ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىغى

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-15 11:13:00

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىغى بۇندىن 100نەچچە يىل ئىلگىرى ئامېرىكىدا چىقىدىغان بىر نەچچە گېزىت ئۆزئارا رىقابەتلىشەتتى، چەتئەل خەۋەرلىرى چەتئەل كېمىلىرى ئارقىلىق يېتىپ كېلىدىغان بول...

      ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىغى

           بۇندىن 100نەچچە يىل ئىلگىرى ئامېرىكىدا چىقىدىغان بىر نەچچە گېزىت ئۆزئارا رىقابەتلىشەتتى، چەتئەل خەۋەرلىرى چەتئەل كېمىلىرى ئارقىلىق يېتىپ كېلىدىغان بولغاچقا ئىشەنچلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپلا قالماي قايسى گېزىتنىڭ مۇخبىرى كېمىگە بالدۇر كېلىۋالسا شۇ ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئىگە بولاتتى.  ئامېرىكا مېكسىكا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇش خەۋەرلىرىگە ئېرىشىش قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن ئامېرىكا گېزىت ساھەسى ھەممەيلەن ئوخشاش ئىشنى ئوخشىمىغان يولدىن ئېلىپ ئوخشاش بەرگەندىن كۆرە ھەممەيلەن راسخودنى بۆلۈشۈپ چىقىرىپ، بىرلىشىپ ئاخبارات ئاگېنتلىقى قۇرساق ، ئىگەللىگەن ئاخباراتنى سېتىش ئارقىلىق چىقىمنى قامداپ، خەۋەر ۋە پايدىدىن بىرلىكتە پايدىلانساق دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىر قارارغا كەلدى. شۇنداق قىلىپ 1848-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى ئاخبارات ئاگېنتلىغى«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىغى »(خەنزۇچە: 美联社  ، ئەنگىلىزچە: Associated Press,AP ) نىڭ دەسلەپكى گەۋدىسى بولغان-پورت خەۋەرلىرى بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىغى  قۇرۇلدى. 1892-يىلى ئاگېنتلىقى چىكاگودا ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ نامى رەسمى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىغى دەپ ئاتالدى. 1900-يىلى ئاگېنتلىقنىڭ باش شىتابى نىيۇيوركقا يۈتكەلدى.
       ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىغىنى مىڭدىن ئارتۇق گېزىت جورنال، 3مىڭدىن ئارتۇق رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پاي قوشۇپ تەشكىل قىلغان بولۇپ باش شىتابى نيۇيوركتا، دۆلەت ئىچىدە يۈزدىن ئارتۇق، دۆلەت سىرتىدا يۈزدىن ئارتۇق شۆبە ئاگېنتلىقى بار. خىزمەتچى خادىملىرى 50مىڭدىن ئاشىدۇ. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىغى ھەر كۈنى يۈز خىلدىن ئارتۇق تىل ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ گېزىت ، رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنى خەۋەر ، ئاخبارات ۋە پوتو سۈرەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىغى 1875-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى تېلېگىرامما ئارقىلىق خەۋەر يوللىغان، 1980-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق خەۋەر يولىغان. 1994-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى سىفىرلىق كامېرا ئارقىلىق نەق مەيدان خەۋەرلىرىنى يەتكۈزگەن. 1995-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى ئىنتېرنېت ئارقىلىق خەۋەر يەتكۈزگەن ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولۇپ، 1999-يىلى ئەنگىلىيەدىكى لوندون خەلقارا فىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزىنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن تېخىمۇ زورىيىپ كۆلەم،  ئۈسكۈنە، مەبلەغ ۋە خېرىدار ئۈستۈنلۈكى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىىدىغان ئاگېنتلىق بولۇپ قالدى.
      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق