ئەل قائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىۋېشى ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈ

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-18 10:44:36

پىرېزىدېنت باراك ئوباما، 2011 - يىلى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ باش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە تونۇلغان ئۇسامە بىن لادىننىڭ 2011 - يىلى 2 - ماي كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالاھىدە قىسىملىرى تەرىپىدىن ...

     

        پىرېزىدېنت باراك ئوباما، 2011 - يىلى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ باش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە تونۇلغان ئۇسامە بىن لادىننىڭ 2011 - يىلى 2 - ماي كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالاھىدە قىسىملىرى تەرىپىدىن پاكىستاننىڭ ئابدودئاباد رايونىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەنبەلىرى ۋە پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ باياناتلىرىغا كۆرە، ئۇسامە بىن لادىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە جەسىتى دېڭىزغا تاشلىتىۋېتىلگەن. بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئۇسامە بىن لادىننىڭ جەسىتىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ بىراق سۈرەتنىڭ سۈنئىي ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن ھەم ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلۈمىگە قارىتا گۇمانلار ۋە تالاش - تارتىشلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئەجەبا ئۇسامە بىن لادىن ھەقىقەتەن ئۆلدىمۇ؟ ئەگەر ئۆلگەن بولسا قانداق ئۆلتۈرۈلدى؟ ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقتى شۇنچىلىك مۇھىممۇ؟ پاكىستان تېرروتېرىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنمۇ؟ بۇ ھەربىي ھەرىكەت خەلقئارا قانۇنغا كۆرە قانۇنلۇقمۇ؟ ئەمەسمۇ؟ دېگەندەك نۇرغۇنلىغان سوئاللار سورالدىيۇ، ئەمما ھېچكىم تۆۋەندىكىدەك سوئالنى سورىدىمۇ: ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ۋە قانداق نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ ياكى قانداق ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟

     

        شەخسەن مەن ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشىنىمەن. شۇڭا ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەنلىكىنى تالاش - تارتىش قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىش تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمەن.

       ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باراك ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ يۆنىلىشلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋە ھەل قىلغۇچ سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. باراك ئوباما، باشتىن تارتىپلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە. پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن باراك ئوباما بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىر قىسىم يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى يولغا قويدى. بولۇپمۇ ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا قارىتا ئەسكىرىي ۋە دىپلوماتىك ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈپ چىقتى. بىراق بىرىنچى باسقۇچتا باراك ئوباما بۇ ھەقتە نە جىددىي بىرەر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى، نە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىدى. شۇڭا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلىشىشى ناتايىن. بۇ؛ پەقەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭلا قارىشى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ياۋروپادىن تۈركىيەگە، رۇسىيەدىن جۇڭگوغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭمۇ بىردەك قارىشىدۇر.

       دەل بۇ نۇقتىدا، باراك ئوباما ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باشقىچە بىر خىل ئىستراتېگىيەگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ بولسىمۇ، ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىچكى سىياسىتىدە ھەمدە دۇنيا سىياسىتى جەھەتتىن ناھايىتى زور تەسىر قوزغىيالىغۇدەك ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتۇر. جۈملىدىن ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى پەقەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىچكى سىياسىتى جەھەتتىنلا ئەمەس، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا شەرققە نىسبەتەنمۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

       ئالدى بىلەن، ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى باراك ئوبامانىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرى سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلانغۇچى دەپ قوبۇل قىلىش مۇمكىن. باراك ئوباما، ئۇسامە بىن لادىننى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكا خەلقىگە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سىگنال بەرمەكتە. بىرىنچىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2011 - يىلى 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بېرى ئەڭ چوڭ نىشانى بولغان ئۇسامە بىن لادىننى ئۆلتۈرۈش غايىسىگە يەتكەنلىكى؛ شۇنىڭ بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنتە ناھايىتى زور مۇۋەوپەقىيەتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى؛ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بۇش ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئىشنى باراك ئوبامانىڭ ئىشقا ئاشۇرالىغانلىقى. بۇ سىگنالنى باراك ئوبامانىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرى سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى جەريانىدا دائىم بېرىدىغانلىقىدا ھېچ شۈبھە يوقتۇر. ئىككىنچىسى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقى توغرۇلۇق سىگنال بېرىلمەكتە. جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، باشقىچە سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى توغرۇلۇق سىگنال بېرىلمەكتە.

