تەقلىد قىلىپ ياسالغان يان تېلېفوندىن ھەزەر ئەيلەڭ

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-10 12:52:00

داڭلىق ماركىلىقلىرىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان يان تېلېفون توغرىسىدا شېنجىندىكى چوڭ تىپتىكى بىر سودا سارىينىڭ مال ساتقۇچىسى: «بۇ يان تېلېفوننى ھەقىقىي ماركىلىق يان تېلېفونلارغا ئوخشاش ئوبدان...

        داڭلىق ماركىلىقلىرىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان يان تېلېفون توغرىسىدا

        شېنجىندىكى چوڭ تىپتىكى بىر سودا سارىينىڭ مال ساتقۇچىسى: «بۇ يان تېلېفوننى ھەقىقىي ماركىلىق يان تېلېفونلارغا ئوخشاش ئوبدان ئىشلەتكىلى بولىدۇ» دېدى. بۇ سودا سارايدىكى يەنە باشقا ئون نەچچە پۇكەيدە نوكىيا، موتورولا، سامسۇڭ قاتارلىق يان تېلېفونلارنىڭ ساختىلىرى سېتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تېلېفونلارنى كۆرۈۋاتقان خېرىدارلارمۇ خېلى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيتتى.
       يان تېلېفون زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كانادا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنىڭ دېرىكتورى: «بەش يىل ئىلگىرى داڭلىق ماركىلىق يان تېلېفونلارغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان يان تېلېفونلار يوق ئىدى، چۈنكى ئۇ چاغدا لايىھىلەش، يۇمشاق دېتالنى بىلىدىغان خادىم ۋە لايىھىلىگۈچى لازىم بولاتتى. ئەمما، ھازىر بەش نەپەرلا ئىشچىسى بولغان كىچىك شىركەتمۇ بۇ خىل يان تېلېفونلارنى ئوخشىتىپ ياسىيالايدۇ، تاپىمەن دېسەكلا بۇ خىل يان تېلېفونلارنى سېتىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ» دېدى.
        تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەچچە يۈزلىگەن كىچىك كارخانىلارنى داڭلىق ماركىلىق يان تېلېفونلارغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان يان تېلېفونلارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان سەۋىيىگە ئىگە قىلدى. بۇ شىركەتلەردە ئادەتتە كۆپ بولسا 10 نەپەر ياللانما خادىم ئىشلەيدىكەن، ئىشلەپچىقىرىلغان يان تېلېفونلار بازاردا كۆپ دېگەندە پەقەت 20 ئامېرىكا دوللىرىغىلا سېتىلىدىكەن. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياساش سانائىتى ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ، ئويۇنچۇق ۋە كىيىم- كېچەك ئىشلەپچىقىرىشتىن كومپيۇتېر، ماشىنا ياساشقا يۈزلەندى. يان تېلېفون تەقلىد قىلىپ ياسايدىغان زاۋاۇتلارنىڭمۇ دەرىجىسى ئۆسۈپ، بارا- بارا كېڭىيىشكە باشلىدى. نۇرغۇن كارخانىلار ھەشەمەتلىك سايمانلار ۋە DVD قاتارلىقلارنى يۇقىرى دەرىجىدە تەقلىد قىلىپ ياسىغاندىن كېيىن، بازار تېپىۋاتقان مەھسۇلاتلارغا داۋاملىق يۈزلىنىپ ، داڭلىق ماركىلىق يان تېلېفونلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ، بۇ تېلېفونلار ئارقىلىق بازار تالىشىۋاتىدۇ.
       بازار تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگودىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يان تېلېفون بازىرىدا، داڭلىق ماركىلىق يان تېلېفونلارغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان يان تېلېفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئومۇمىي يان تېلېفون سېتىلىش مىقدارىنىڭ %20ىنى ئىگىلىگەن.
        جۇڭگۇدا داڭلىق ماركىلىق يان تېلېفونلارغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان يان تېلېفونلار يەنە قانۇنسىز ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا روسىيە، ھېندىستان، ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا ھەتتا ئامېرىكىغىمۇ ئېكىسپورت قىلىنغان. بازار تەھلىلچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە: « نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا داڭلىق ماركىلىق يان تېلېفونلارغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان يان تېلېفونلار پۈتۈن دۇنياغا شىددەت بىلەن كېڭەيمەكتە» ئىكەن. قانۇنسىز يان تېلېفون شىركەتلىرى ھەتتا جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يان تېلېفون شىركەتلىرىنىڭ بازىرىنىمۇ ئىگىلىۋالغان بولۇپ، تەتقىقات، پاتنېت ھەققى، سۈپەت تەكشۈرۈش، باج، نازارەت قىلىش ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن قېچىپ قۇتۇلىدىغان بولغاچقا، بۇنداق يان تېلېفون ئىشلەپچىقىرىشقا دەسمايە ئاز كېتىدىكەن، مەبلەغ جەھەتتىنمۇ ئەۋزەللىكى بار ئىكەن.
         نۆۋەتتە دۇنيا سودا تەشكىلاتى جۇڭگۇدىن يەنىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ تەقلىدلىنىشنىڭ زىينىغا ئۇچراۋاتقان شىركەتلەرنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. جۇڭگۇمۇ تەقلىد قىلىنغان بۇيۇملارغا زەربە بېرىشنى مۇھىم كۈنتەرتەرتىپكە كىرگۈزگەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق