ساغلاملىق ھەققىدىكى يېڭى ئۇقۇم

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2008-04-29 20:59:00

ياپونىيىدىكى بەزى ئالىملار ئىلگىرى ساغلاملىقنىڭ ئۈچ شەرتى بار،ئۇ بولسىمۇ يېيىشى تېز، تەرەت قىلىشى تېز، ئۇخلىشى تېز بولۇشتىن ئىبارەت دەپ قارايتتى. يەنى بىر ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى، ھەزىم قىلىشى،...

       ياپونىيىدىكى بەزى ئالىملار ئىلگىرى ساغلاملىقنىڭ ئۈچ شەرتى بار،ئۇ بولسىمۇ يېيىشى تېز، تەرەت قىلىشى تېز، ئۇخلىشى تېز بولۇشتىن ئىبارەت دەپ قارايتتى. يەنى بىر ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى، ھەزىم قىلىشى، نېرۋا سىستېمىسى ياخشى بولسا ، ئۇ ئاساسەن ساغلام  ھىساپلىناتتى.

        دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان ساغلاملىقنىڭ يېڭى ئۇقۇمىغا ئاساسەن، بۇ  ئالىملار ئەسلىدىكى «ئۈچ تېز بۇلۇش» قا يەنە «بىر تېز بۇلۇش»-«سۆزلىشىش تېز بۇلۇش»نى قوشقان. «سۆزلىشىش تېز بۇلۇش » بىر ئادەمنىڭ زېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
      روھى ساغلاملىقنىڭ ئۆلچىمى جەمئىيەت، دەۋر، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، مىللەت، ئىرقنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ زور پەرقلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن كىشلەر يۇقارقىدىن سىرت يەنە تۆۋەندىكى ئۈچ شەرت روھى ساغلام كىشلەرگە ئورتاق بولىدۇ دەپ قارىغان:(1)ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش. (2)تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە توغرا مۇئامىلە قىلىش. (3)روھى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق