« ناۋادا » بىلەن باشلىنىدىغان 55 خىل باھانە

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-11 00:00:00

« ناۋادا » بىلەن باشلىنىدىغان 55 خىل باھانە مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان كىشىلەرنىڭ بىر خىل روشەن ئورتاقلىقى بولىدۇ. جۈملىدىن، ئۇلار بارلىق مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى بىلىدۇ ھەمدە مەغلۇبىيىتىنى ...


    « ناۋادا » بىلەن باشلىنىدىغان 55 خىل باھانە

     

     

    مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان كىشىلەرنىڭ بىر خىل روشەن ئورتاقلىقى بولىدۇ. جۈملىدىن، ئۇلار بارلىق مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى بىلىدۇ ھەمدە مەغلۇبىيىتىنى كەم – كۈتىسىز باھانە – سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئاقلايدۇ.

     

     بۇ باھانە – سەۋەبلەرنىڭ بەزىلىرى ئىنتايىن جايىدا قويۇلغان، بەزىلىرىنىڭ راستلىقى ھەتتا ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، لېكىن باھانىنى پۇل ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.چۈنكى دۇنيا سىزدىن پەقەت «مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىدىڭمۇ يوق؟»دەپلا سورايدۇ.

     

    بىر خاراكتېر تەتقىقاتچىسى كىشىلەر ھەر دائىم كۆرسىتىدىغان باھانە –سەۋەپلەرنى تۆۋەندىكىدەك رەتلەپ چىققان:بۇ باھانە –سەۋەپلەر تىزىملىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىڭىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئاشۇ سەۋەپلەرنىڭ قانچىلىكىنىڭ سىزدىمۇ بار ئىكەنلىكىنى تېپىپ بېقىڭ.شۇ نەرسە يادىڭىزدا بولسۇنكى، كىتابىمىزدىكى پەلسەپىلەر ئاشۇ باھانە – سەۋەبلەرنىڭ بىرەرسىگىمۇ ئورۇن قالدۇرماسلىقنى مەقسەت قىلىدۇ.

     

     

    1.ناۋادا ئۆيلەنمىگەن بولسام.

    2.ناۋادا ئىقتىدارىم تولۇق بولغان بولسا ...

    3. ناۋاادا پۇلۇم بولغان بولسا ...

    4. ناۋادا ئوبدانراق ئوقىيالىغان بولسام ...

    5.ناۋادا تىرىكچىلىك يولىنى تاللىغان بولسام ....

    6. ناۋادا تېنىم ساغلام بولغان بولسا ...

    7. ناۋادا ۋاقتىم بولغان بولسا ...

    8. ناۋادا ئوبدانراق زامانلاردا تۇغۇلۇپ قالغان بولسام ...

    9.  ناۋادا باشقىلار مېنى چۈشەنگەن بولسا ...

    10.  ناۋادا مەن تۇرغان مۇھىت ھازىرقىدەك بولمىغان بولسا ...

    11.  ناۋادا مەن يەنە بىر نۆۋەت تۇغۇلالىغان بولسام ...

    12.  ناۋادا باشقىلارنىڭ نىمە دېيىشى بىلەن كارىم بولمىغان بولسا ...

    13.  ناۋادا ئىلگىرى پۇرسەتكە ئېرىشەلىگەن بولسام ...

    14.  ناۋادا ئەمدى پۇرسەت كەلگەن بولسا ...

    15.   ناۋادا باشقىلار ماڭا ئۆچمەنلىك قىلمىغان بولسا ...

    16.  ناۋادا ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان بولسام ...

    17.  ناۋادا ياشراق بولغان بولسام ...

    18.  ناۋادا ئويلىغىنىمنى قىلىشقا مۈمكىن بولغان بولسا ...

    19.  ناۋادا بايراق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالغان بولسام ...

    20.  ناۋادا باي ئائىلىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنەلىگەن بولسام ...

    21.  ناۋادا باشقىلاردىكى قابىلىيەت مەندىمۇ بولغان بولسا ...

    22.  ناۋادا ئۆز ھوقۇقۇمنى قوغدىيالىغان بولسام ...

    23.  ناۋادا ئىلگىرى كەلگەن پۇرسەتنى تۇتالىغان بولسام ...

    24.  ناۋادا مېنى باشقىلار ئازدۇرمىغان بولسا ...

    25.  ناۋادا ئۆيۈم، بالام دەپ يۈرمىگەن بولسام ...

    26.  ناۋادا ئاز – تولا پۇل توپلىيالىغان بولسام ...

    27.  ناۋادا خوجايىن ئىلتىپات قىلغان بولسا ...

    28.  ناۋادا باشقىلار ياردەم قىلغان بولسا ...

    29.  ناۋادا ئائىلەمدىكىلەر مېنى چۈشەنگەن بولسا ...

    30.  ناۋادا چوڭراق شەھەردە بولغان بولسام ...

    31.  ناۋادا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا تۇتۇش قىلالىغان بولسام ...

    32.  ناۋادا ۋاقتىم بولغان بولسا ...

    33.  ناۋادا پالانىنىڭ خاراكتېرى مەندىمۇ بولغان بولسا ...

    34.  ناۋادا بۇنچىۋالا سەمرىپ كەتمىگەن بولسام ...

    35.  ناۋادا باشقىلار قابىلىيىتىمنى بىلگەن بولسا ...

    36.  ناۋادا تەلىيىم بولغان بولسا ...

    37.  ناۋادا قەرىزدىن قۇتۇلالىغان بولسام ...

    38.  ناۋادا مەغلۇپ بولمىغان بولسام ...

    39.  ناۋادا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەن بولسام ...

    40.  ناۋادا باشقىلار قارشى تۇرمىغان بولسا ...

    41.  ناۋادا بۇنچىۋالا كۆپ ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقمىغان بولسام ...

    42.  ناۋادا جورامنى توغرا تاللىيالىغان بولسام ...

    43.  ناۋادا كىشىلەر بۇنچىۋالا دۆت بولمىغان بولسا ...

    44.  ناۋادا ئائىلەمدىكىلەر بۇنچىۋالا ئىسراپخور بولمىغان بولسا ...

    45.  ناۋادا ئۆزۈمگە ئىشلىگەن بولسام ...

    46.  ناۋادا بۇنداق شور پىشانە بولمىغان بولسام ...

    47.  ناۋادا ئىلىكى شور تۇغۇلۇپ قالمىغان بولسام ...

    48.  ناۋادا ئىشلار ... بولغان بولسا ...

    49.  ناۋادا مۇشۇنداق جاپالىق تىرىكچىلىككە قالمىغان بولسام ...

    50.  ناۋادا مال – دۇنيايىمدىن زىيان تارتىپ كەتمىگەن بولسام ...

    51.  ناۋادا باشقا بىر مەھەللىدە ئولتۇرغان بولسام ...

    52.  ناۋادا ھېلىقىدەك كەچمىشلىرىم بولمىغان بولسا ...

    53.  ناۋادا ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىكىم بولغان بولسا ...

    54.  ناۋادا باشقىلار گېپىمگە ماقۇل دېگەن بولسا ...

    55.  ناۋادا ... ...   ( بۇ بارلىق باھانىلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىمدۇر )

     

     

    ناۋادا ئۆزۈمگە دادىل يۈزلىنىپ، ئۆز كەمچىلىكلىرىمنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنى ئۆزگەرتەلىگەن بولسام، ئېھتىمال ئاشۇ كەمچىلىكلىرىم ئىچىدىن پايدىلىق نەرسىلەرنى تېپىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان، باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن خېلى نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالغان بولاتتىم.چۈنكى ئاشۇ كەمچىلىكلەرنىڭ ئۆزۈمدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.ناۋادا ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تەھلىل قىلىشقا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتالىغان، ۋاقتىمنى ئاجىزلىقلىرىمنى باھانە –سەۋەب بىلەن يوشۇرۇشقا ئىسراپ قىلىۋەتمىگەن بولسام، غايەمدىكى مەنزىلگە ئاللىقاچان يېتىپ بولغان بولاتتىم.


     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.