تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى-04

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-23 12:20:03

‹ئوغۇز قاغان داستانى› ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتكۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ، ئۇ، يىگىت بولدى. بۇ چاغدا، بۇ يەردە، بىر چوڭ ئورمان بار ئىدى، ئۇنىڭدا كۆپ دەريا–ئېقىنلار بار ئىدى. بۇ يەردە...



    ‹ئوغۇز قاغان داستانى› ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

      كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ، ئۇ، يىگىت بولدى. بۇ چاغدا، بۇ يەردە، بىر چوڭ ئورمان بار ئىدى، ئۇنىڭدا كۆپ دەريا–ئېقىنلار بار ئىدى. بۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئىدى، قۇشلار ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. بۇ ئورمان ئىچىدە چوڭ بىر قىئات بار ئىدى، ئۇ مال–چارۋا ۋە خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىنتايىن ۋەھشى بىر ھايۋان ئىدى، ئۇ ئەل–جامائەتكە زور جەۋرى–جاپا كەلتۈرگەن ئىدى. ئوغۇز قاغان باتۇر ئادەم ئىدى. ئۇ بۇ قىئاتنى ئوۋلىماقچى بولدى.

     

       كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئوۋغا چىقتى.نەيزە ئېلىپ، ئوق، يا ئېلىپ، يەنە قىلىچ ئېلىپ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى. بىر بۇغا ئوۋلىدى، ئۇ، بۇ بۇغىنى تالنىڭ چىۋىقى بىلەن دەرەخقە باغلاپ قويۇپ كەتتى. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە، كۆردىكى قىئات بۇغىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە بىر ئېيىق ئوۋلاپ، ئۇنى ئالتۇن بەلۋىغى بىلەن دەرەخقە باغلاپ قويۇپ كەتتى. ئىككىنچى، كۈنى تاڭ ئاتقانداكەلگىنىدە، كۆردىكى، قىئات ئېيىقنى ئېلىپ كېتىپتۇ.

       ئۇ (ھېلىقى) دەرەخنىڭ تۈۋىدە تۇرغىنىدا، قىئات كېلىپ بېشىنى ئوغۇزنىڭ قالقىنىغا ئۇردى. ئوغۇز نەيزىسىنى قىئاتنىڭ بېشىغا ئوردى، ئۇنى ئۆلتۈردى، قىلىچ بىلەن بېشىنى كەستى. ئۇنى ئېلىپ كەتتى، ئۇ يەنە كەلگىنىدە كۆردىكى، شۇڭقار قىئاتنىڭ ئىچ–باغرىنى يەپ تۇرغان، ئۇ شۇڭقارنى ئوقيا بىلەن ئۆلتۈردى، ئۇنىڭ بېشىنى كەستى. ئاندىن كېيىن ئۇ ئېيتتىكى: «قاراڭ، مانا بۇ شۇڭقارنىڭ تۇرقى: قىئات بۇغا يىدى، ئېيىق يىدى، ئۇ گەرچە تۆمۈردەك قاتتىق بولسىمۇ نەيزەم ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈردى، شۇڭقار قىئاتنى يىدى، ئۇ گەرچە شامالدەك تېز بولسىمۇ ئوقيايىم ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈردى.»

       قاغان كېيىنچە دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارى بولىدۇ. ئوغۇز قاغاننىڭ تۈرك خەلقى ئىچىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورنى بار. بۇنىڭ سەۋەبى ئاسماندىن ئۇنىڭغا بىر كۆك نۇرنىڭ چۈشىشىدۇر. چۈنكى ئوغۇز قاغان قاچانكى تەڭرىگە سېغىنىپ ياردەم تەلەپ قىلسا ياكى دۇئا قىلسا ئۇنىڭغا ياردەم كېلەتتى.

        كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇز قاغان بىر يەردە تەڭرىگە سېغىنىۋاتقىنىدا، (ئەتراپ) قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك يورۇق چۈشتى، ئۇنىڭ ئىچىدىن ناھايىتى گۈزەل بىر قىز چىقتى ۋە ئوغۇز ئۇنىڭ بىلەن ئويلەندى. بۇ قىزدىن ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى بولدى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇز قويدى.

         ئوغۇز قاغان بىر كۈنى ئوۋغا چىققاندا، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ كاۋىكىدا ئىنتايىن گۈزەل بىر قىزنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەندى. بۇ قىزدىنمۇ ئۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتى بولدى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرنى ئاسمان، تاغ ۋە دېڭىز قويدى.

       ئوغۇز قاغاننىڭ داستاننىڭ بۇ بۆلۈمىدە ئېيتقانلىرى تارىخىمىزدىكى كۆپلىگەن دۆلەت ئەربابى تەرىپىدىن بىر غايە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى.

       ئارقىدىن قاغان كاتتا زىياپەت بېرىپ، ئەل–جامائەتنى تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كېلىپ قاتناشتى. قىرىق شىرە، قىرىق ئورۇندۇق ياساتتى. كۆپچىلىك تۈرلۈك نازۇ–نىمەتلەرنى يىيىشتى، تۈرلۈك مەي–شاراپلار ئىچىشتى. تويدىن كېيىن، ئوغۇز قاغان بەگلەرگە ۋە ئەل–جامائەتكە يارلىق چۈشۈرۈپ مۇنداق دېدى:

    ............................................

     

    مەن سىلەرگە بولدۇم قاغان ،

    ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان ؛

    تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان  ،

    كۆك بۆرە بولسۇن ھەم ئۇران ؛

     

    تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان،

    ئوۋلىقتا يۇرۇشسۇن مال–ۋاران؛

    ھەم ئاقسۇن دەريا ۋە ئېقىن ،

    قوياش تۇغ بولسۇن، ئاسمان قورغان.

     

       ئاندىن كېيىن، ئوغۇزقاغان تەرەپ تەرەپكە يارلىق چىقاردى. مەكتۇپ يېزىپ ئەلچىلەردىن ئەۋەتتى. ئۇلاردىن ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشلىرىنى تەلەپ قىلدى. بۇ چاغدا، ئوڭ تەرەپتە ئالتۇن قاغان دېگەن بىر قاغان بار ئىدى. بۇ ئالتۇن قاغان ئوغۇز قاغانغا ئەلچى ئەۋەتىپ، نۇرغۇن ئالتۇن–كۈمۈش، نۇرغۇن ياقۇت، ئۈنچە–مەرۋايىتنى سوۋغا قىلىپ، ئۇنىڭغا بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوغۇز قاغان ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتتى. سول تەرەپتە ئۇرۇم دېگەن بىر قاغان بار ئىدى. بۇ قاغاننىڭ شەھەرلىرى كۆپ ئىدى. ئۇرۇم قاغان ئوغۇز قاغاننىڭ يارلىغىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇنىڭ ئالدىغا بارمىدى. «بۇ سۆزلەرگە پىسەنت قىلمايمەن» دەپ يارلىققا بوي سۇنمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز قاغاننىڭ غەزىۋى كېلىپ، ئەسكەر چىقىرىشقا تەييارلاندى. تۇغلىرىنى كۆتىرىپ، ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئۇنىڭغا قارشى ئاتلاندى. قىرىق كۈندىن كېيىن، مۇز تاغ دېگەن تاغنىڭ باغرىغا يېتىپ باردى. چېدىر تىكىپ، شۈك بولۇپ ئۇخلاشتى. تاڭ سۈزۈلگەندە، ئوغۇز قاغاننىڭ چېدىرىغا كۈندەك بىر يورۇق چۈشتى. ئۇ يورۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە چىقتى. بۆرە ئوغۇز قاغانغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەي، ئوغۇز سەن ئۇرۇمغا ئەسكەر چىقارساڭ، مەن ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭىمەن.» شۇندىن كېيىن، ئوغۇز قاغان چېدىرلىرىنى يىغىپ، ئاتلاندى. قارىسا، لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە يول باشلاپ مېڭىۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىلگىرىلىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق بۇ چوڭ ئەركەك بۆرە يولدىن توختىدى. ئوغۇزمۇ لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە توختىدى. بۇ يەردە ئىتىل مۈرەن دېگەن بىر دەريا بار ئىدى. ئىتىل مۈرەن دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى قارا تاغ باغرىدا قاتتىق ئۇرۇش بولدى. ئىككى قوشۇن ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ جىددىي ئۇرۇش بولدى. ئۇرۇش ئەل–جامائەتنىڭ كۆڭلىگە كۆپ قايغۇ سالدى. ئۇرۇش شۇنداق قاتتىق بولدىكى، ئىتىل مۈرەن دەرياسىنىڭ سۈيى قىپ–قىزىل سىرغا ئايلاندى. ئوغۇز قاغان يەڭدى، ئۇرۇم قاغان قاچتى. ئوغۇز قاغان ئۇرۇم قاغاننىڭ قاغانلىقىنى ئالدى، ئەل–جامائەتنى ئۆزىگە قاراتتى، نۇرغۇنلىغان جانسىز ۋە جانلىق غەنىمەتلەر ئوغۇز قاغاننىڭ ئوردىسىغا كىردى.

        ئۇنىڭدىن كېيىن تاغ – تۆپىلىكلەرنى ئېشىپ، يولىنى داۋاملاشتۇردى. ئوغۇز قاغان چۈرچىت قاغانىمۇ يېڭىپ، ناھايىتى كۆپ غەنىمەت ئالدى. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئوغۇز قاغاننىڭ لەشكەرلىرىگە، نۆكەرلىرىگە ۋە خەلقىگە شۇنداق كۆپ غەنىمەتلەر چۈشتىكى، ئۇنى توشۇشقا شۇنچىلا ئات، قېچىر، كالىلار ئازلىق قىلدى. ئوغۇز قاغاننىڭ لەشكىرى ئىچىدە ياشانغان، تەجرىبىلىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى بارماقلىق يوسۇن بىللىگ ئىدى. بۇ چىۋەر ئادەم بىر ئىگىز ھارۋا ياسىدى. ھارۋا ئۈستىگە جانسىز غەنىمەتلەرنى قاچىلىدى، ھارۋىنىڭ ئالدىغا جانلىق غەنىمەتلەرنى قوشتى، ئۇلارغا ھارۋىنى تارتقۇزدى. نۆكەرلەر، ئەل - جامائەت بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولدى، ئۇلارمۇ ھارۋا ياسىدى. ئىگىز ھارۋا ماڭغاندا: ‹قانغا، قانغا›دېگەن ئاۋاز چىقاتتى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا«قانغا»دەپ ئات قويدى. ئوغۇز قاغان قانغالارنى كۆرۈپ، كۈلدى، ۋە: قانغا بىلەن جانسىز غەنىمەتنى جانلىق غەنىيمەت سۆرەپ ماڭسۇن. قانغا قاننى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، سېنىڭ ئىسمىڭ قانغۇلۇق بولسۇن ۋە بۇنى ھارۋا كۆرسەتسۇن دېدى ۋە يۈرۈپ كەتتى.

        ئوغۇز قاغان ئەسكەرلىرى بىلەن غەربنىڭ ئەڭ غەربىگىچە، شەرقنىڭ ئەڭ شەرقىگىچە باردى. ھىند، تاڭغۇت، سۈرىيە ۋە مىسىرنى ئالدى. ئوغۇز قاغان پۈتۈن دۇنيادا پەرمانلىرى ئىجرا قىلىنىدىغان بىر خاقانغا ئايلاندى. پۈتۈن ئىنسانلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىدى. ئۇلارغا مېھرى – شەپقەت كۆرسەتتى. سۆزلىرى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۇلۇغ پەرمانلار مىسالى قوبۇل قىلىندى.

       داستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قىسمىدا ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يېيىلغانلىقى ھەققىدە مۇنداق مەلۇماتلار بېرىلدۇ:

    .......................................................................................

       ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك، ئوغۇز قاغاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، مۇز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى. بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇيقۇدىن كېيىن، ئۇ چۈشىگە كەشكەنلىرىنى ئوغۇز قاغانغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ھەي، قاغانىم، ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن، ھەي قاغانىم، سېنىڭ ئەل - نىزامىڭغا ئادالەت يار بولسۇن؛ كۆك تەڭرى چۈشۈمدە ماڭا ئىشارەت قىلغان نەرسىلەرنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرسۇن، تەڭرى پۈتۈن دۇنيانى ساڭا بېغىشلىسۇن!

        ئوغۇز قاغان ئۇلۇغ تۈركنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدى ھەمدە: ئېيتقىنڭ كەلسۇن،- دېدى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا، بالىلىرىنى چاقىرىپ كەلتۈرۈپ ئېيتتىكى: ھەي (ئوغۇللىرىم) ئوۋنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ، ياشىنىپ قالغانلىغىم ئۈچۈن، ئوۋغا چىقىشقا چامىم يەتمەيدۇ، كۈن، ئاي، يۇلتۇز، ئۈچىڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار. كۆك، تاغ، دېڭىز ئۈچىڭلار تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە، قالغان ئۈچى تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە كەتتى، كۈن، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىدى ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز قاغان شاتلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى: ;ھەي، ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككىچە ئېتىڭلار.يەنە شۇندىن كېيىن، كۆك، تاغ ۋە دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىغاندىن كېيىن، يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.ئوغۇز قاغان شاتلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى:ھەي، ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ. سىلەر ئوققا ئوخشاش بولۇڭلار.

        شۇندىن كېيىن، ئوغۇز قاغان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى. نۆكەرلىرىنى، ئەل - جامائەتنى چاقىرتتى، ئۇلار كېلىپ بار مەسلىھەت ئولتۇرۇشتى. ئوغۇز قاغان چوڭ چېدىردائوڭ تەرىپىگە، قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇنى ئاستى، ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى. ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئاستى، تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى. ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار ئولتۇردى، سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇردى. قىرىق كېچە كۈندۈز توي بولدى. ئىچىشتى، يىيىشتى، خۇرسەن بولۇشتى. شۇندىن كېيىن، ئوغۇز قاغان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۆلەشتۈرۈپ بەردى، ئېيتتىكى:

        ھەي، ئوغۇللىرىم! مەن كۆپ ياشىدىم، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. يا بىلەن كۆپ ئوق ئاتتىم، ئايغىر بىلەن كۆپ يوللارنى كەزدىم، دۈشمەنلەرنى زار يىغلىتىپ، دوستلارنى شاد ئەيلەتتىم. تەڭرى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. ئەمدى يۇرتنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن.

    مەنبە_تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.