ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 19

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-03 13:03:20

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 19(ئەھمەت يەسىۋىي ھەققىدە) ئەزىز قېرىنداشلار! بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا تۈرك خەلقىنىڭ ئاتاقلىق مۇتەسسەۋۋۇپ ئالىمى ئەھمەت يەسىۋىنى تونۇشتۇرىمىز. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ...



     

    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 19

    (ئەھمەت يەسىۋىي ھەققىدە)

     

       ئەزىز قېرىنداشلار! بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا تۈرك خەلقىنىڭ ئاتاقلىق مۇتەسسەۋۋۇپ ئالىمى ئەھمەت يەسىۋىنى تونۇشتۇرىمىز.

        تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى بولغان ئوغۇز تۈركلىرى، دۇنيانىڭ جەننىتى ھېسابلىنىدىغان تەڭرى تېغىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئوغۇز تۈركلىرى بۇ تاغدىكى يۈرتلىرىنى «قوياش»، شەرقى قىسمىنى «خىتاي»،  غەربىي قىسمىنى «خوراسان» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان ئىدى.

        تەڭرى تېغىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى شۇ قەدەر گۈزەل ئىدىكى، بۇ ئۇلۇغ تاغنىڭ چوقىلىرى قىشىمۇ ـ ياز قار بىلەن قاپلىنىپ تۇراتتى. تاغ باغرى بولسا، بۇك ـ باراقسان  ئورمانلار بىلەن،  يايلاق ۋە ئويمانلىقلىرى، ياۋا ئوت ـ چۆپ، چېچەكلەر بىلەن تولۈپ تۇراتتى. باھار كەلگەندە بولسا، رەڭگا ـ رەڭ گۈل ـ چېچەكلەر ئېچىلىپ، بۇ يەرنى گويا جەننەتكە ئايلاندۇرۇپ قوياتتى.

        بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز مانا بۇ گۈزەل جەننەت مىسالى ماكاندا توپ ـ توپ بولۇپ، ئاپئاق چېدىرلاردا ياشايتتى. بۇ يەردىكى تەبىئەتنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكى ئۇنىڭغا چۆمۈلۈپ ياشىغان تۈرك ئەجداتلىرىمىزنىڭ رۇھىي دۇنياسىنى گۈزەللىك پەلەسپىسى بىلەن تويۇندۇرغان ئىدى. تەڭرى تېغىدا ياشىغان ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىز ھەر كۈنى ئەتىگىنى چىققان قوياشنى سەيرى قىلاتتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولغان ھالدا تەپەككۈرگە چۆمۈلەتتى. شۇڭا ئۇلار «پۈتۈن مەۋجۇدىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى قوياشتۇر» دەپ ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ قاراش «شامانىزىم» دەپ ئاتىلىدىغان ئېتىقاد سىسىتېمىسىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئەمما ھەر كۈنى بىر چىقىپ، بىر پېتىپ تۇرىدىغان قوياشنىڭمۇ بىر ياراتقۇچىسى بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭا قەدىقىي ئەجداتلىرىمىز بۇ پىكىرگە ئاساسەن، «كۆك تەڭرىسى پۈتۈن مەۋجۇدىيەتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئۇ كائىناتتا ئۆزىنى ھەر خىل شەكىلدە نامايان قىلىدۇ» دېگەن ئەقىدىگە ئىگە بولدى.

        كۆكتە قوياش، يىلدىزلار ۋە بۇلۇتلار، يەردە دېڭىز، تاغ ھەمدە زېمىننىڭ شاتلىقى بولغان دەرەخ، گۈل ـ گىياھلار، ھايۋانلار شۇنداقلا پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى بولغان ئىنسانلار سۆيگۈ ئىچىدە ياشېشى كېرەك ئىدى.

    *************************************************

     

       تەسەۋۋۇپتىمۇ «كائىناتنىڭ يارىتىلىشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل سۆيگۈدۇر» دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا تەسەۋۋۇپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار "ئىشق"نى ئاساس قىلغان ۋە نەپسىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن "ئىشق"نى چىن ۋۇجۇدىدا ھېس قىلغان ئىدى.

    بۇ قاراشنى يۈسۈف ئەمرە: ـ

    ئىشق شارابىنى ئىچتىم،

    ئېچىپ نېمە بولغاننى بىلمىدىم،

    ساڭا يەتمەك ئۈچۈن ھەردەم

    ئۆزۈمدىنمۇ ۋاز كەچتىم.

     دېگەن مىسرالىرى بىلەن ئىنتايىن گۈزەل شەكىلدە ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى.

       مۇتەسەۋۋۇپلارمۇ «ئىچىڭدە ئىشقنىڭ بولغانلىقى ياخشىنى ياماندىن، گۈزەللىكنى چېرىكلىكتىن ئايرىشنى بىلگەنلىكىڭدۇر. ئىشقنى ھېس قىلالايدىغان كىشىلەر ھەقىقىي يېتىشكەن ئىنسانلاردۇر. يېتىشكەن ئىنسان ئۆز ـ ئۆزىنى بىلگەن ئىنساندۇر. بۇ بىلىشنىڭ يولىمۇ "ئىشق"تىن ۋە مۇرشىدىنىڭ سۆھبىتىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ» دېگەننى ئىلگىرى سۈرىدۇ.  

       دەرۋەقە، مۇتەسسەۋۋۇپلار تەسسەۋۋۇپقا قوشۇپ، قەدىمقى تۈرك پەلسەپىسىنىمۇ ساقلاپ قىلىشقا تىرىشقان ۋە بۇ مەنىۋىي مىراسلارنى ھەر تۈرلۈك يات پىكىرلەرنىڭ تەسىرىدىن قوغداپ كەلگەن ئىدى.

       ئەھمەت يەسىۋىي ئەنە شۇ قەدىمقى تۈرك پەلسەپەسىنى ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇپ مەڭگۈ ياشناتقان، كاتتا مۇتەسسەۋۋۇپ شائىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارخىمىزدىكى قەدىر قىممىتى ئىنتايىن يۈكسەك، چۈنكى ئۇ ئىسلام دىنى تۈرك دۇنياسىغا يېيىلىغان ئەسىرلەردە تەسەۋۋۇپنىڭ رۇھىمىز ئۈستىدىكى قانچىلىغان ئەسىرلىك ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىشىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان  ئىدى.

    ****************************************

      ئەھمەت يەسىۋىنىڭ ھاياتىغا دائىر مەلۇماتلار ئاساسەن دېگۈدەك مۇناقىبنامەلەرنى، (تونۇلغان شەخسلەرنىڭ ياكى تارىخىي شەخسلەرنىڭ تەرجىمېھاللىرىنى) ئۆزىگە مەنبە قىلغان بولۇپ، بۇ مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەھمەد يەسىۋىي ئىبراھىم ئىسىملىك بىر شەيخنىڭ ئوغلى ئىدى. تۈركىستاننىڭ «يەسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزىسىدا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا "يەسىۋى" دېگەن فامىلە قويۇلغان ئىدى. ئەھمەد يەسىۋىگە كەڭ تۈركىستان خەلقى ھەتتا «تۇركىستاننىڭ پىرى» دەپمۇ نام بەرگەن ئىدى.

       ئەھمەد يەسىۋى 7 ياشقا كىرگەندە دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، خوراسان ئەۋلىيالىرىدىن بىرى بولغان بابا ئاسلان ئەھمەد يەسىۋىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تۇنجى قېتىم بايقىغان كىشى ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئەنئەنىلەرگە كۆرە، تەسەۋۋۇپ قارىشىغا ئىگە زاتلار يۇرتمۇ ـ يۇرت ئايلىنىپ، ئەقىل ـ ئىدراكىغا ۋە پارلاق ئىستىقبالىغا ئىشەنگەن ياشلارنى تاللاپ يېتىشتۇرۇپ چىقاتتى ۋە ئۇلارغا تەسەۋۋۇپ ئامانىتىنى تاپشۇراتتى. ئەھمەد يەسىۋىمۇ بابا ئاسلان تەرىپىدىن تاللىنىپ، ئۇنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى مەرتىۋىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كېيىنكى چاغدا بۇخاراغا بېرىپ، شەيخ يۈسۈف ھەمدانىغا تالىپ بولدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنى ئايلاندى. شەيخ يۈسۈف ھەمدانى 1160 ـ يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇخارادا ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدى. ئارىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەسىگە قايتىپ كېلىپ تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر يەسىدە تەسەۋۋۇپ قاراشلىرىنى يېزىش بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەياندا ئۇ تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەخلاقىي ۋە دىنىي شېئىرلارنىمۇ يازغان ئىدى.

       ئۇ مانا شۇنداق ئىلمىي خىزمەتلىرىنى داۋام قىلدۇرىۋاتقان مەزگىللەردە، خۇراساندا ئەرەپ ۋە غەيرى ئەرەب مەدەنىيەتلىرى چوڭقۇر تەسىر قوزغىماقتا ئىدى. شۇڭا ئەھمەد يەسىۋى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن تۈرك پەيلاسوپلىرى تۈرك خەلقىنىڭ قەلب ـ ۋىجدانىدا يىلتىز تارتقان مەنىۋىي بايلىقلىرىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ھېساپلاپ بىلىپ كەلدى. بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، بۇ مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ ئارقىدىن مىڭلىغان ئاۋانگارت ئىنسانلار ئۇزۇلمەي ئېقىن يارىتىپ كەلگەن ئىدى.

        ئەھمەد يەسىۋى سىياسىي قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىۋاتقان مەزگىللەردىمۇ ئۆز پىكرى بىلەن خەلققە ئىلىم نۇرى چېچىشنى توختاتمىدى. ئۇ بىر قول ھۇنەر سەنئىتى ئۇستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياغاچتىن قوشۇق ۋە چۆمۈچلەرنى ياساپ سېتىپ، كۈۈندۈلۈك تۇرمىشىنى قامدايتتى. ئەھمەد يەسىۋىنىڭ پىكىرلىرى تەسەۋۋۇپ دۇنياسىدا بارغانچە ئومۇملىشىشقا باشلاپ، ئۇنىڭ نامى تۇركىستاندىن ماۋىرىئۇنەھىرگىچە، خوراساندىن خارىزىمگىغىچە كەڭ تارقالدى. ئۇ سەيخون ۋە تاشكەنت يېزىلىرىنىڭ بوزقىرلىرىدا ياشايدىغان كۆچمەن تۈركلەرگە ئىسلام ئېتىقادىنى سىڭدۈرۈشتە زور تەسىر ياراتقان ئىدى. ئوخشاش بولمىغان ناھىيەلەرگە خەلپەتلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۆز تەرىقىتىنى ناھايىتى قولاي بىر شەكىلدە ئومۇملاشتۇردى. يەسىۋىلىك تەرىقىتى كۆچمەن تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇلارنىڭ قەدىمقىي تۈرك ئۆرپ ـ ئادەت، ئەنئەنىلىرىنىمۇ ئۆز قوينىغا ئالغان بىر مائارىپ سىستېمىسى شەكلىدە ئومۇملىشىشقا باشلىدى. كېيىنكى چاغدا ئۇنىڭ تەسىرى دائىرىسى چېگرالاردىن ھالقىپ، خوراسانغىچە، ھازار دېڭىزىنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي ساھىللىغىچە كېڭەيدى.  13 ـ ئەسىردە بولسا، ئەزەربەيجان ئارقىلىق ئانادولۇغىچە يېتىپ كەلدى. يەسىۋىلىك تەرىقىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، كېيىنچە بابائىيلىك ۋە بەكتاشىلىق تەرىقىتى دېگەنگە ئوخشاش خىلمۇخىل تەرىقەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە يول ئاچتى.

        ئەھمەد يەسىۋى ھەر دائىم يات مەدەنىيەتلەرگە قارشى تۈرك مەدەنىيىتىنى قوغداپ كەلدى. شۇڭلاشقا ئۇ خەلقنىڭ قەلب ۋىجدانىدا ئەسىرلەردىن بۇيان ياشناپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنىڭ ئاساسى "ئىشق" بولۇپ، بۇ يول ئىنتايىن نەتىجىلىك بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى مۇنداق ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى:

        «مۇشەققەتلىك يوللارغا كىرگەننىڭ ھالى خاراب بولىدۇ، بۇ يولدا سان ـ ساناقسىز ئاشىقلار تۇپراققا ئايلاندى. ئاشىق بولۇش ئۈچۈن ئىشىق بېغىغا كىرىش لازىم. بىراق بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئالدى بىلەن نەپسىنى مەغلۇپ قىلغان بولۇشى لازىم. ئىشق ئوتىدا كۆيگەن ھەقىقىي ئاشىقلارنىڭ رەڭگى سامان، ئۆزى سەرسان، قەلبىي سۇنۇق، كۆزى ياشلىق گويا بىر توفانغا ئوخشايدۇ»

    **********************************************

        ئەھمەد يەسىۋىنىڭ "ئىشق" ۋە گۈزەللىك يولىدا تەلقىن قىلغان مەزكۇر قاراشلىرى كېيىنكى چاغدا ئاۋشار بابا، پىر دەدە، ئاقيازىلى، سارى سالتۇق، خوروز دەدە ۋە ھاجى بەكتاشى ۋەلى قاتارلىق مۇتەسەۋۋۇپلار تەرىپىدىن ئانادولۇغا ئومۇملاشتۇرۈلدى.

       ئەھمەد يەسىۋىنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈسى شۇ قەدەر چۇڭقۇر ئىدىكى، ئۇ ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالامنىڭ ۋاپات بولغان يېشىغا كەلگىنىدە (يەنى 63 ياشقا قەدەم قويغىنىدا) دۇنيادا ياشاشنى خالىمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۆيىنىڭ  ئاستىغا ياساتقان رىيازەتخانىسىغا كىرىۋىلىپ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىدى. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىنى «ھۆسنى مۇتلەق»قە يەنى، ئاللاھنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن "مۇقەددەس سۆيگۈ"نىڭ تەمىنى تويغىچە، تەنھا تېتىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، 1166 ـ يىلى يەسىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ دادىسىدىن ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا يەسىۋى ئائىلىسىنىڭ جەمەت ئۇرۇقى قىزى جەۋھەر شەھناز ئارقىلىق داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

    ************************************************

         ئەھمەد يەسىۋى تۈركىي خەلقلەر تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىنىڭمۇ بايراقدارى بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆز پىكرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بارماق ۋەزنى ۋە ساپ تۈركچە بىلەن شېئىرلارنى يازغان ئىدى. ئۇنىڭ «ھىكمەت» دەپ ئاتىلىدىغان سوپىستىك شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ كۆرىنەرلىك ئالاھىدىلىكى، پىكىر جەھەتتە تەسەۋۋۇپقا ۋە قىلىپ جەھەتتە تۈرك خەلق ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئەخلاق، گۈزەللىك، ئىنسانپەرۋەرلىك  ۋە دىنىي پىرىنسىپلارغا ئائىت قاراشلار مەزمۇن قىلىنغان ئىدى. ئىستېتىك سەنئىتىنى ئەمەس، بەلكى ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىلا مەقسەت قىلغان بۇ سۇپىستىك شېئىرلار 1882 ـ يىلى توپلىنىپ، «دىۋانى ھېكمەت» نامى بىلەن نەشىر قىلىندى.

       بۇ ئەسەردە ئەھمەد يەسىۋىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن باشقا يەنە، يەسەۋى دەرۋىشلىرىنىڭمۇ ھېكمەتلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ھۆكمەت ئېيتىدىغان يەسىۋى دەرۋىشلىرى، ئۆز شەيخلىرىگە بولغان ھۆرمەت يۈزسىدىن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىشمىغان ئىدى. شۇڭا بۇ ئەسەر مۇئەلىپىلىرى ئورتاق بىر ھېكمەت كىتابى بولۇپ قالدى. «دىۋانىي ھىكمەت»نىڭ قولىمىزدىكى ئەڭ قەدىمىي نۇسقىسىمۇ 17 ـ ئەسىردىن قالغان بولۇپ، شۇڭا بۇ ھېكمەتلەردىن زادى قايسىسىنىڭ ئەھمەت يەسىۋىگە ئائىت ئىكەنلىكى ئېنىق ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ.

         ئەھمەد يەسىۋى بىر تۈرك پەيلاسوپى بولۇش بىلەن بىرگە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈرك ئەدەبىيات تارىخىنىڭ تۇنجى مۇتەسسەۋۋۇپ شائىرى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى تۈرك خەلقىگە ئىلىم نۇرى چېچىش ۋە يول كۆرسىتىشكە ئاتىغان بىر مۇرشىد بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلىنىدىغان قىممەتلىك بۇزرىكۋارلىرىمىزدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ يەردە ئەھمەد يەسىۋىنى يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.

     

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.