لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 08:24:53

لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى كىشىنى ئاچچىقى كەلگەندە سىنىغىن دوسىتنى زىيان ئۈستىدە سىنىغىن سۆزنى ھۈججەت بىلەن سىنىغىن .ئۇستازىڭنى ئاتا- ئاناڭدىن ئەزىز تۇت .ئاچچىق بىلەن سۆز قىلم...

    لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى

     

    كىشىنى ئاچچىقى كەلگەندە سىنىغىن

    دوسىتنى زىيان ئۈستىدە سىنىغىن

    سۆزنى ھۈججەت بىلەن سىنىغىن .

    ئۇستازىڭنى ئاتا- ئاناڭدىن ئەزىز تۇت .

    ئاچچىق بىلەن سۆز قىلما .

    ئۆز ئورنۇڭنى بىلىپ ئولتۇر .

    ھەر كىمنىڭ ئۆيىگە كىرسەڭ ، تىلىڭ بىلەن كۆزۈڭنى يىغىپ ئولتۇر .

    ئاز سۆزلىمەك ، ئاز يىمەك ، ئاز ئۇخلىماقنى ئادەت قىل .

    بىلمىگەن ئىشقا ئۇستىلىق قىلما .

    كىشىنىڭ پۇلىغا ئۈمۈد باغلىما .

    مويسىپىتكە قاتتىق سۆز قىلما .

    ھاجەتمەننى نائۈمۈد ياندۇرما .

    مېھماننى ئىشقا بۇيرىما .

    مېھماننىڭ ئالدىدا كىشىلەرگە ئاچچىقلانما .

    سۆزنى كۆڭۈلدە پىشۇرۇپ ئاندىن سۆزلە .

    ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىلەرگە ئويۇن – چاقچاق قىلما .

    بىر قېتىم سۆزلىگەن سۆزنى قايتا سۆزلىمە .

    كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ۋە خوتۇنۇڭنى ماختىما .

    ئۆلگەن كىشىنىڭ يامان گېپىنى قىلما .

    ئالدىڭدا كېلىۋاتقان ئىشقا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈز .

    بىر ئادەمدىن بىر ھېكمەتلىك ئىشنى كۆرمىگۈچە ئۇنى ماختىما .

    ئەخمەقلەر سۆز قىلغىلى تۇرسا ، ئۇنىڭغا ئارلاشماي سۈكۈت قىل .

    ئىككى يۈزلىمە ئادەمدىن مەدەت تەلەپ قىلما ، ئۇنىڭدىن يىلاندىن قاچقاندەك قاچ .

    ساڭا ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە ئۇنىڭ باراۋىرىدە ياخشىلىق قىل .

    ئاچچىقىڭ كەلگەندە ئۆزۈڭنى بېسىۋال .

    ئوغلۇم ، ئۆزۈڭدىن چوڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلماق بىلەن ، كىچىكلەرگە مېھر – شەپقەت قىلماق بىلەن ، كەمبەغەللەرگە خەير – ساخاۋەت قىلماق بىلەن ، دوسىت – يارەنلەرگە ۋە تاۋابىئاتلىرىڭغا ۋەز – نەسىھەت قىلماق بىلەن ، ئالىملارغا ئەدەب – ھۈرمەت ئىتائىتىدە بولماق بىلەن ئۆمرۈڭنى ئۆتكۈزگەيسەن

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.