتىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى شۇنداقلا ئادەمنىڭ روھى بايلىقى. ئۇ كىشىنى ياشاش مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، بىلىشكە ۋە تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى چۈشىنىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق يولدۇر.

    ئىرادە، ھېسيات، ئىدىيە ۋە قەلب قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ روھىي جەھەتتىكى كۈزىتىش قۇراللىرى شۇنداقلا پەزىلەتنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىدۇر. ئادەم پەزىلەت ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەرەققىياتلىرىنى ۋە ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈڭ بەخت توغرىسىدىكى بىلىشلەردىن خەۋەردار بولالايدۇ.

    ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل يۈرگۈزەلەيدىغان، كۈزىتىش ئىقتىدارىغا باي كىشىلەرگە نىسبەتەن، پەزىلەت  مىسالى ناھايىتى سۈزۈك ۋە پاكىز ئەينەكتۇر.  ئۇ ئەينەك يۈزىدىن ياراتقۇچىنى كۆرەلەيدۇ، ياراتقۇچىنى تونۇيدۇ ھەمدە ياراتقۇچىنىڭ بەس-مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بۈيۈك ئورنى ۋە قۇدرىتىنى تەشۋىق قىلىدۇ.

    نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەزىلىتىنىڭ جۇغلانمىسى بولسا، ناھايىتى ئادىل، ھەققانىيەتچىل سوتچىغا ئوخشايدۇ.شۇڭا ھەر بىر كىشى شۇ ئادىل سوتچىنىڭ ھۆكۈمىگە ۋە قارارىغا بويسۇنۇشى، ھۆرمەت قىلىشى لازىمدۇر.

    ناۋادا بىر ئادەمنىڭ روھىي ۋە ئىدىيىۋى جەھەتتە ئۆزىگە قويغان تەلىپى قانچىكى يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھەرىكىتىمۇ تەلەپكە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. پەزىلەتنىڭ تېگىگە قانچە چوڭقۇرلىغانسېرى، ئاللاھنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېتەكلىشىگە ۋە ئىلھاملىرىغا نائىل بولالايمىز.

    مەلۇم بىر ئەنزىگە نىسبەتەن سوتچىلارنىڭ ھۆكمىمۇ ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ ئادىل سوتچى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر بولغان كۈزىتىش ئىقتىدارى ئارقىلىق، پاكىتقا تايىنىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ ھۆكۈمدىن ھېچقانداق كىشى نارازى بولمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ پەزىلىتى بولسا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۈزىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىشىدىن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدا خاتالىق ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ پەزىلەت ياراتقۇچىنىڭ بىشارىتى ۋە يېتەكلىشىگە ئىگە بولغاندا بولسا، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قۇدرىتىنى نامايان قىلىدۇ.  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.