        ئەسلىدە، مېنىڭچە ئۇسامە بىن لادىننىڭ جەسىتىنىڭ سۈرىتىنىڭ كۆرسىتىلمەسلىكى ۋە جەسىتىنىڭ دېڭىزغا تاشلىتىۋېتىلىشى تولىمۇ مەنىلىك. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇسامە بىن لادىن پەقەت بىئېلوگىيەلىك جەھەتتىنلا ئەمەس، پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىنمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۈنترتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلدى. ئۇسامە بىن لادىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قارىتا بىرەر سىياسەتنى يولغا قويۇشنىڭمۇ قىلچە ھاجىتى يوق، ئەلۋەتتە.

       بۇ سىگنال، ئامېرىكا جامائەتچىلىكىدىن باشقا ئىسلام دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايوندىكى خەلقلەرگىمۇ قارىتىلغان بولۇپ، بۇ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۆتكۈنچى باسقۇچلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۇنىستا باشلىنىپ، سۈرىيەگە قەدەر كېڭەيگەن ۋەقەلەرنىڭ ۋە ھاكىمىيەت ئالمىشىش باسقۇچىنىڭ ئىدارە قىلىنىشى ئۈچۈن باشقىچە بىر سىياسەتنى يولغا قويۇشقا تىرىشماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ يېڭى سىياسىتىنىڭ تەپسىلاتى بىلەن تەسىرلىرىنى ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ناھايىتى روشەن ھالدا كۆرەلەيمىز.

       ئەگەر باراك ئوباما قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانسا، پۈتكۈل دىققىتىنى ئىككىنچى باسقۇچتا ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرققە مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ يۇمشاق بىر خىل سىياسەتنى يولغا قويىدۇ. پىرېزىدېنت بۇش يولغا قويغان «ئىشالىيەتلەر ئارقىلىق دېموكراتىيەنى كەك ئومۇملاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئورنىغا «ئىجتىمائىي قوزغىلاڭلار ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان دېموكراتىك ئىستراتېگىيە» نى كەك قانات يايدۇرىدۇ. يېڭى ئۇسۇل ۋە ھاكىمىيەتلەر ئارقىلىق قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ۋە شۇ ئارقىلىق تەسىر دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە تىرىشىدۇ. پىرېزىدېنت بۇش مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن «ئىشغالىيەتچى ئامېرىكا» دېگەن نامنى يوقىتىپ، پۈتكۈل دۇنيادا «دىئالوگ تەرەپدارى ئامېرىكا» دېگەن نامنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئەسلىدە باراك ئوباما بۇ ھەقتە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن 2007 - يىلى ئەنقەرە ۋە قاھىرەدە ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرى ئارقىلىق تۇنجى قەدەم تاشلىغانىدى. بىراق باراك ئوبامانىڭ بۇ قەدەملىرى بىر ئىزدا توختاپ قالغان؛ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رايونلۇق مەسىلىلەردە تۇتقان پوزىتسىيەسى ناھايىتى پاسسىپ بولۇپ كەلگەنىدى.

       بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇسامە بىن لادىننىڭ ھەم بىئولوگىيەلىك ھەمدە پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن ئۆلتۈرۈلۈشىنى باراك ئوبامانىڭ يېڭى باسقۇچتا يولغا قويىدىغان سىياسىتىنىڭ تۇنجى قەدىمى دېيىش مۇمكىن. بۇ قەدەمنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ - ئېرىشەلمەيدىغانلىقىغا پەقەت زامانلا جاۋاب بېرەلەيدۇ. بىراق شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىز: 2011 - يىلى 2 - ماي كۈنى، ئۇسامە بىن لادىندىن بۇرۇنقى دەۋر ۋە ئۇسامە بىن لادىندىن كېيىنكى دەۋر دەپ ئاتىلىدىغان بىر مىلادىيە بولۇپ بولىدۇ.

     
      مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

     
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.