ئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلغۇچىلارغا كۆز ئاسراش تەكلىپى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 17:21:10

ئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلغۇچىلارغا كۆز ئاسراش تەكلىپىئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلغۇچىلار خىزمەت ئارىلىقىدا كۆز گىمناستىكىسى ئويناش، يىراقلارغا، يېشىللىقلارغا ن...

    ئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلغۇچىلارغا كۆز ئاسراش تەكلىپىئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلغۇچىلار خىزمەت ئارىلىقىدا كۆز گىمناستىكىسى ئويناش، يىراقلارغا، يېشىللىقلارغا نەزىرىنى ئاغدۇرۇش، كۆزنى ئېچىىپ-يۇمۇش ھەرىكىتىنى ۋاقىت بەلگىلەپ ئىشلەش قاتارلىق دەم ئالدۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، كۆزنى ئاسراستىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىلەرگىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. 1. WindowsXP نى تەڭشەش ئۈستەل يۈزى __ (مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ) خاسلىق __ تاشقى كۆرۈنۈش __ يۇقىرى دەرىجە __ تۈر (ئوبىكتىپ) نىڭ ئىچىدىن كۆزنەك تاللىنىدۇ ، ئاندىن رەڭ تۈرىدىن دىن «باشقا » سى تاللىندۇ . ئېچىلغان كۆزنەكتىكى يورۇقلۇق دەرىجىسى، تويۇنۇش دەرىجىسى، تۈس دىگەن ئۈچ تۈردىكى ماس قىممەتلەر ئايرىم -ئايرىم يورۇقلۇق دەرىجىسى205، تويۇنۇش دەرىجىسى123، تۈس85 قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ، ئالدى بىلەن « ئاپتوماتىك بەلگىلەنگەن رەڭگە قوشۇش» بېسىلىپ ، ئاندىن «مۇقىملاشتۇرۇش » كۇنۇپكىسى بېسلىدۇ. 2. Vista نى تەڭشەش ئۈستەل يۈزى __ (مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ) خاسلاشتۇرۇش __ ئۈستەل يۈزى تەگلىك __ تەگلىك رەڭگىنى ئۆزگەرتىش . __ (ئارقا تەرىپى WindowsXP بىلەن ئوخشاش ) . 3. تور بەتنىڭ تەگلىك رەڭگىنى تەڭشەش internet explorer نى ئاچقاندىن كېيىن __ قورال __ تاللاش internet >> (ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى) ياردەمچى ئىقتىدار __ يېڭى ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ بىرىنچى تاللىشى "تور بەتتە بېكىتىلگەن رەڭنى ئىشلەتمەسلىك" نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا CAJViewer 7.0 ، Adobe Reader قاتارلىق ماتېرىيال كۆرگۈچلەرنىڭ رەڭگىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئۆزگەرتىۋېلىشمۇ كۆزنى زىيانلىق تەركىبتىن ساقلاشتىكى بىر ئامال..
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.