«جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى نەزەرىيىسى» يامرىماقتا

يوللىغۇچى : lezine يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-12 13:57:27

ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، «شەرق شامىلى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى»گە مۇناسىۋەتلىك مۇقاملارمۇ دۇنيا دائىرىسىدە يامرىماقتا.كورىيىنىڭ «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ 27-...

    ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، «شەرق شامىلى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى»گە مۇناسىۋەتلىك مۇقاملارمۇ دۇنيا دائىرىسىدە يامرىماقتا.
    كورىيىنىڭ «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، «تىيەنئەن» ناملىق پاراخۇت ۋەقەسىدىن كېيىن، «جۇڭگو ئۆزگىرىپ كەتتى» دېيىلگەن. خەۋەردە يەنە شەندۇڭدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «شەرق شامىلى 21-D» نام؛لىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى 1800كلومېتىرغا يېتىپ، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى بىلەن ئوكىناۋا ئارىلىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بازىسىنى قاپلايدۇ، ئەگەر «شەرق شامىلى 21-D» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا كورىيە بىلەن ياپونىيىنىڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلسا، كورىيە بىلەن ئامېرىكىغا، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىگە ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدۇ. جۇڭگو «شەرق شامىلى 21-C» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى  قۇرۇقلۇقىدىن قويۇپ بېرىپ ئاۋىئاماتكىغا ھۇجۇم قىلىدىغان «شەرق شامىلى 21-D» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، ئەگەر ئەمەلىي ئۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا فلوتىنىڭ يېرىم ئارالدا «ۋەقە يۈز بەرگەن» چاغدا كىرەلىشى ناھايىتى قىيىن بولۇپ، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ئەتراپىدىكى كۈچلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقى يوقىلىدۇ، دېيىلگەن.
    «ئاۋسترالىيە مۇداپىئە ئىشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىردىكى ماقالىسىدا، جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى، بولۇپمۇ «ئاۋىئاماتكا قاتىل»نىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ غەربىي تىنىچ ئوكياندىكى دېڭىز ئۈستىدە جەڭ قىلىش ئەمەلىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە فلوتى يېقىنقى يىللاردىن بويان كۆلىمىنى ئۆزلۈكسىز كىچىكلىتىۋاتىدۇ، بۇ «غەربىي تىنىچ ئوكياننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز»دېيىلگەن. ماقالىدا، ئاۋىسترالىيىنىڭ ئامېرىكا فلوتى كۆلىمىنى كىچىكلىتىشتىن قېپقالغان بوشلۇقىنى تولدۇرۇش مەجبۇرىيىتى ۋە ئەمەلىي كۈچى بار، دەپ قارالغان ھەمدە ئاۋسترالىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ يېڭى، سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ھۇجۇم قىلالايدىغان پاراخۇت ياساش، ھەتتا «ئەنگىلىيىدىن ئېلىزابېت دەرىجىلىك ئاۋىئاماتكا سېتىۋېلىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان دېڭىز ئۈستى تەھدىتى»گە تاقابىل تۇرۇشى تەكلىپ قىلىنغان، بۇ يىلى 11-يانۋار، جۇڭگو باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق توساش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويغاندىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ ئوڭ قانات ئوبزورچىسى ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق توساش ئىقتىدارىغا ئىگە 3-دۆلەتكە ئايلاندى، بۇ پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن تەھدىت دېگەن.
    «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» 16-سېنتەبىر ماقالە بېسىپ، جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ بېرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇلىشى ھەمدە «شەرق شامىلى 21-D» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھىندى ئوكياندىكى ھىندىستان ئاۋىئاماتكا فلوتىغا قارىتا ماھىيەتلىك تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ماقالىدا، مۇبادا ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئۇرۇش قىلىپ، ھىندىستان ئاۋىئاماتكا فلوتىنى ئىشقا سالسا، جۇڭگو رازۋېتكا سۈنئىي ھەمراھىدىن پايدىلىنىپ ئاۋىئاماتكا كورددىناتىغا ئىگە بولۇشى، ئاندىن قاراقۇرۇم تاشيولدا «شەرق شامىلى 21-D» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئاۋىئاماتكا قاتىل»نى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، ھىندىستاننىڭ ئاۋىئاماتكا فلوتىغا تۇيدۇرماي ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن، دېيىلگەن.
    ئىتالىيىنىڭ «24سائەت كۆزىتىش» ژۇرنىلىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى ماقالىسىدا، جۇڭگونىڭ «شەرق شامىلى 21-D» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە بولۇشى بىر تارىخىي پەيت بولۇپ، مۇشۇ پەيتتىن باشلاپ، ئىلگىرى تەڭداشسىز بولۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا فلوتى مەلۇم دۆلەتنىڭ دېڭىز ياقىسىدا ئۆزىنى يېتەرلىك چەكلەيدىغان كۈچكە تۇنجى قېتىم دۈچ كېلىشى مۇمكىن، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىنى چېكىندۈرىدىغان قورالغا تۇنجى قېتىم ئىگە بولدى، «بۇ، جۇغراپىيىلىك سىياسىينىڭ يۈزلىنىشىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىدۇ، پەقەت جۇڭگولا مۇشۇنداق قىلىشىنى خالايدۇ» دېيىلگەن.
    كامبودژىنىڭ «جەنۇبىي ئاسىيا يەر شارىنى كۈزىتىش» ژورنىلىدا 6-ئۆكتەبىر، جۇڭگونىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ئاۋىئاماتكىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى، چۈنكى بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكا فلوتىنى تالاش-تارتىش بولىۋاتقان ئارال ۋە دېڭىز تەۋەلىكىلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا يېتەرلىك دەرىجىدە مەجبۇرلىيالايدۇ، گەرچە گېنېرال ۋىللارىن 8-ئايدا ياپونىيىدە، ئامېرىكىنىڭ تىنىچ ئوكيان فلوتى «شەرق شامىلى 21-D»نىڭ سەۋەبىدىن جەنۇبىي دېڭىزدىن چېكىنىپ چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئۇدۇل يول، دېيىلگەن.
    ئامېرىكىنىڭ «دىپلوماتىيە» ژۇرنىلى تور پونكىتىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى ماقالىسىدا، جۇڭگونىڭ پاراخوتقا قارشى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ تەھدىتى ناھايىتى زور، ئامېرىكىنىڭ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى بولۇشى كېرەك، دېيىلگەن. ماقالىدا، ئاۋىئاماتكىلارنىڭ ھەجىمىنى كىچىكلىتىش، ساننى كۆپەيتىش، ئايروپىلانلارنى لايىھىلەشنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇچۇش مۇساپىسىنى كۆپەيتىش قاتارلىق بىر قاتار تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
    جۇڭگونىڭ پاراخوتقا قارىشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى راستىنلا شۇنداق يامانمۇ؟ ئامېرىكىنىڭ «ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى» «جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكا قاتىلى» دېگەن ماقالىسىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئەڭ دەسلەپ روسىيە تەرىپىدىن لايىھىلىنىپ، شىمالىي ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «كۇلۇب»ناملىق ئاۋىئاماتكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان، روسىيە «بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ھىندىستانغىمۇ سېتىپ بەردى، يەنە ئىران، سۈرىيە ۋە ئالجىرىيەلەرگىمۇ سېتىپ بېرىشى مۇمكىن».
