ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۆزبىك تىلى

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-26 13:09:00

ئۇيغۇر تىلى جوڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئاپتونوم مىللىتى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىشلىتىدىغان تىلى ۋە يېزىقى ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى 10 مىليوندىن كۆپ. جوڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇ...

     

     

    ئۇيغۇر تىلى جوڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئاپتونوم مىللىتى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىشلىتىدىغان تىلى ۋە يېزىقى ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى 10 مىليوندىن كۆپ. جوڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مەمۇرىي پائالىيەت، ئىجتىمائى ئالاقە، رادىئو-تېلىۋىزىيە، خەۋەر، ئەدەبىيات-سەنئەت، مىللىي مائارىپ، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ھەرقايسى ساھالەردە  ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىدىغان تىلى.
    قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى مىلادى 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىلى. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىل سېستىمىسىغا، تۈرك تىل ئائىلىسى قارلۇق تىلى گۇرۇپپىسىغا مەنسۈپ.
       قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئەڭ دەسلەپتە تۈرك-رونىك يېزىقىدا قۇراشتۇرۇلغان. كېيىن سوغدى ئېلىپبەسى ئاساسىدا قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى شەكىللەنگەن. مىلادى 11-12-ئەسىرلەردە  ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدا قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى شەكىللىنىپ يەنە كېيىن ئەرەب-پارىس يېزىقىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلىپ،  چاغاتاي يېزىقى دەپ ئاتالغان يېزىق سېستىمىسى بارلىققا كەلگەن، بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۆزبېكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىدىل ۋادىسى، ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە قەدەر بىر تۇتاش ئىشلىتىلگەن. 1930-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبېك تىلى بارا-بارا پەرقلىنىشكە بولۇپمۇ زامانىۋى يازما ئەدەبىياتى ئېغىز تىلىغا بىنائەن شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئىككى تىل بارا-بارا پەرقلىنىپ ، پەرقى كۈنسېرى چوڭايغان.  يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۆزبېكلەر شۇ چاغدا ئىشلىتىۋاتقان سىلاۋيان يېزىقىغا كۆچۈشكە سىنالغان. ئەمما جوڭگۇ سوۋېت مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەنلىكتىن ئىسلاھات ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 70-يىللاردا جوڭگو گوۋۇيۇەن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن خەنزۇ تىلى پىنيىنىنى ئاساس قىلغان لاتىن  ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى تەسىس قىلغان، ۋە 1983-يىلىغا قەدەر ئىشلىتىلگەن، 1983-يىلى ئۇيغۇرلار يەنە ئىلگىرىكى ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئېلىپبەگە قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئۆ ۋە ئۈ ھەرپىنى تەسىس قىلىپ،  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى قېلىپلاشقان.
     ئۆزبىك تىلىمۇ ئوخشاشلا ئالتاي تىل سېستىمىسى تۈرك تىل ئائىلىسى، قارلۇق تىلى گۇرۇپپىسىغا مەنسۈپ تىل.  ئۆزبىك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ناھايتى يېقىن، تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى ۋە ئازغىنە كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلۈكتىن باشقا  ئاساسى پېئىل ۋە سۆزلۈكلىرى، گىرامماتىكا قۇرۇلمىسى، ھالەت ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئورتاقىلىقى %70-%80 پىرسەنتكە يېتىدۇ. ئالاھىدىلىكى: ئۆزبىك تىلى  ئۇيغۇر تىلى ۋە قازاق تىلىلىرىغا ئوخشاش كەلپۈك شەكلىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە بىرلىككە كېلىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئۆزبىك تىلى ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت تىلى بولۇشتىن باشقا يەنە ئافغانىستاندىكى بەلىخ رايونى ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد ئوبلاستى، قازاقىستاننىڭ چىمكەنت-تۈركىستان ئەتراپىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئانا تىلى، ئافغانىستاندىكى ئۆزبېكلەر ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئەسىر چاغاتاي يېزىقىدىكى ئېلىپبەنى ئىشلەتكەندىن باشقا ئۆزبېكلەرنىڭ ھەممىسى سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئېلىپبەنى ئىشلىتىدۇ. ئۆز بېكلەر ئارىسىدا يەنە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى بىر خىل ئېلىپبە غەيرى رەسمى ئۇمۇملىشىۋاتىدۇ.

          شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 15مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن تىل-مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئورتاقلىق  بولغاچقا كۆپ ساندىكى ئۆزبىكلار ئۇيغۇر تىلىنى، ئاز بىر قىسمى قازاق تىللىرىنى ئانا تىل ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. غۇلجا شەھرى ئۆزبىكلار ئەڭ كۆپ  رايون بولغاچقا ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلاپ قالغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق