ئادەم بەدىنىدىكى قىزىقارلىق رەقەملەر
فىرانسىيەلىك بىر ئاناتومىيە ئالىمى ئادەم تىنى ۋە كىشىلىك ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك بىر گۇرۇپپا قىزىقارلىق رەقەملەرنى توپلىعان . ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسنىڭ پوستلاق قەۋىتىنى كېرىپ، قاتلاملىرىنى تۈزلەپ سىيرىسا، قىلىنلىقى ئۈچ مىللىمېتى، كۆلىمى 90*60 كۋادرات سانتمېتىر بولغان بولاق پىرەنىككە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 1424 گرام، قېرىغاندا بولسا 1395 گرام كېلىدىكەن، ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىق رېكورتى 2049 گرام ئىكەن. توققۇز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دېنوزاۋورنىڭ چوڭ مېڭىسى پەقەت ياڭاق چوڭلۇقىدا بولۇپ، ئېغىرلىقى 70 گرام كېلىدىكەن .
ئادەم نېرۋا سىستىمىسىنىڭ −سېگنال يەتكۈزۈش سۈرئىتى سائىتىگە 288 كىلومىتىرغا يېتىدىكەن. قېرىلىق مەزگىلىگە بارغاندا سۈرئىتى % 15 ئاستىلايدىكەن .
ئادەم تىلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى توققۇز سانتىمىتىز ، ئېغىرلىقى 50 گرام كېلىدىكەن . تىل 17 تال مۇسكۇلدىن تەركىب تاپىدىكەن ، شۇڭا ئۇ ناھايىتى ھەرىكەتچان بولىدىكەن .
ياش چوڭايغانسىرى قۇلاق ئۇزىرايدىكەن . ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 10 يىلدا قۇلاق 2.2 مىللىمىتىر ئۇزىرايدىكەن. ئادەمدە 1____ 3 مىليون ئەتراپىدا چاچ بولىدىكەن. ئەرلەر ساتىراچخانىغا قەرەللىك بارسا، ئۆمرىدە چۈشۈرۈۋەتكەن چېچى توققۇز مېتىردىن 10 مېتىرغىچە بولىدىكەن.
ئادەملەر 75 -80 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرسە، يۈرىكى 3 مىليارد قېتىم سوقىدىكەن، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 300 گرام كېلىدىغان يۈرەك ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 200 مىڭ كىلومىتىر بولغان قان تۇمۇر سېستىمىسى ئارقىلىق قاننى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن .
ئاياللار پۈتۈن ئۆمرىدە 25 توننا يېمەكلىك يەيدىكەن، 37 مىڭ لېتىر ئۇسسۇلۇق ئىچىدىكە . ئەرلەر بولسا پۈتۈن ئۆمرىدە 22 توننا يېمەكلىك يەيدىكەن، 33 مىڭ لېتىر سۇ ئىچىدىكەن. ئاياللارنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە يېگىنىنىڭ ئەرلەرگە قارىغانداكۆپ بولۇشىغا ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن بولغانلىقى سەۋەب بولغان، ئاياللارنىڭ يىغلاش قېتىم سانى ئەرلەرنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن ، نەتىجىدە ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەرلەرگە قارىغاندا يەتتە يىل ئۇزىرايدىكەن.
[hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-24 11:22:00]
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر
ۋېنسۇئېلا تۇنجى قېتىم روسىيىنىڭ T-72B1 تىپلىق تانكىسىغا ئىگە بولدى
2011-06-01