    ئامېرىكىنىڭ لىكسۇنتون تەتقىقات ئورنىنىڭ 8-ئايدىكى بىر دوكلاتىدا، جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئاۋىئاماتكىغا زەربە بېرەلەيدۇ، دېگەن سۆزگە قارشى تۇتۇلغان، دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن، ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسى تۆت يېرىم ئىنگىلىزمۇ سىلىق ئامېرىكا زېمىنى» دەپ ئاتىلىپ، ئاڭلىماققا غايەت زور نىشاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە غەربىي تىنىچ ئوكياندىكى كەڭ رايون ئىچىدىكى پەقەت ناھايىتى كىچىك بىر نۇقتىدىنلا ئىبارەت، جەنۇبىي دېڭىزدا بىر ئاۋىئاماتكىنى ئاسانلا يوشۇرغىلى بولغان تەقدىردىمۇ، دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالغان، جەنۇبىي دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان نىشانى ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ئازادلىق ئارمىيە ئۈچ ئوخشاش بولمىغان ھاۋا ئوربىتىسىغا تارقالغان 100دىن ئارتۇق تۆۋەن ئوربىتىدا رازۋېتكا قىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھقا ئىگە بولغاندا، ئاندىن ئىز قوغلاشنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. لېكىن ھازىر جۇڭگونىڭ تېخى بۇ خىل رازۋېتكا قىلىش ئىقتىدارى يوق، شۇنداق بولۇپلا قالماي، جۇڭگو ھازىر مەخسۇس ئاۋىئاماتكىغا قارشى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى تېخى ئادەت بويىچە ئېلىپ بارمىدى.
    باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوراللىرى ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشىدىن باشلاپ، مۇھىم چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوراللىرى كۆپلەپ ئىشلىتىلدى. باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن باشقا، يادرو قوراللىرى، خىمىيىلىك قوراللار، بىئولوگىيىلىك قوراللرنىڭمۇ قىرىش كۈچى ئىنتايىن زور. لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت كېيىكى بىر نەچچە خىل قورالنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى، ھالبۇكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوراللىرىنىڭ ئۈنۈمى تېز، سېلىنمىسى ئاز بولۇپ، ئۇ ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئۇدۇل يولغا ئايلىنىپ قالدى.
    جۇڭگونىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇتەخەسىسى 8-ئۆكتەبىر «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوراللىرىنىڭ سەۋىيىسى بىلەن ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ قوراللىرىنىڭ سەۋىيىسىدە يەنە مۇئەييەن پەرق بار، لېكىن بۇ پەرق ھازىر زور دەرىجىدە كىچىكلەۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ قوراللىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، ئىشەنچلىكلىكىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە، بۇمۇ بىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشنى شۇنچە كۆپ قېتىم بىۋاستە ئاڭلاتقانلىقىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبى. ئەلۋەتتە، جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوراللىرىنىڭمۇ بەزى ئاجىز نۇقتىلىرى بار، مەسىلەن، ئىنكاس ۋاقتى بىر قەدەر ئاستا ۋەھاكازا، بىز باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىشتا بەزى دۆلەتلەرگە ئوخشاش يۇقىرى مۇقام توۋلىمىدۇق،بۇ، ھەم بىر خىل ئېھتىياتچان پوزىتسىيە، ھەم بىر خىل تىنچلىق قىياپىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    ئۇ مۇنداق دېگەن:«شەرق شامىلى 21-D» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ناھايىتى زور، لېكىن بۇ قورالنى ئامېرىكىغا قارىتا تەرەققى قىلدۇرۇلغان دەپ قارىماسلىق كېرەك، جۇڭگونىڭ ھەر قانداق بىر خىل قورالىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلغان ئەمەس، ئاۋىئاماتكىسى بار دۆلەت يالغۇز ئامېرىكىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگومۇ بار، جۇڭگونىڭ 80مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق قۇرۇقلۇق، دېڭىز بويى لىنىيىسى بار، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدىغان قورالىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى، مەيلى ئامېرىكا ياكى باشقا دۆلەت بولسۇن، پەقەت جۇڭگوغا قارىتا ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىسىلا، جۇڭگو ئۇلارغا قارىتا بۇ قوراللارنى مەڭگۈ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەتمەيدۇ، قورالنىڭ ئۆزىدە سىياسىي تۈز يوق، قورال پەقەت دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ زۆرۈر شەرتىدۇر.
    (فېڭ فەن، تاۋدۇەن، جاڭ جىياچى، جەن دېبىن، شۈپەن، ۋاڭ پەنپەن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر