ھازىرقى <ناخشىچى>ﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ھەققىدە

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 01:20:00

ھازىرقى<ناخشىچى>لىرىمىز ھەققىدە تۇرسۇن تۈمۈر (شەيىخ) ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى موھىم بىر بوشلۇقنىڭ توشقۇزۇلشىنى كۈتۈۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان بولسا كىرەك. بۇ جەھەتتە كەم بولسا بول...

    ھازىرقى<ناخشىچى>لىرىمىز ھەققىدە

    تۇرسۇن تۈمۈر (شەيىخ)

     

         ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى موھىم بىر بوشلۇقنىڭ توشقۇزۇلشىنى كۈتۈۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان بولسا كىرەك. بۇ جەھەتتە كەم بولسا بولمايدىغان روھى ئوزۇق ئىگىلىرى بولمىش«ناخشىچى»لىرىمىزغا قاراپ ھەيران قالىمەن ۋە ئۇلارغا بولغان پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇشقا مەجبۇر بولمەن. بۇ پىكىرنى ھەر كىمنىڭ ئوقۇشىغا زورلىمايمەن چۇنكى پىكىرگە ئەھمىيەت بىرىپ ئىددىيەسىنى تولۇقلاش ئىڭى بىزدە بەك ئاجىز.


    سەنئەت دىگەن نىمە؟


    سەنئەت دىگەندە رەڭگارەڭ كىيىملەر بىلەن نەغمىگە كىلىشتۇرۇپ ئوينىغان ئۇسسۇل،بىرياندا مىكرافون تۇتۇپ مۇزىكىغا ناخشا ئوقۇۋاتقان ناخشىچى بىلەن ھەرخىل ھەر ياڭزا سازلارنى خۇشال كەيپىياتتا چىلىۋاتقان سازەندىلەر كۆز ئالدىمىزغا كىلدۇ. بىز ئاشۇنداق سورۇنلارنىڭ بىرىدە ناخشنى ئاڭلاپ ھوزۇرلۇنۇپ ئولتۇرمىز يۇ ، بۇ ھوزۇر ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشمايدۇ. ناخشا ئوقۇغان ناخشىچى سەنئەت روھىغا تايىنىپ ئەمەس ئاھاڭغا ، ئاۋازىغا زورلاپ ئۆز ھىسياتىنى ئىپادىلەشكە تىرشىۋاتقانلىقى،ناخشىچى سازەندىلەردىكى ساختا خوشال كەيپىياتلار بىر كۆرۇنمەس پەردىدەك ۋاقىتلىق ھوزۇر بىرىپلا ئۆتۇپ كىتىدۇ. ئەتىسىلا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ، روھى دۇنيامىزدا ھىچقانداق ئۆزگۇرۇش بولمايدۇ. بۇ نىمە ئۇچۇن؟ چۇنكى بىز سەنئەت دۇنياسىدىن ئۇرغۇپ چىققان ۋە ھەقىقى بىر سەنئەتكار روھىغا ئىگە ناخشىچىنىڭ ھىسياتى ئىپادىلەنگەن ناخشىنى بىرە بىر ئاڭلاپ تۇرغىنىمىزنى ھىساپقا ئالمىغاندا خىلىدىن بىرى ئاڭلاپ باقمىدۇق ۋە مەنىۋى ھاياتىمىزنىڭ كۇندىن كۇنگە ئاچ قىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالاۋاتىمىز.

    ناخشىچىنىڭ ئەسلى ماھىتى سەنئەتتىن كىلىدۇ. بىر سەنئەتكار ناخشىچى بولالىشى مۇمكىن، ئەمما بىر ناخشىچى سەنئەتكار بولالىشى ناتايىن. ھەركىم سەنئەتكە قىزىقىپ ھەۋەس قىلىشى مۇمكىن لىكىن ئاۋازى چىقىدىغانلىكى بولسا ئۆز ئىچىدىن سەنئەت قايناپ چىقىشى ناتايىن. بىز كۆز بىلەن كۆرۈۋاتقان قۇلاق بىلەن ئاڭلاۋاتقانلىكى شەيئىلەرنىڭ روھى دۇنيامىزغا ۋە خىيالى ئالەمىمىزگە بىرىۋاتقان تەسىرى ، بۇ تەسىر تۇپەيلى كۆز قاراش ئاڭ – ئىددىيەمىزدىكى پەيدا بولغان ئويغىنىش ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنىڭ ئىھتىياجلىق بولغانغا ئوزۇقلىنىپ تۇرىشى،بۇ ئامىللارنىڭ بىزنىڭ رېئال تۇرمۇشىمىزغا كۆرسەتكەن تەسىرىدە بولۇنغان ئۆزگۇرۇشلەر مانا شۇ سەنئەتكە باغلىق . بولۇپمۇ بۇ سەنئەتنى ئەمەلى ئىجرا قىلۋاتقان سەنئەتكارلارغا ئەلۋەتتە باغلىق. پەلسەپىلىك ئىيتقاندا خىمىر يۇغۇرۇشنى بىلمەي تۇرۇپ ئۆزىنى تونۇر بىشىدا كۆرسۇتۇپ خەققە ئۆزىنى ناۋاي دەپ تونۇشتۇرغان ئالدامچى ، تونۇر بىشىدا تۇرغانلىقى ئۇچۇن خەق ئۇنى راست ناۋايكەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئەمما ئۇ پىشارغان ناننى يىگەندىن كىيىن ناننىڭ دىگەندەك پىشمىغانلىقى خىمىر تۇرۇچنى قالايمىقان چېچىپ تۇز تەمىنىڭ تىتىماي لاۋزا بولۇپ قالغانلىقىنىڭ پەرقىگە يىتىدۇ. ئامال يوق يەيدۇ. چۇنكى قوساق ئاچ دە. ناۋايمۇ ئۆز خىرىدارىنى ئاشۇنداق نانغا كۆندۇرۇشكە تىرشىدۇ. بەزىلەر بۇنداق ناندىن ئورۇس بولكىسى ياخشىكەن دىگەن ئويغا كىلىپمۇ قالىدۇ. بەزىسى نىمىلا بولمىسۇن ئۆزىمىزنىڭ نىنى دەپ يەۋىردۇ. ئەمما ئۇ كۇندە دىگۇدەك خىمىر تۇرۇچ لاۋزا ناننى يەۋىرىپ ئاشقازىننىڭ بۇزۇلۋاتقانلىقىنىڭ پەرقىگە يەتمەيدۇ،يەتكەن تەغدىردىمۇ ئويلايدۇ: بىزنىڭ نىنىمىز مۇشۇنداقلا بولدىكەن شۇ. . .
    جەمىيتىمىزدە بۇنداق «ناۋايلار» ئازمۇ؟ يەنى سەنئەتنىڭ ھەقىقى ماھىيتىنى چۇشەنمەيدىغان ، ئىچىدىن قايناپ چىقمىغان تەغدىردىمۇ ، ئۆزلەشتۇرگەن سەنئەتنى ئۆز ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاۋامغا سىڭدۇرەلمەيدىغان كىشىلەر بىزدە پالانى ناخشىچى دەپ ئاتىلدۇ. مەن بىر چاغدا بىر ناخشىچىدىن : «سەنئەت مەنىۋى تۇرمۇشقا قانداق تەسىر بىردۇ؟» دەپ سورسام ئۇ ناخشىچى«ياخشى تەسىر بىرىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ياخشى تەسىر بىرىمىش. ماقۇل:«ياخشى ناخشىچى قانداق بولدۇ؟» دەپ سورسام «ناخشىنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئىيتالىسا ، ئاۋازى ياخشى بولسا ياخشى ناخشىچى بولالايدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئەپسۇس. سەنئەت مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ سۇپەت ساپاسى ، جەميەت سۇپىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى ياكى چىكىنىشىدە مائارىپتىن قالسىلا سەنئەتنىڭ رولى ئىنتايىن موھىم تۇرسا ، بەرگەن تەسىرىگە كۆرە داۋالغۇش مەيدانغا كىلدىغان تۇرسا ، ئۇ «ناخشىچى» نىڭ چۇشەنچىسى بويۇنچە نەدىكى تاينى يوق ، مۇشۇك ئاڭلىسىمۇ قۇلىقىغان خوش ياقمايدىغان قىلچىلىق سەنئەت پۇرقى يوق قالايمىقان بىرنىمىنى ناخشا قىلىپ ئىيتىپ چۇشكۇنلەشتۇرۇپ ، چۇشكۇنلىشىپ خەلقنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا تىخىمۇ چۇشكۇنلۇك ئىلىپ كەلسە «ياخشى» تەسىر بىرەمىش، بىر شىېرنى يادىلاپ، ئاھاڭغا زورلاپ كاكىراپ تۈكىنى تارتقان ئۆچكىدەك ۋاقىراپ بەرسە ، خەقنى ۋاقىتلىق ھوزۇردا چاۋاك چالغۇزۇپ مىكرافوننى تۇتۇپ سەھنىدە غادىيىپ تۇرسا «ياخشى ناخشىچى» بولارمىش. ناخشىچىنىڭ سەنئەتتە تۇتقان ئورنى موھىم، ياخشى بىر ناخشىچى بولۇش بىر ناخشا ئىيتىپ نەچچە چاۋاكنى ئىلىش ئەمەس، ئۆز تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشمۇ ئەمەس، بەلكى ئاڭلارمەننىڭ تۇيغۇلىرىنى ئىپادەلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلدۇ. خەلقنىڭ ئىچ دۇنياسىدىكى ھىس تۇيغۇلىرى ، كەچۇرمىشى ۋە ئازاپ-خوشاللىقىنى ئۆز تۇيغۇلىرىغا مۇجەسسەملىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىپادىلەپ بىرەلەش مانا بۇ ياخشى بىر ناخشىچىنىڭ قىلالايدىغان ئىشى. بۇ ئارقىلىق ئۇ خەلقنىڭ(ئاڭلارمەننىڭ) مەنىۋى ھاياتىنى بىيىتالايدۇ ۋە ئۆز تۇيغۇلىرىنىمۇ ئىپادىلىيەلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭمۇ مەنىۋى ھاياتى بىيىيدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن يا سەنەتنى چۇشەنمىسە يا ناخشىچىلىقنى قانداقمۇ ناخشىچى بولۇپ قالدۇ؟ بۇنداق ناخشىچىلار ئاسماندا غىل پاللا چاقناپ يوقاپ كەتكەن يۇلتۇزدەك بىرلا پەيدا بولۇپ تۇرۇپلا يوقاپ كىتىپ داۋاملىق چولپان بولالمىغىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلەمدىغاندۇ؟ بىلگەن تەغدىردىمۇ ئامال يوق، سۇ باشتىن لاي. ! بىزنىڭ خەلقىمىز ھەقىقى سەنەتكار بولسا بىشىغا ئىلىپ كۆتۇرۇشنى بىلدۇ، داۋاملىق چولپان قىلدۇ . پۇل بىرىپ باي قىلىۋتىدۇ. مەستانىسىمۇ بولالايدۇ . ئەمما سەنەتكار ئەمەسلەرنى كۆتەرمەسلىكنىمۇ بىلدۇ، بىرەر بىر كۆرۇپ قالسا ھۆرمەت يۇزسىدىن كۇلۇمسىرەپ ياكى سالاملىشىپلا قويدۇ . ناخشىلىرنى ئەل قاتارى ئاڭلاپ قويىدۇ، ئەمما روھى دۇنياسى رازى بولمايدۇ. چۇنكى ناخشىچىلىرىمىز روھى دۇنيامىزنى داۋاملىق ئوزۇقلاندۇرالمايدۇ چۇنكى ئۇلار روھانىيەتنى باي قىلغۇچى ئەمەس ئاق كۆڭۇللەرنى ئالداپ پۇلىنى ئىلىۋىلىپ باي بولۇش قەستىدە يۇرگەنلەر.


