ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﻰ

يوللىغۇچى : ilterish يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-05 18:09:00

بۇ مۇنبەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىزدىنىش،ئىجاد قىلىش،يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەركىنلىك خاھىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ! مۇنبەر باياناتى. 1. ئىجادىيەت مۇنبىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئى...

         بۇ مۇنبەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىزدىنىش،ئىجاد قىلىش،يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەركىنلىك خاھىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ! مۇنبەر باياناتى.

     1. ئىجادىيەت مۇنبىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىزدىنىش، ئىجاد قىلىش ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەركىنلىك خاھىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان مەخسۇس ئەدەبىيات مۇنبىرى؛ بۇ مۇنبەر ئەدەبىياتتىن باشقا يەنە سەنئەت، تىل، مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە ۋە تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.

        2. شۇڭا، بىز بۇ مۇنبەردە ھەر خىل ژانېردىكى سەرخىل ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ، سۈپەتلىك ماقلىلەرنى، قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋە ئەستايىدىل ئىنكاسلارنى ئېلان قىلىشنى ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەركىن-ئازادە ۋە سەۋىيىلىك مۇھىت بەرپا قىلىشنى خالايمىز.

       3. بۇ مۇنبەردە ئىجادىيەت ئەركىنلىكى دەخلى-تەرۈزسىزدۇر. لېكىن مۇنبەرنىڭ خاراكتېرى ۋە مەقسىدى سەۋەبىدىن ، مۇنبەردە ئەسەر تەكشۈرۈش تۈزىمى نىسبەتەن قاتتىق بولىدۇ. قىممىتى يوق دەپ قارالغان ئەسەر ۋە يازمىلار تەستىقلانمايدۇ.

        4. بۇ مۇنبەرنىڭ ئىلمىي، لىللا ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، ھاقارەتلىك سۆز جۈملىلەرنى ئىشلىتىدىغان ۋە خەتەرلىك پىكىر-ئىدىيىلەرنى تەرغىپ قىلىدىغان ھەرقانداق يازما تەستىقلانمايدۇ ياكى مۇۋاپىق تەھرىرلىنىدۇ. ئەسەر ۋە يازمىلارغا ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ ئىمكانقەدەر ئەتراپلىقراق ، ئىلمىيرەك ۋە چوڭقۇرراق پىكىر قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ، پۈچەك، تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز، يامان غەرەزلىك ۋە بۇرمىلانغان ئىنكاسلار ئۆچۈرىۋېتىلىشى مۇمكىن.

           5. بۇ مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقۇقى ئەسەر ئاپتورى بىلەن ئىجادىيەت مۇنبىرىگە مەنسۇپ، باشقا تور ۋاستىلىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇ ئەسەرلەردىن نەقىل ئېلىنسا، مەنبە ئەسكەرتىلىشى كېرەك.

         6. بۇ مۇنبەردە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ ھەرقانداق سۆزلەرنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ ، جۈملىدىن ئىرقىي ، جىنىسي ۋە دىنىي كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنى چاپلاشقا بولمايدۇ. ھەرقانداق شەكىلدىكى ئېلانلارنى چىقىرىشقىمۇ بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز قىلمىشى تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن قانۇنىي جاۋاپكارلىققا ئۆزى ئىگە بولىدۇ.

     ئىجادىيەت مۇنبىرى 2007-يىل 13- مارت

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق