Gmail نىڭ بوشلۇقى ئىشلىتىلىپ تۈگىسە قانداق بولىدۇ؟
2004-يىلدىن بىرى Gmail نى ئىشلىتىۋاتقانلار بەلكىم Gmail دىگەن بۇ سۆزنىڭ Google Mail گە ۋەكىللىك قىلغاندىن باشقا، يەنە Google نىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئابونتچىلىرىغا بەرگەن ئېلخەت بوشلۇقىنىڭ 1G ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت چوڭقۇر مەنىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلىشى مۇمكىن. بۇ سان ھازىرغا كەلگەندە ئاللىقاچان 7G غا يەتتى. ئابونتچىلار ئېلخەتلەرنىڭ ھەممىسىنى Google ساقلىغۇچىغا ساقلاپ، بۇنچىلىك چوڭ بوشلۇقنى ھەرگىزمۇ بىكارغا ئىشلەتمەيدۇ. ئەمما مۇشۇنداق ئىشلىتىۋەرسە 7G بوشلۇقمۇ ھامان بىر كۈنى ئىشلىتىلىپ تۈگەيدۇ.
Flickr ئابونتى Mike Moterio سىناپ Gmail بوشلۇقىنى توشقۇزۇپ باققان بولۇپ، Gmail ئۇنىڭغا ئېنىق قىلىپ، بوشلۇقنى ئىشلىتىپ بولدىڭىز، ئېلخەت تاپشۇرۇۋالالمايدۇ. بوشلۇقنى تىجەشنىڭ تېخنىكىلىرىنى كۆرۈڭ ياكى كۆپرەك بوشلۇق سېتىۋېلىڭ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
ئەمەلىيەتتە Google نىڭ ئاۋۇتقان بوشلۇقىنىڭ باھاسى ناھايىتى ئەرزان بولۇپ، 5 دوللارغا بىر يىللىق 20GB بوشلۇق، 50 دوللارغا بىر يىللىق 200GB بوشلۇق سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. شۇڭا دوستلار Gmail بوشلۇقىنى كەڭ-تاشا ئىشلەتسەڭلار بولغۇدەك.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر
2015-يىلى 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدىكى 5 چوڭ يۈزلىنىش
2014-12-22ئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلغۇچىلارغا كۆز ئاسراش تەكلىپى
2010-09-21يەمەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 ن
2011-06-01