    ناخشىچى ئىسمى ۋە پسىخولوگيە


    بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز ئۆز ئىسمىغا، يەنى ئۆز ئوبرازىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، پسىخولوگيە چۇشەنچىسى بولسا ئەسلا يوق. ھەرقانداق بىر يىڭى ئىجادىيەت چىققاندا ئاڭلاۋاتقان كىشى كىمنىڭ ناخشىسى ئىكەنلىكىگە قىزىقىدۇ. « پالانى» ناخشىچىنىڭ ناخشىسى ئىكەنلىگىنى بىلگەندىن كىيىن دىمەك ئاڭلارمەننىڭ پسىخولوگىيسىگە «پالانى ناخشا» ئەمەس «پالانى» ناخشىچى يەرلىشىدۇ. چۇنكى ئۇنى ھوزۇرلاندۇرىۋاتقان ناخشىنى «پالانى» ئىيتىۋاتىدۇدە. شۇ ناخشىنى باشقا بىر ناخشىچى ئىيتقاندىمۇ ئەسلى ھوزورىنى ئالالمايدۇ.
    ئاڭلارمەن ناخشىچىنىڭ تۇيغۇلىرىدىن ئۆزىنى كۆرگەندەك بولىدۇ دە ناخشىچىنىڭ مەستانىسىگە ئايلىنىدۇ. مەستانىلىك ئەۋج ئالغاندا ناخشىچى موزايدەك مۆرەپ بەرسىمۇ مەستانىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ئىرىشىدۇ. چۇنكى ئۇنىڭ پسىخولوگىيسىدە «پالانى» ئورۇنلۇشۇپ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلىگەندە؟. ئەمدى مەستانىلەر كۆپۈيۈپ ناخشىچى ئەل ئارىسىدا تونۇلماقچى بولۇپ تۇرغاندا«پالانى» تۇيۇقسىزلا يوقاپ كىتىدۇ. مەستانىلەر خىيال كۆپۈكلىكىگە ئۇچۇرايدۇ ياكى«پالانى» قاملاشمىغان بىرنىمىنى كاكىراپ قويدۇدە مەستانىلەر نەزىرىدىن چۈشۈپ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالدۇ.«پالانى» يوقاپ كەتتى ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟ يەنىلا توختىماي ئۆز چولپانلىرىمىزنى ئىزدىشىمىز كىرەك. مەستانىلەر يەنە بىر چولپانغا كۆڭۇل باغلاشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ مەستانىسى بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئارلىقتا تۇيۇقسىزلا«پالانى» پەيدا بولۇپ ئېكراندا كۆرۇنىدۇ. يەنە بۇرۇنقى سەرۋەتىنىڭ قايتىپ كىلىشىنى كۈتىدۇ، ۋاقىراپ باقىدۇ جاقىراپ باقىدۇ ، مەستانىلەر ھىچيەردە يوق. ئۇلارمۇ ئادەمدە! بۇنداق چىكىتى يوق جىڭغا قانداقمۇ ئىشەنچ باغلىسۇن؟ ئۇلارمۇ ئۆز چولپانلىرىنى تىپىشقا ھەقلىق ئەمەسمۇ؟! ئۆز ۋاقتىدا يوقاپ كەتكەندىن كىيىن ئەمدى كۆرۈڭ كۆرگۇلۇكنى.
    سۇغا سالسا سۇ كۆتەرمەس مىسقال تۆمۇرنى، ئالتۇن بىرىپ ئىلىپ بولماس قالغان كۆڭۇلنى دەپتىكەن.
    بۇ ئارىدا مەستانىلەر يىڭى تونۇشقا باشلىغان «چولپان»نى يەنە يۇتتۇرۇپ قويىدۇ،ياكى«چولپان» مەستانىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى داۋاملىق قاندۇرالماي قالدۇ.. بۇمۇ باياقى «پالانى»نىڭ ۋەقەسىدەكلا بىر ئىش. شۇنىڭ بىلەن كىشىلىك مەنىۋى ھايات بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغاندەك قالايمىقانلىشىشقا باشلايدۇ. سەنئەتكە بولغان ئھتىياج تىخىمۇ ئاشىدۇ، بۇ ئھتياج كۇندە كۇندە، ھەر سائەت مىنۇتتا ئىشىپ تۇردۇ. چۇنكى «چولپانلار» يوقۇلىشى بىلەن ناخشىلىرىمۇ قوشۇلۇپ يوقۇلىشقا باشلىغاندە! مەستانىلەردە سەنئىتىمىزگە نىسبەتەن بىرخىل ئشەنچسىز تۇيغۇ پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇيغۇرچە ناخشا دىگەندە كىمنىڭ ناخشىسىكەن؟ دىيىشتىن ۋاز كەچكەن بولۇپ ، قايسى قۇلقىغا يىقىملىق ئاڭلانسا شۇنى ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇ. ئەپسۇس. بۇ يىقىملىق ئاڭلىنىۋاتقان يىڭى ناخشا يەنە بىر يىڭى «پالانى» نىڭ «چولپان»بولماقچى بولۇپ ئىيتىۋاتقان ناخشىسى بولۇپ چىقىدۇ.

    باشقىلارغا تەقلىت قىلىش ئىڭى :
    بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز كىملىكىنى بىلمەيدۇ. روھىيىتىدىن ئىزدىسىڭىز قانداق تۇردىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭىز تەغدىردىمۇ بۇ توغرۇلۇق ئۇنى قايىل قىلالمايسىز. چۇنكى ئۇ ئۆزى بىلمەيدۇ. بىلگەن تەغدىردىمۇ ۋجدان ئالدىدا تەن ئىلىشنى خالىمايدۇ. مانا شۇنداق كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى يوشۇرۇپ باشقىلارغا ئۆزىنى ئوخشۇتۇشنى قىلالايدۇ. تەقلىت قىلىپ باقىدۇ. شۇنداق بولۇشقا تىرىشىدۇ ، بۇ بولسىمۇ ئۆزلىكىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىچىنىشلىق تراگديسى. مۇستەقىل پىكىر قىلىش روھى بولمىغان قۇل مىجەزلىكنىڭ ئەپسۇسنىلارلىق مەھسۇلاتى.
    ئادەمدەك ئادەم بولسۇن. ئىلاھى ئشەنچى بولسۇن، ئادەمىيلىكى بولسۇن. مەلۇم مىقتار بىلىمى بولسۇن مۇستەقىل ئەركىن روھقا ئىگە بولسۇن. ئۇنىڭدىن كىيىن تالانتى، قابىلىيتىگە كۆرە ئۆزىگە بىر ئىسىم قويسۇن ۋە خەلقى ئالەمگە مەن «پالانى» دەپ جاكارلىيالىسۇن.
    ھىچ بىر ئىنسان مىنىڭ مۇستەقىل ئەركىن روھىم يوق دىيەلمەيدۇ. ھەممىلا ئىنساندا ئەركىن روھ بار، ھەممىلا ئىنساننىڭ روھانى ئالەمى بار. پەقەت ئىنسانلار بۇنىڭ پەرقىگە يەتكەن ھالەتتىمۇ ئەركىن روھىدىن بەھرىلەنەمەي. ئىگە بولۇشنى بىلمىگەچكە، نوقۇل تىنى بىلەن روھانيىتىنى بىرلەشتۇرۇۋىلىپ «مەن پالانىنىڭ بىسىمى ئاستىدىكى ئادەم»دىۋىلىپ ئۆزىگە روھى بىسىم قىلۋالىدۇ. بۇ تۈپمۇ تۈپتىن خاتا. چۇنكى ئىنساننىڭ تىنى مەلۇم بىرسىگە ئائىت بولۇپ مەلۇم بىرسىنىڭ قولىدا بولغان بىلەن روھى ھەرقاچان ئۆزىنىڭ قولىدا، ئۆزىگە ئائىت.!
    چۇنكى ئىلاھى قانۇن ئالدىغا، دۆلەت قانۇنى ئالدىدا ياكى ۋىجدان سورىقى ئالدىدىمۇ «مىنى پالانچى مۇنداق قىل دەپ زورلىغانتى شۇڭا قىلىپ ساپتىمەن دىيەلمەيسەن. ياكى پالانچى مۇنداق قىلغانتى شۇڭا مەنمۇ قىپتىمەن» دىيەلمەيسەن. شۇڭلاشقا ئۆز روھىغا خىلاپ ھالدا باشقا روھقا ئۆزىنى تەقلىت قىلغانلىق بۇ روھقا نىسبەتەن بىر بىسىم بولۇپ قىلىپ ئۆز روھانىيتىنىڭ ئاجىزلىششىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

    بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز ئۆز كىملىكىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنى باشقىلارغا تەقلىت قىلىشى، ئۇنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ نەقەدەر چىرىكلىكىنى كۆرسەتكەندىن باشقا ، باشقىلارغىمۇ ئۈلگە بولۇپ بىرىپ خەلقنىڭ روھىيتىگە يات ئەقىدىنى زورلاپ ئۇلارنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش قىلىشقا ئۇرۇنغاندەك يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپچى بولۋاتدۇ. چەتنىڭ ناخشىلىرىنى تىخىمۇ مازلاشتۇرۇپ، بۇزۇن ئىيتىپ ، ئۆزىنىمۇ بۇزۇپ سەنئىتىمىزنىمۇ بۇزۇۋاتقانلىقى ، سەنئىتىمىزنىڭ يارىسىغا يارا قوشۇپ چەتەلنىڭ ئايىغى چىقماس ۋابا كىسىلىنى تارقاتقاندەكلا بىر ئىش بولۋاتدۇ. سەنئىتىمىز بۇ «كىسەل»دە زەھەرلىنىۋاتدۇ.
    ئارىدا بىرەر بىر كىملىكى ئىنىق بولغان ناخشىچىلىرىمىزنىڭ بىرەر ياقتۇرۇلغان چەتەل ناخشىسىنى ئىيتىپ قويىشى نورمال ئەھۋال. ئەمما بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە يەنىلا بىنورمال. بىرەر بىر ياخشى چەتەل ناخشىسى ئىيتىلىشقا ھەقلىق، چۇنكى سەنئەت ھەممە يەردە شۇنداق تەرەققى قىلدۇ ۋە ياخشى ناخشا بولسا ئۇنى پۇتۇن دۇنيا كىشىلىرى ئاڭلاشقا ھەقلىق. سەنئەتكار بۇنى ئىيتىش بىلەن ئۆزىنىڭ تالانتسىزلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ، ئىيتىشقا ناخشا تاپالمىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى بۇ ناخشىنى ياختۇرغانلىقى ۋە ئۆز تىلىدا ئۆز خەلقى بىلەن تەڭ بەھرىمان بولماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ۋە ناخشىنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئىيتالايدۇ ، ھەتتا ئەسلىدىكى ناخشا كەيپىياتىنىمۇ يارىتىپ بىرەلەيدۇ. مانا بۇ ھەقىقى سەنەتكار ناخشىچى قىلالايدىغان ئىش.
    سىز كىم؟ ئىسمىڭىز – جىسمىڭىز؟ ئىشىڭىز-كىشىڭىز؟ ئوتۇنچىمۇسىز؟ تۆمۇرچىمۇسىز؟ ناخشىچىمۇ، غىڭ-غىڭچىمۇ؟سەنئەتكارمۇ- ھەۋەسكارمۇ؟ ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى تىپىڭ ۋە شۇ بولۇڭ. ئۆز ئورنىڭىزنى بىلىڭ ۋە مەھكەم ئولتۇرۇڭ!دىگۇم كىلدۇ.
    تەرزى ئىنىق ئەمەس
    بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىزنىڭ تەرزى ئىنىق ئەمەس. شۇنىڭدەك مەستانىلەرنىڭمۇ تەرز تۇتىشى يوق دىيەرلىك. ھەركىمنىڭ ياقتۇرغان تامىقى ھەرخىل بولدۇ ۋە شۇ كىشى ئۆزى ياقتۇرغان تامىقىنى يىيىشكە ھەقلىق. ھەركىمنىڭ قىزىقىدىغىنى ھەرخىل بولدۇ ۋە قىزىققانغا ئىرشىشى تامامەن ئۇنىڭ ئەركىنلىكى. ھىچقانداق بىر نورمال ئادەم يىقىن دوستىدىن سەن ئاۋۇ تاماقنى تاللىدىڭ ، ياكى مۇنداق نەرسىگە قىزىقتىڭ دەپ ئاغرىنمايدۇ. ناخشا تەرزىمۇ مانا شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە. ھەركىم ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى بىيىتالايدىغان، ئۆزىنىڭ مىجەز خۇلقى ئوي پىكرى ، چۇشەنچىلىرىگە ئۇيغۇن كىلدىغان، ھىس تۇيغۇلىرىنى تولۇقلىيالايدىغان تەرزىنى تۇتۇشقا ۋە شۇ تەرزدىكى ناخشىنى ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىشقا ھەقلىق. تەرزى ئىنىق بولمىغان كىشى روھىيتى قالايمىقان، مەنىۋىيتى تولۇق ئەمەس بولۇپ تازا نورمال ئادەم ھىساپلانمايدۇ.
    ئۇنىڭ پسىخولوگيسىدە «بەرىبىر»لىك كۈچەيگەن بولۇپ ، كۆپلىگەن نازۇك يىڭىچكە مەسىللەر «قانداق بولسا ماڭا بەرىبىر» دەك يەر ئالغان بولدۇ. بۇ بىزدىكى پسىخولوگيە ئاجىزلىقلىرىدىن بىرى.
    مەيلى قانداق ناخشا ياكى مۇزىكا بولشىدىن قەتئى نەزەر ھەممىسىنىڭ ئىسمى بولغىنىدەك تەرزىمۇ بولىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز ئىسمىنى بىلدۇ، تىكىستىنى بىلدۇ، ئېيتىشنى بىلدۇ. ئەمما تەرزىنى بىلمەيدۇ. قانداق ناخشا دەپ سورسىڭىز «ياخشى»ناخشا دەيدۇ. ئاڭلارمەندىن قايسى تۇردىكى ناخشىكەن دەپ سورسىڭىز «پەيزى ناخشىكەن» دەيدۇ. ياكى دىككا دىككاڭ-گۇپپا گۇپپاڭ دەپ دوراپ بىرىدۇ. ئاڭلارمەندە ئەيىپ يوق. بۇنى ناخشىچىمىز شۇنداق ئۇگەتكەن. ناخشىچىمىز«ناخشىچى»بولغاندىن كىيىن ئۆز كەسپى دائىرسىدە ئىزدىنىشى ، زاماننىڭ ئىقىمى، خەلقنىڭ ئھتىياجىنى بىلىشى كىرەك ئىدىغۇ؟ ئۆزىنىڭ قايسى تۇردىكى ناخشىچى ، قايسى تەرزدە ناخشا ئىيتىشى كىرەك ئىكەنلىكىنى بىلىشى كىرەك ئىدىغۇ؟ئىزدىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن بىرەر كىتاپنى قولىغا ئىلىپ باشتىن ئاياغ ئوقۇپ قويامدۇ؟ ئەمما ئۇنداق قىلماغلىق، بىر ناخشىچى ئۆزنىڭ تالانتىغا كۆرە بىر ياكى ئىككى تەرزدە ناخشا ئىيتالىشى مۇمكىن. مەستانىلەرمۇ ئھتىياجىغا قاراپ بىر ياكى ئىككى «بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ» تەرز تۇتىشى مۇمكىن، ئاڭلارمەنلەر شۇ تەرزدە ئايرىلىپ كۆپىيشى مۇمكىن:
    بۇ تەرزلەر قىسقىچە تۆۋەندىكىچە:
    1.تەرز: خەلق ناخشىلىرى:
    تىلى: مۇڭلۇق، ئۆزلۇك تەسىرى كۇچلۇك، مىللى سازلار ئىشلىتىلدۇ.
    بۇنىڭغا بىزدىكى مۇقام ۋە خەلق تەرپىدىن ئىجات قىلىنغان، ئەزەلدىن بار بولغان خەلق ناخشىلىرى، ھەرقايسى يۇرت ناخشىلىرى «خەلق ناخشىسى تەرزى»گە كىرىدۇ.
    2. سەنئەت ناخشىلىرى ياكى سەنئەت مۇزىكىسى تەرزى:
    تىلى : ئېستېتىك، ئۆزلۇك تۇيغۇسى بىردۇ خەلق چالغۇسى ئاساس قىلىندۇ.
    بۇنىڭغا يەنە خەلق تەرپىدىن مىللى چالغۇلار ئاساسىدا مىللىچە ئاھاڭ پۇرىقى بولغان يىڭى ئىجادى ناخشىلار ياكى مۇزىكىلار كىردۇ. بۇنداق ناخشىلار شۇ مىللەتنىڭ سەنئىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولغانلىقتىن«سەنئەت»تەرزىگە كىرىدۇ.
    مەسىلەن: ئابدۇرەھىم ھىيت: بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر. داۋۇت ئاۋۇت: مىنىڭ راۋابىم«مۇزىكا»
    3.ئوركېسترا:
    تىلى : ئىغىر، تولۇق ئېستېتىك ئوركېستىر سازلىرى چىلىندۇ.
    ئوركېسترانىڭ چەكلىمىسى بولمايدۇ، ھەرقانداقلىكى بىر مۇزىكىنى ئوركېستراغا سىلىپ چىلىش مۇمكىن. ناخشا ئىيتىش توغرا كەلسە چوقۇم ئوپېراتىك ئاۋازدا ئوپېرا ناخشىسى ئىيتىلدۇ. يەنى ئوركېسترانى ھەم مۇزىكا ھەم ناخشا قىلغىلى بولدۇ.بۇ «ئوركېسترا»تەرزى ھىساپلىندۇ.
    مەسىلەن: دىلبەر يۇنۇس، بۇلبۇللار سايرىسا
    4. لاتىن مۇزىكىسى
    تىلى : ھەركەتچان ، جۇشقۇن ، غىدىق ئاساسلىقى گىتار ، دۇمباق، سۇرنا«ساكسافون» ئىشلىتىلدۇ.
    بۇ تەرز ئسپانيەدىن تارقالغان بولۇپ سىگانلاردا كۆپ ئومۇملاشقان. ياۋرۇپا لاتىن تىللىق خەلقلىرىدىن روسيەگە ئۆتۈش ئارقىلىق تاتارلارغا كىيىنرەك بىزگە 1930-يىللىرىدىن كىيىن يۇرتىمىزدا ئومۇملىشىشقا باشلىغان جىرلار ، ئاتلوشكا دىگەندەك ناخشا ئۇسۇللار ئەسلى شۇ لاتىن مۇزىكىسىنىڭ ئۆزلەشتۇرۇلگەن قىسىملىرى. ھازىر ئۇيغۇرلادا لاتىن مۇزىكىسىغا ئانچە قىزىقىش بولمىسىمۇ، بۇمۇ بىر تەرز. ھازىرقى لاتىن مۇزىكىلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئانچە ئومۇملىشالمىدى ، چۇنكى باشقا تەرشلەر بىسىپ چۇشۇۋاتىدۇ.
    5. فلامېنكو
    بۇمۇ لاتىن مۇزىكىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ئىسپانيەدىن تارقالغان. ئاساسلىق ئاكوستىك ۋە كلاسسىك گىتار بىلەن چىلىندىغان بولۇپ فلامېنكوچە ئۇسۇل ۋە تەرزنى شەكىللەندۇرگەن.
    مەسىلەن:ئەركىن ئابدۇللا: بالاڭزا
    6. ۋالس-تانگو-رومبا
    تىلى: ھەركەتچان، تانسىلىق، ئاساسلىق سكرېپكا ، باس كېمان گارمون دۇنباق بىلەن ئورۇنلىنىدۇ.
    بۇ تۇرلۇك تەرز 15- ئەسىردە فرانسيەدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، ناخشىلىرى رومانتىك، يىقىملىق. ئاڭلىغان كىشى ئختىيارسىز تانسا ئويناشنى خالايدۇ. بۇ ئۈچى ئۈچ تەرز يەنى فرانسۇز تەرزى
    بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزغا 80- يىللاردا ئومۇملاشقان بولۇپ ھازىر ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئاساسەن چوڭلار ياختۇردۇ.
    مەسىلەن : رەشىدە داۋۇت ناخشىلىرى
    7. جاز
    تىلى: ھەركەتچان غىدىق، رومانتىك ئاساسلىق پىيانىنو سكرېپكا.
    بۇ تەرزمۇ فرانسيەدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، ئامېرىكا ياۋرۇپادا ئومۇملىشىپ كەتكەن. مۇزىكا خاراكتېرى بىزنىڭ پەلسەپىمىزگە چۇشمىگەچكا بىزدە ئومۇملىشالمىغان. جاز ئۇسسۇلىمۇ قوش كىشىلىك ياكى تاق كىشىلىك ئوينىلدىغان بولۇپ بۇمۇ بىر ئۆزگىچە تەرز. مۇزىكىنىڭ مۇقىم تەكىتى بولمايدۇ ، ئارلاشما چىلىنىدۇ. نوستالژى كەيپىياتى بىزگە ھازىرغىچە يىتىپ كەلمىگەن بولسا كىرەك، نوستالژىلىق جاز ئۆزگىچە ئاھاڭ بىلەن جاز دىن پەرقلىندۇ. نوستالژىلىق ئاڭلىغان كىشىنى ئايغى يوق خىيالغا باشلىيالايدۇ. كۆپۇنچە خىيالپەرەس كىشىلەر نوستالژى كەيپىياتىلىق ناخشا ئاڭلايدۇ بۇمۇ بىر نوستالژىلىق جاز تەرزى.
    8. روك-بلۇز-مېتال
    تىلى: ئىغىر، جۇشقۇن،ئىسيانى، جەزبىدارلىغى كۈچلۈك . ئاساسلىقى گتار، ئېلكترونلۇق گتار، باس گتار چوڭ كىچىك دۇمباق بىلەن چىلىندۇ.
    بۇ تەرز 40-يىللىرى ئامېرىكىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، ھازىرغىچە بۇتۇن دۇنياغا ئومۇملاشقان. روك تەرزى كىشىگە جۇشقۇن، تولۇقلۇق كەيپىيات بىرەلەيدۇ. روكتىن ئايرىلىپ چىققان بلۇز ئۆزگىچە ئاھاڭ بىلەن روكتىن پەرقلىندۇ. كىيىنرەك ئوتتۇرغا چىققان مېتال تەرزى بولسا ئالدىنقى ئىككىسىگە نىسبەتەن تخىمۇ ئىغىر ۋە جۇشقۇن. ئاڭلىغان كىشىنىڭ دەرت ئەلەمى ئىسيانلىرىنى قوزغىتالايدۇ. بۇ ئۈچ ئۇسلۇب ئۈچ تەرز ھىساپلىنىدۇ. بىزگە 80-يىللاردىن كىيىن كىرىشكە باشلىغان.
    مەسىلەن: مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ ناخشىلىرى روك تەرزىگە كىرىدۇ. ئەسقەر كۆك بۆرىنىڭ ناخشىلىرى روكتىن ئاشقان ، مېتالغا يەتمىگەن ئۇسلۇب، يەنىلا روك تەرزىگە كىردۇ.
    9. پوپ
    تىلى: ھەركەتچان ، جۇشقۇن، تولۇق. ئاساسلىقى دۇمباق، گىتار، سۇرناي ئېلكترون قوشۇمچە سازلار60-يىللاردا ئامېرىكىدا مەيدانغا كىلىپ ، ھازىرغىچە پۇتۇن دۇنيادا ئومۇملاشقان بولۇپ، پوپ تەرزىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ، ئاڭلىغان كىشىنى ئختىيارسىز ھەركەت قىلىشقا زورلايدۇ. ئاممىۋى سورۇنلار پوپ بىلەن تخىمۇ قىزىپ كىتىدۇ. پوپ تەرزىنىڭ ئاممىۋىلىشىشچانلىقى شۇنىڭدىن كىلىپ چىققان. بىزگە 90-يىللاردا كىرىشكە باشلىغان بولۇپ ئومۇملىشالىغان.
    مەسىلەن: ئابدۇللا ئابدۇرەھىمنىڭ ئىجادىيەت ناخشىلىرىدىن بەزىلىرى پوپ تەرزىگە كىرىدۇ.
    10. ئارابېسك
    تىلى:ھەركەتچان، غىدىق، ئاساسلىقى دۇمباق ، ساز ئىشلىتىدۇ.
    ئارابېسك تەرزى ئەرەپ مۇزىكىسىنى ئاساس قىلغان ئەھۋالدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ، پۇتۇن ئوتتۇرا شەرق دۇنياسىغا ئومۇملاشقان. ئارابېسك تەرزىگە نوقۇل ئەرەپچە ئۇسسۇل ئويناش كىرەك بولغان بولۇپ، قويۇق ئەرەپ ئاھاڭىغا ئىگە. بىزدە ئۆز ئۇسسۇلىمىز ۋە ئۆز ئاھاڭىمىز بار بولغانلىقتىن ئارابېسك بىزگە سىڭىپ كىرەلمەيدۇ. پەقەت بۇ تەرزنى تەقلىت قىلىشقا تىرشىدۇ.
    مەسىلەن: رەشىدە داۋۇتنىڭ بەزى ناخشىلىرىدا بۇ تەرز مەۋجۇت بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينالغان يەنە بەزى ھەركەتچان ئۆزبىكچە ناخشىلاردىمۇ مەۋجۇت.
    11. رېپ – ھىپ-ھوپ
    تىلى:ھەركەتلىك ، غىدىق، ئاچ. ئاساسلىق ئېلېكترون چالغۇ ، دۇمباق ئىشلىتىلدۇ.
    بۇمۇ 80-يىللاردا ياۋرۇپادا مەيدانغا كەلگەن تەرز بولۇپ ، پۇتۇن دۇنياغا ئومۇملاشقان. رېپ ناخشىلىرىدا مەلۇم ئاھاڭ تۇتامى بولمايدۇ. بىر ياندىن مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ناخشىچى سۆزلەشكە باشلايدۇ. ئارىدا بىرەر ئاھاڭلىق سۆز قوشۇش ئارقىلىق رېپ ھىپ ھوپقا ئۆزگىرەلەيدۇ. سۆزلىرىنىڭ مەنىسىدە كۆپۇنچە تەربىيە، سۆكۇش خاراكتىردىكى نەسىھەت ئاساسى مەزمۇن بولدۇ.
    بۇنىڭدىن باشقا دىژى، رىمېكس، فاناتىك، رومانتىك. . . قاتارلىق يىڭى مەيدانغا كەلگەن تەرزلەر مەۋجۇت ۋە ئومۇملىشىۋاتدۇ. بىر ناخشا بىرنەچە خىل تەرزدە ئىيتىلىنىشى مۇمكىن. ياكى بىرنەچە خىل تەرز ئارلاشمىسىدىمۇ ئىيتىلىنىشى مۇمكىن ئەمما ئەسلىسى قايسى تەرزدىكى ناخشا بولسا شۇ تەرز پۇرىقى بولغانلىقتىن ئەسلى تەرزى ھىساپ بولدۇ. بۇنىڭ بىلەن ناخشىنىڭ ئۆزگىچىلىكى تىخىمۇ ئاشىدۇ. بۇنىڭ چەكلىمىسى بولمايدۇ، بۇمۇ ناخشىچىنىڭ قابىلىيتىگە بولغان ئارتۇقچىلىق. موھىم بولغىنى ناخشىنىڭ قايسى تەرزدە ئىيتىلغىنى ئەمەس قايسى تەرزدىكى ناخشىچىنىڭ ئىيتقىنى. ناخشىچى ئۆز تەرزىدە ئىيتىپ چىقىشى ئۇچۇن يەنە شۇ تەرزى ئىنىق بولۇشىنى تەلەپ قىلدۇ. ئەكسى ئەھۋالدا بولغاندا بۇ ناخشا ئەسلىدىكى روھىنى يوقۇتۇپ كىرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ خالاس.
    بىر ناخشىچى ئۆز تەرزىنى ئىنىقلىغاندىن كىيىن قوشۇمچە تەرزنىمۇ ئۆزلەشتۇرەلىشى مۇمكىن. بۇمۇ ناخشىچىنىڭ قابىلىيتىگە باغلىق. ھەر تەرز بىر بىرگە ئارلىشىپ ئۆز ئەسلى ماھىيتىنى يوقاتمىغان ئەھۋال ئاستىدا جانلىنىشى مۇمكىن. چۇنكى سەنئەتنىڭ چىكى يوق. بىزنىڭ «ناخشىچى»لىرىمىز بولسا ئاۋال ئۆز تەرزىنى ئىنىقلاپ تونۇلغاندىن كىيىن مەستانىلىرىنىڭ ئھتىياجىغا ماس ئجادىيەت ئىلىپ بارماستىن، تۇرۇپلا پوپچى بولۋالدۇ. تۇرۇپلا روكچى بولۋالدۇ. ھىلى قارسا خەلق ناخشىسى ئىيتىپ يۇرگەن، ئەتىسى قارىسا يەنە باشقا. . . چىقارغان ئالبوملىرىدا ھەرخىل تەرزلەر ئارلىشىپ كەتكەن ئارلاشما ناخشىلار بار. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىمۇ قالايمىقان قىلدۇ، ئاڭلارمەننىمۇ ئاڭقىرالماي قالدۇ.«چولپان» بولالماي بازار چاققاننىڭ دىگەندەك ھىلى ئۇنداق ھىلى بۇنداق بولىۋىلىپ، ھىلى ئۇنى ھىلى بۇنى سىتىپ زىيان تارتىپ ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ بازاردىن يىنىپ چىققان سىتىقچىدەك ، يوقاپ كىتىدۇ. بۇ بولسىمۇ سەنئەتنى تىجارەتكە ئايلاندۇرىۋالغانلىقنىڭ ئاچچىق ئاقىۋىتى !
    بۇ تۇپەيلى ئارىمىزدىكى مەلۇم بولماقچى بولغان ھەقىقى سەنەتكارلار كۆمۇلۇپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئاقىۋىتى توشقۇزۇش تەس بولغان خەۋپ. !

    سەنئەت – تىجارەت

    سەنئەت ئىسىملىك مەنىۋى بايلىقنى قانداقمۇ تىجارەتكە ئايلاندۇرىۋالغىلى بولدۇ؟ سەنئەتتىن تىجارى پايدا كىلىشى مۇمكىن. مەنىۋى بايلىق ماددى بايلىق يارىتىشى مۇمكىن. بۇ مۇقەررە شۇنداق. لىكىن ھەرقانداق بىر سەنەتكار ئالدى بىلەن تجارەتنى ئەمەس ، سەنئەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىدۇ. چۇنكى ئۇ سەنئەتكار ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلسا پۇل ئۆزلىكىدىن كىلدىغانلىقىنى بىلىدۇ. پۇلنى كۆزلەپ قىلىنغان سەنئەت، ئىيتىلغان ناخشا ھەرقانچە ياخشى بولغان بولسىمۇ ، باشتىكى ئاساسى مەخسەت توغرا بولمىغانلىقتىن ھامان مەغلۇپ بولدۇ. بىزنىڭ «ناخشىچى»لىرىمىز ئاڭلارمەننىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى ناخشىغا بولغان ئھتىياجىنى ئىزدەنمەي، تەرزىنى ئىنىقلىماي ، قانداق ياخشى بىر ناخشىچى بولۇشنى ئويلاشماي، ئىككى تۆت تال ناخشىغا كاكىراپ قويۇپ، يەتمىگەننى تۈركتىن ئىلىپ ، چالا قالغىننى ئۆزبەكتىن قېتىپ ، بىر ئالبوملۇق ناخشا توشقۇزۇپ ، ئۆزى بىلەن بىر قېلىپتىكى «دەيچى»لەردە «دەي»گە «كېلا» قىلپ ، قەيەردە ئەرزان كۆپەيتسە شۇ يەردە سۈپەتسىز كۆپەيتىپ، ئالبومنىڭ سىرتقى رەسىمىگە ئالەمنى بەر بەر قىلىپ بىردىغاندەك ھەيۋەتلىك ھىجىيىپ چۈشۈپ، رەسىمنى كومپيۇتېردا تۇزەشتۇرۇپ «پەچەت» قىلغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ كۆرۇنمەيدىغان «ماسكا»سىنىڭ ئالبومدە ئەكس ئەتكەنلىگىدىن كۆڭلى تىنىپ ئالبومنى بازارغا سالىدۇ. ئەتىسى كۇنىدىن باشلاپ قانچىلىك سىتىلغانلىقىنى سۇرۇشتە قىلىشقا باشلايدۇ. . . تىخى بەزىلىرى بىرەر ئاممىۋى يەردە ناخشا ئىيتىش توغرا كەلسە ئەنە شۇ «دەي» نى قويۇپ بىرىپ ئۆزى يالغاندىن ئاغزىنى مىدىرلىتىپ قويدۇ. !!!
    ھارامزادە ! ماسكاڭنى ئىلىۋەت خەقنىڭ قان تەرىدە كەلگەن پۇلىنى بۇلىما ! خەقنىڭ مەنىۋىيتى تۇرمۇشىغا چىرىك روھىڭ بىلەن سوقۇنۇپ كىرىشڭگە ھەققىڭ يوق!. . .

    سەنئەت ۋە تىجارەتتىكى مىنىڭ چۈشەنچەم

    بىر سەنەتكار بولۇڭ، ئاۋال ئۆزىڭىزدە ياخشى بىر ئادەميلىك تۇرغۇزۇڭ. كىيىن تالانتىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئىجات قىلىڭ. ئۆز ئىجادىيتىڭىزدىن تەرزىڭىزنى ئىنىقلاڭۋە شۇ تەرز بويۇنچە داۋاملاشتۇرۇڭ. ئەگەر بىر سەنەتكار بولسىڭىز ئاساسەن ئىجاد قىلىش روھىغا ئىگە سىز. ئادەميلىكىڭىز بار بولغاندىن كىيىن خەقنىڭ پۇلنى ئىلىشقا تۇرمايسىز.
    نىمە چىقسا چىقسۇن، ئۆز ئىچىڭىزدىن چىقسۇن. ياكى باشقا ئىجادىيەت بولسمۇ، سىز ئۇنى ئۆز روھىڭىزدىن چىقىرىڭ. بۇيەردە تالانت موھىم ئەمەس روھ موھىم.كىيىن چىققاننى ئۆلچەمگە لايىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا، مەنىۋى ئھتىياجنى كۆزلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، زامان موھىتىغا ئېقىمىغا ماسلاشقان ئەھۋال ئاستىدا خەلققە تارقىتىڭ. 10-مىليون ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغانلار ئىچىدىن 1-مىليونى سىزنى ئاڭلىسۇن. 500-مىڭى ياقتۇرسۇن، 100-مىڭى مەستانىڭىز بولسۇن، 50 مىڭى سىزنىڭ مەھسۇلاتنى سىتىۋالسۇن. 1-يىۋەندىن پايدا ئالدىڭىز دىگەندىمۇ 50-مىڭ يىۋەنگە ئىگە بولدىڭىز. ئەڭ ئاز ھىساپلىغاندىمۇ مەلۇم مىقتار پۇل تاپتىڭىز. سىز يەنە سەنئەت بىلەن ئھتىياجنى ئويلىشىۋىرىڭ، پۇل كىلىۋەرسۇن. ئەگەر 10 –مىليون كىشى ئارىسىدىن 100-مىڭ مەستانە چىقىرالمىغان بولسىڭىز، دىمەك سىز سەنەتكار بولالمايسىز. سەنئەتكار ئەمەسسىز. ناخشىچىلىق قىلىمەن دىمەي سۇ سىتىڭ، يوق دىگەندە ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرالايسىز.

    خاتا ئادەمىيلىك


    بىزنىڭ «ناخشىچى»لىرىمىزنىڭ ئادەمىيلىكى توغرا ئەمەس. ھەتتا خىلى تالانتلىق ، قابىليەتلىك دەپ قارالغانلىرىمۇ ، جەمىيتىمىزدىكى ھەر چىرايلىق كىلىشكەن ياش ئوغۇل قىزلىرىمىزدەك خاتا ئادەمىيلىكنى ئۆزى بىلەن بىللە ئىلىپ يۇرۇيدۇ.
    ئۇلارنىڭ نەزىرىچە، ئادەمىيلىك چىرايلىق پاكىز كىيىنىپ يۇرسە ، سالام سائەتنى چىرايلىق قىلسا، ئىغىزدا بار«ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك»بولسا، يولدا ئۇچىرىغان تىلەمچىگە ئىچ ئاغرىتىپ ئانچە مۇنچە پارچە پۇل«سەدىقە»بىرىپ قويسا، غۇربەت ئىچىدە قالغانلارغا چۇڭقۇر ھىسداشلىق بىلدۇرۇپ كۆڭلىنى يىرىم قىلىپ قويسا. . . مانا مۇشۇ تىپتىكىلەر ئۆزىنى خىلى ئادەم دەپ ھىساپلاپ يۇرۇيدۇ. ئادەمىيلىك دىگەن مۇشۇنداق بولشى كىرەك دەپ ئويلايدۇ. تىشىدا يالغاندىن ئەخلاق پەزىلەتلىك سالاپەتلىك بولۇپ ئىچىدە ئىچىدىن چىرىكلەشكەنلىك ، ئۇ قانداق ئادەمىيلىك؟ ناخشىچىلىرىمىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنامۇ؟ تىشىدا «ئادەمي» بولۋالغان «ناخشىچى»لىرىمىز ،«سەنئەتكار»لىرىمىز دا ئەخلاق بار بولغان بولسا ، قالايمىقان «دىبا»،«جۇبا»لاردا ئالا چۇقا سۆزلەپ ، قالايمىقان سەكرەپ، ئەرزان ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپ، چىكىپ،مەس بولۇپ شالاقشىپ ئۇرۇشۇپ ۋاقىرىشىپ يۇرەمدۇ؟ پەزىلەتلىك ئادەم دىگەن ئۆز ئەتراپىدىكى ئارلىشىۋاتقان كىشىلىرىگە دىققەت قىلدۇ. سەنئەتچىنىڭ ئجتىمائى تۇرمۇشى جەميەت بىلەن پەرقلىق بولدۇ. بۇزۇق جەميەت بىلەن تەڭ بۇزۇلۇشۇپ بەرمەيدۇ. خەقنى ئالدىمايدۇ، ھارامنى يىمەيدۇ. ئالەمنى مالەم قىلالايدىغاندەك كىبىرانە خۇي بولمايدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بىر سەنەتكارغا خاس روھىنى كىشىلەر ھىس قىلالايدۇ. ۋەدىسىدە تۇرىدۇ، توغرۇلۇق، دۇرۇسلۇق ، سەمىمىيلىك،مىھىر مۇھەببەت دىگەندەك نورمال ئەقىدىلەرنى نورمال ئادەملەردەك يىتىلدۇرگەن بولدۇ. غۇربەت ئىچىدە قالغانلارغا قۇرۇق ھىسداشلىق قىلماي، ئۇلارنى غۇربەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيدۇ، ياردەم قىلدۇ. . .
    بۇلارنى قايسى ناخشىچىلىرىمىزدىن تىپىش مۇمكىن؟ قانچىسىدىن تىپىش مۇمكىن؟ قانچىلىك دەرجىدە ئادەمىيلىك تىپىش مۇمكىن؟
    يەنە ئۇلارنىڭ ئىتى «پالانى ناخشىچى»پۇستانى. . . . .
    يەنە شۇ ھەممە نەرسە ئادەمىيلىكنىڭ ئاجىزلىقىدىن كىلىۋاتمامدۇ؟ باشتىن بىرى «ناخشىچى سەنئەتكار»لىرىمىزدىن تىپىلىۋاتقان قۇسۇر ئادەمىيلىكنىڭ خاتالىقىغا بىرىپ تاقىلىۋاتمامدۇ؟ يا يىڭىلىققا ئىنتىلمىسە، يا سەنئەتنى چۇشەنمىسە،يا ئجادنى ئھتىياجغا قىلمىسا، يا ناخشا ئىيتالمىسا، يا ئۆزىنى بىلمىسە، يا كىملىكىنى بىلمىسە، خەقنىڭ مەنىۋىيىتى بىلەن ئوينۇشۇپ پۇلىنى قەسلىسە. . . يا ئۇنى قىلالمىسا. . يا بۇنى قىلالمىسا. .ئاخىرى بىرىپ دەردىنى ئاچچىق ھاراقتا چىقىرىپ ياكى ، سوك سوك دوسلىرى بىلەن ئۆزىگە ماس بولمىغان سورۇنلاردا بىھودە مەنىسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئۆز مەنىۋىيتىنى ئۆلتۇرسە. . . سەنئەتنى تىجارەتكە ئايلاندۇرىۋالسا. . . بۇ قانداق ئادەمىيلىك؟. . .مانا شۇلار ئادەمىيلىكنىڭ ئاجىزلىقىدىن ، خاتالىقىدىن كىلىپ چىققان ئاچچىق ھەقىقەت. بۇ ھەقىقەتكە باش ئەگمەي، قوبۇل قىلماي ئۆز ئىسمىنى«پالانچى»قويۇۋىلىپ ، ئاخىرىدا ئىسمىنىمۇ كۆتۇرەلمەي،دىۋەيلەپ يۇرگەنلەر، جەميەتنى دىمەي تۇرايلى ، «سەنئەتكار ناخشىچى»لىرىمىزدا ئاز ئەمەس. !
    ئادەمىيلىكنى توغرىلىماي تۇرۇپ ئۆزۇڭنى مۇسۇلمانمۇ دىيەلمەيسەن. چۇنكى مۇسۇلمان بولۇش ئادەمدەك ئادەم بولۇشنى تەلەپ قىلدۇ. ئادەمىيلىكى توغرا بولماي تۇرۇپ دىنىغىمۇ لايىق بولغىلى بولمايدۇ. چۇنكى تەڭرى ئاللاھ دىننى يارىتىشتىن بۇرۇن ئادەمنى ياراتقان. ئادەمىيلىكى توغرا بولماي تۇرۇپ ئۇيغۇر بولغىنىمۇ بولمايدۇ. ئۇيغۇر دىگەن ئىسىم ئۇلۇغ-ئۇلۇغ بولغاچقا مەۋجۇت بولۇپ كىلۋاتدۇ. ئۇيغۇر ئۆزىگە ئوخشاش ئىسىمىغا لايىق ئۇيغۇرنى تەلەپ قىلدۇ. بۇنداق ئادەمىيلىكى يوق لاتا ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرغا كىرىكى يوق. ئادەمىيلىكنى تۇزەتمەي تۇرۇپ سەنئەتكار ، ناخشىچى بولغىنىمۇ بولمايدۇ، يەنە دىسەك يەنە شۇ ھىلىقى. . . قىلساڭ ئۆزەڭگە قىلسەن.
    ئەڭ ياخشىسى: يا ئادەمدەك ياشا،ياكى ئادەملەر ئارىسىدا ياشىما

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-24 11:41:34]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ناخشىچى