تۇغۇلغان كۈنىڭىز سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-09 12:10:58

سىناپ بېقىڭ!ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ سىناقنى فىرانسىيىلىك بىر ئالىم تۈزۈپتىمىش. مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنىڭىزنى يېزىپ چىقىپ، مانا مۇنداق. ئەگەر سىز 1978-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى...



     

    سىناپ بېقىڭ!

    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ سىناقنى فىرانسىيىلىك بىر ئالىم تۈزۈپتىمىش. مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنىڭىزنى يېزىپ چىقىپ، مانا مۇنداق. ئەگەر سىز 1978-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان بولسىڭىز

    1+9+7+8+8+2+3=38

    3+8=11

    1+1=2

    سىزنىڭ رەڭگىڭىز 2 بولىدۇ.

    1=قىزىل؛

    2=كۆك؛

    3=يېشىل؛

    4=كۆك؛

    5=ئاق؛

    6=سېرىق؛

    7=ئاپلېسىن رەڭ؛

    8=قارا؛

    9=بىنەپشە؛

    قىزىل: قارام، قىزغىن، ھېسسىياتچان، ئاتەشتەك قىزغىن، قىزغىنلىقىڭىز بىلەن ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى ئىتتىكلا ئېرىتەلەيسىز، بەزىدە ئۆزىڭىزنى باسالماي قېلىپ، باشقىلارغا يامان كۆرۈنۈپ قالىسىز. مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىڭىزمۇ ئاسانلا بويسۇندۇرالايسىز. يىقىلغان يېرىڭىزدىن ئاسانلا تۇرۇپ كېتەلەيسىز؛

     

    كۆك: باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان، ئەقىلىي پەرىشتە. قائىدە-پىرىنسىپلارغا بويسۇنۇپ، ئېغىر-بېسىقلىق ۋە ئەقلىيلىك بىلەن ئاسانلىقچە خاتالىق ئۆتكۈزمەيسىز. ۋەزمىنلىكىڭىز تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئاسان ئېرىشەلەيسىز. ئېھتىياتچان بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ئاز سۆزلەپ  كۆپ ئىشلەيسىز. ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاسانلىقچە سۆزلەپ چىقارمايسىز. زىيادە سوغۇققانلىق تۈپەيلى  كىشىلەرگە سوغۇق ھەم ئېغىر تەسىر بېرىسىز؛

     

          يېشىل: يۇمىلاق تاۋۇز. ئېنىق خاراكتېرىڭىز يوق. ئېقىمغا ئەگىشىپ يۈرۈيسىز، ئۆز ئالدىڭىزغا قارىشىڭىز يوق. ئۆمرىڭىزنىڭ بوران-چاپقۇنلاردىن خالىي، ئاددىي، تېپتېنچ ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. گەرچە خاراكتېرىڭىز كۈچلۈك بولمىسىمۇقانائەتچان، تېنچلىقپەرۋەر سىز. ئەمما تۇرمۇشىڭىزدا داۋالغۇش پەيدا بولۇپ  قالسا، بىر تەرەپ قىلىشتا ئوڭاي قىنىلىپ قالىسىز؛

     

    ئاق: ساددا، خىيالپەرەس، قەغەزدەك ئاق، ساددا، كۈندە ئۆزىڭىز توقۇۋالغان خىيالىي دۇنيادا ياشايسىز، ھېسسىياتىڭىز ئەقلىڭىزنى كونترول قىلىدۇ. كەيپىياتىڭىز ئوڭايلا مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. خىيالنى ئازراق سۈرۈڭ؛

     

       سېرىق: ھەممىگە كۈلۈپ باقىدىغان ئوماق ئەخمەق. تۇغۇلىشىڭىزدىنلا شادىمان، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ مەندىن ئېگىزلەر تېرەپ تۇرىدۇ، دەپ تېگىدە خاتىرجەم مانتا يەيدىغانلاردىن. ناتونۇش نەرسىلەرگە بولغان قىزىقىشىڭىز ئالاھىدە كۈچلۈك، زادى بىردىن بىردىن باشتىن ئۆتكۈزۈك قىزىقىشىڭىزنى باسمىغۇچە بولدى قىلمايسىز. ئەگەر بىرەرسى سىزنى بۇنىڭدىن توسماقچى بولسا، جان-جەھلىڭىز بىلەن قارشلىق قىلىسىز. بەزىدە بەك جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالماڭ. باشقىلارغا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ پىكرىگىمۇ ئانچە-مۇنچە قۇلاق سېلىپ قويۇڭ؛

     

       ئاپلىسىنرەڭ: تايىنىپ كۆنۈپ قالغان  بوۋاق. مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان كىچىك بالىغىلا ئوخشايسىز. مەڭگۈ بىرەرسىنىڭ يېنىڭىزدا بولۇپ، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىپ سىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېھتىياجلىقسىز. باشقىلارغا زىيادە تايىنىۋالىدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن، دوستلىرىڭىزغا ئىچ-باغرىڭىزنى بىراقلا تۆكىسىز؛

     

    قارا رەڭ: كۆپ خاراكتېرگە ئىگە كىچىك ئالۋاستى. سىز كۆپ خىل خاراكتېرگە ئىگە. بىردەم پەرىشتىدەك، بىردە، ئالۋاستىدەك. ئىش  بېجىرىش، چۈشۈنۈش، ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر بولۇپ، باش كۆتۈرۈش سىز ئۈچۈن قىيىن ئىش ئەمەس. بىراق بەكلا يىراق نىشاننى قوغلىشىپ تۇرۇۋېلىپ، بىر ئۆمۈر چۈش ئىچىدە ئۆتىشىڭىز مۇمكىن؛

     

    بىنەپشە رەڭ: يىراقنى كۆزلەيدىغان تەپەككۈرچى. بىرەر ئىشقا يولۇققاندا دەماللىققا ھۆكۈم چىقارمايسىز، ئىشنىڭ باش-ئاخىرى، سەۋەب-نەتىجىسىنى ئوبدان تەھلىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىسىز. تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ بىكارغا كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بەزىدە ۋاز كېچىپ يول قۇيۇشنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ؛

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر توغرا _