تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار - 01

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-19 10:42:25

بۈگۈن «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار»نىڭ ئىزاھى ۋە تەرەققىياتىغا،ئارقىدىن «تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار» تارىخىغا قىسقىچە نەزەر سېلىپ چىقىمىز.ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار دۆلەت ياكى ھۆك...



     

    بۈگۈن «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار»نىڭ ئىزاھى ۋە تەرەققىياتىغا،ئارقىدىن  «تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار» تارىخىغا قىسقىچە نەزەر سېلىپ چىقىمىز.

    ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت سىرتىدىكى ھەر قانداق بىر ئورگاننىڭ بېسىمى ۋە مەجبۇرلىشىغا ئۇچرىماستىن، خالىسلىق ۋە پىدائىيلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان ئورگاننى كۆرسىتىدۇ. غەربتە ھۆكۈمەتسىز ئورگانلار سۈپىتىدە تەرىپلىنىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، دۆلەتلەرئارا رەسمىي تەشكىلاتلار سىرتىدىكى ئورگانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇئىجتىمائىي تەشكىلاتلار دۆلەتلەرنىڭ چېگرىلىرىدىن ھالقىغان دۇنياۋى قىممەت ئۆلچەملەرنى ئۆزلەشتۈرگەن، دۇنياۋى مەسىلىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىدىغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەردىن مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدىغان ئورگانلاردۇر. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق شۇنى نەرسە كۆرەلەيمىز.

    ئىنسانلار ئىنتايىن قەدىمدە ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن كوللېكتىپ ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېھتىياجلارنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى ۋە قۇتۇپلىشىش باشلىغان ۋە ئىنسانلار ئورتاق قىممەت ئۆلچەملەر ئەتراپىدا توپلانغان. ياۋروپادا فېئودالىزمنىڭ تەسىرى بىلەن بەزى سودىگەرلەر ۋە ھۈنەرۋەنلەر ئۆز ئارا ئۇيۇشما، ئىتتىپاق ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلاتلار ئەتراپىدا تەشكىللەنگەن.

    كۈنىمىزدىكى ئىستېمال مەنىسىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن كېيىن سىياسىي سەھنىدە رول ئويناشقا باشلىدى. يېڭى ۋە دۆلەت ھالقىغان كۈچلەر سۈپىتىدە بەزى ساھەلەردە «نوپۇز ساھىبى»غا ئايلاندى. ئىجتىمائىي  تەشكىلاتلارنىڭ بەزى ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلا ساھەگە مەركەزلەشكەن ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن شۇ ساھە ئىختىساسلىشىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۆپلىگەن مەسىلىگە جاۋاپ بېرىش، ھەل قىلىش يولى تېپىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان رەسمىي ئورگانلار ۋە دۆلەتلەر ئالدىدا ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۈستۈنلۈكى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىنتايىن ھاياجانغا تولغان بىر گۇرۇپپا كىشى ۋە «مۇرىتلىرى»نىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر زامان مۇقىم بىر گۇرۇپپا ياكى ئىجتىمائىي تەبىقىگە خىتاب قىلىدۇ. پارتىيەلەردىنمۇ ھالقىغان بىر ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. قايسى سىياسىي قاراشقا ئىگە بولۇشتىن قەتئىينەزەر،  ئىنسانىيەت ئورتاق قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئىگە، دەيدىغان قاراشتىن يولغا چىقىدۇ.  ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيەلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يەنە بىر تەرىپى شۇكى ھاكىمىيەتتىن ئۇزاق تۇرۇشىدۇر. يەنى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلمايدۇ. قانداق بىر سىياسىي پارتىيەلىك ھۆكۈمەت بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ دائىرىسىگە كىرىدىغان  مەسىلىلەر شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا ھەل بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئوخشاش قىممەت ئۆلچەملىرى ئىزچىل ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ.

    ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بەزىدە يېڭىلىق ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. ھۆكۈمران كۈلتۈر بۇلارغا دەسلەپتە ھۇجۇم قىلمىسىمۇ «ئۇتۇققا ئېرىشەلمەسلىك» نۇقتىسىدىن بۇلارنى كۆزگە ئېلىپمۇ كەتمەيدۇ. بىراق كۆپلىگەن تەبىئەت سۆيەرلەر ۋە مۇھىت قوغدىغۇچىلاردا ئۇچراتىقىنىمىزغا ئوخشاش بۇنىڭغا ئوخشاش قىممەت ئۆلچەملەر يېڭىچە تۇرمۇش شەكلى، ھەتتا يېڭىدىن بىر سانائەت ۋە تېخنولوگىيەنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى مۇھىت كۈلتۈرى بارلىققا كەلتۈرگەن «مۇھىت دوستى» سانائىتىنىڭ دۇنيادا ناھايىتى چوڭ بازار شەكىللەندۈرۈشىدۇر.

    تۈركىيەدە بولۇپمۇ ئانادولۇدا ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ ئۆتمۈشى سەلچۇقىيلار ۋە ئوسمانلىغىچە سوزۇلىدۇ. بۇ دەۋرلەردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئادەتتە ۋەقىپلەر ۋە ئۇيۇشمىلار  سۈپىتىدە شەكىللەنگەن. دەرنەك (ئاممىۋى تەشكىلات ياكى جەمئىيەت) سۈپىتىدىكى تەشكىللىنىش شەكلى بولسا يېڭى بىر ئەھۋالدۇر. جۇمھۇرىيەتتىن كېيىنكى دەۋىرىدە جەمئىيەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان دەرنەكلەر، 1938-يىلى ماقۇللانغان جەمئىيەتلەر قانۇنىغا كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ كۈنىمىزدىكى ھالىتىگە كەلگەن. تۈركىيەدە بۇرۇنقى تەبىرى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، دېموكراتىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار، يېڭى ئېيتىملار بويىچە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۇنچىۋالا كۆپ ئالاھىدىلىكى بولمىغان ئورگانلارنى، بۇ ئومۇمىي تەبىر بويىچە ئىزاھلايدۇ. تۈركىيەدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار دېيىلگەندە دەرنەكلەر، خەير ساخاۋەت ئورۇنلىرى،  ئۇيۇشمىلار، ئىتتىپاقلار، سىياسىي پارتىيەلەر، ۋەقىپلەر قاتارلىقلار ئەقلىمىزگە كېلىدۇ. بۇ ئورگانلار ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى، ھەم ئاساسلىق ھەق ھوقۇقلارغا تايانغان بولۇشى، ھەمدە ئۆز ئىچىدە خالىسانە بىر كېلىشىم تۈزۈلۈشى ۋە ئىنسان مەركەزلىك مۇناسىۋەتلەر تورى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشلىرىدۇر.

    ئىستاتىستىكلارغا كۆرە، تۈركىيەدە ئەنگە ئېلىنغان 72723 دەرنەك ۋە 4500 ۋەقىپە ياكى ۋەقىپكە ئوخشايدىغان ئورگان بار ئىكەن. تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ يىلتىزى تاھ ئوسمانلى دەۋىرىگىچە تۇتۇشىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسدىن تاپشۇرۇپ ئالغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي مىراسلار ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالغا كېلەلىشىمىز بۇ مىراسلارغا قوشقان 80 يىللىق جۇمھۇرىيەت دەۋرى تەرەققىياتمىزنىڭ سايىسىدە بولغان. 

    زامانىۋىلىشىشتىن ئىلگىرىكى دەۋىرگە نەزەر سالغىنىمىزدا،  ئوسمانلى جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي تەشكىلات تۈسىنى ئالغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۈچ ئاساسلىق  تەشكىللىنىش شەكلىنى كۆرىمىز. بۇلار، ۋەقىپە، ئۇششاق تىجارەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە تەرىقەتلەردۇر. مەركىزى ھاكىمىيەت ياكىدۆلەت بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كونترول قىلىشقا تىرىشقان. جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 1924-يىلى ماقۇللانغان « تەشكىلاتلار قانۇنى»دا پۇقرانىڭ دەرنەك قۇرۇش ھوقۇقى بېكىتىلگەن. 1926-يىلى ماقۇللانغان مەدەنىي قانۇن، دەرنەكلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك ھەق ھوقۇقلارنى بېكىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، سىياسىي پارتىيەلەر ئۈچۈن ئايرىم بىر قانۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن (بۇ 1965-يىلىغىچە تۈزۈلمىگەن) 1938-يىلغىچە دەرنەكلىشىش ناھايىتى ئاستا تەرەققىي قىلغان. بۇ دەۋىرىدە سىياسىي پارتىيەلەرمۇ جەمئىيەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. 1946-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدە دەرنەكلەرنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئىنتايىن جانلىق ۋە ئاكتىپ تەرەققىي قىلغان دەرنەكلىشىش جەريانىغا شاھىت بولىمىز.

    1980-يىللار ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە تۈركىيەدە دەرنەكلەر، ۋەقىپلەر، سىياسىي پارتىيەلەر، ئۇيۇشما قاتارلىق ئورگانلار ئىجتىمائىي تەشكىلات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان.

    1946-يىلىدىن باشلاپ كۈنىمىزگىچە دەرنەكلىشىش باسقۇچىنى كاتىگورىيەگە ئايرىشقا توغرا كەلسە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن. ئىجتىمائىي ياردەم دەرنەكلىرى، تەنتەربىيە ئىشلىرى دەرنەكلىرى، دىني دەرنەكلەر، ئۇيۇشمىلار، چەتئەللىك ۋە ئاز سانلىقلار دەرنەكلىرى، يېزا-ئىگىلىك دەرنەكلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى،ئۇششاق تىجارەتچىلەر دەرنەكلىرى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئۇيۇشمىلىرى، كوممىنىزىمزغا قارشى مۇجادىلە دەرنەكلىرى ۋەھاكازالار..

    تۈركىيەدە خالىسانە دەرنەكلەر، ئۇيۇشمىلار 1980-يىلدىن كېيىن، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن پەرقلىق ھالدا ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇنداق بولۇشىدا، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ موتورلۇق كۈچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلقنىڭ دۆلەتكە تايىنۋالماستىن ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، بۇنىڭدىن باشقا خەلق بىلەن دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئەنئەنۋى قاراشتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرى رول ئوينىغان.

    خالىسانە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان دەرنەكلەرنىڭ سانىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئېشىشى، دۆلەتنىڭ دەرنەكلەرگە بولغان كونترۇلىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە، دەرنەكلەر پائالىيەتلىرىنى توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىشتەك شارائىت بارلىققا كەلگەن.

    مىللىي ۋە يەرلىك تەشكىلاتلارنى مۇئەييەن بىر ساھە ياكى داۋا ئەتىراپىدا بىر يەرگە جەم قىلغان خەلقئارالىق دەرنەكلەرنىڭ ئومۇملىشىشى، ھۆكۈمەتسىز دەرنەكلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈچىيىشى ۋە خەلقئارالىق سەھنىدە بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ئىجابىي قارىلىدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى شەكلىدە خۇلاسىلاشقا بولىدىغان دۇنياۋى يۈزلىنىشلەر، مەيلى يېڭى بولسۇن مەيلى كونا بولسۇن بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ زورىيىشىدا ۋە ئاپتونوم ھوقۇقنىڭ كۈچىيىشىدە رول ئوينىغان.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رارىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر - _