ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىتوۋ جوبىس ئالەمدىن ئۆتتى

يوللىغۇچى : halisa يوللىغان ۋاقىت : 2011-10-06 12:25:04

ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىتوۋ جوبىس ئالەمدىن ئۆتتىجۇڭگو خەۋەرلەر تورى 6-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى، ئامېرىكا ئالما شىركىتى 5-ئۆكتەبىر ئالما شىركىتىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە مۇدىرى سىتوۋ جوبىسنىڭ...



     

    ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىتوۋ جوبىس ئالەمدىن ئۆتتى

     

    جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 6-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى، ئامېرىكا ئالما شىركىتى 5-ئۆكتەبىر ئالما شىركىتىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە مۇدىرى سىتوۋ جوبىسنىڭ 56 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

      نۆۋەتتە ئالما شىركىتى ئورگان تورىنىڭ باش بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئورنىنى جوبىسنىڭ يوغان رەڭسىز رەسىمى ۋە ‹1955-2011› دېگەن يىلنامە ئىگەللىدى. تور بېكەتتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹ئالما شىركىتى ئالدىن كۆرەر، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي تالانت ئىگىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت كەم ئۇچرايدىغان ئىقتىساسلىق كىشىدىن ئايرىلىپ قالدى.›

      مۇدىرىيەت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹ جوبىسنىڭ تالانتى، ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قايناق ھېسياتى شۇنداقلا ئۇنىڭ كەسىپكە بولغان زېھىن-ئىشتىياقى يېڭىلىقنىڭ مەنبەسى ئىدى. شۇ يېڭىلىقلار بەدىلىگە ئىنسانىيەت مىسلىسىز گۈزەللىككە، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بولسا يېڭى بىر قەدەم ياخشىلىنىشقا ئىگە بولغانىدى.›

      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ھازىرقى باش ئىجرائىيە ھەيئىتى كوك ئۆزىنىڭ ‹ئالدىن كۆرەر›،‹يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي› ئۇستازىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

      سىتوۋ جوبىس 1955-يىلى 24-فېۋرال تۇغۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرگە ئوخشاش تۇغۇلىشىدىنلا يىتىم ئىدى. ئەرەب قان سېستىمىسىدىن بولغان ئۆز ئاتا-ئانىسى ستېۋ جوبېسنى نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا ھىسابلاپ باشقىلارغا بېرىۋەتكەن، تەربىيە ئاتىسى جوبېس ستېۋېننى 18 ياشقا كىرگۈزۈپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن. ستېۋ جوبېس لاما دىنىدىكىلەرنىڭ بۇتخانىسىدا تاماق يەپ يىللارنى ئۆتكۈزگەن.
       ستېۋېن جوبېس 1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئورىگن شىتاتىنىڭ پورتلاند شەھىرىدىكى رىد ئىنىستىتۇتىدا بىر مەۋسۇملا ئوقۇغانىدى. 1974-يىلى ئۇ بىر شىركەتتە كومپىيۇتېر ئويۇنىنى لاھىيلەيدىغان خىزمەتكە ئىگە بولدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن جوبىس 26 ياشلىق ۋودنىئاك بىلەن بىللە بىر ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئالما شىركىتىنى قۇرۇشتەك ناھايىتى مۈشكۈل لېكىن ئۇلۇغۋار قەدىمىنى باستى. 1985-يىلىغا كەلگەندە ئۇ  زۇڭتۇڭ رىگان تەرىپىدىن بېرىلگەن دۆلەت دەرىجىلىك تېخنىكا ئوردېنىغا ئېرىشتى. 1996-يىلى، ئالما شىركىتى ئۇنى قوشۇمچە مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلدى. 1997-يىلى 9-ئايغا كەلگەندە  جوبىس يەنە قايتىدىن ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى بولدى. 1997-يىلى ‹دەۋر ژۇرنىلى› نىڭ مۇقاۋىسىغا جوبىسنىڭ كېلىشكەن قامىتى بېسىلدى. 2009-يىلى بايلىق ژۇرنىلىنىڭ ئامېرىكىدىكى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل نوپوزىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەڭ تالانتلىق CEOبولۇپ باھالاندى، شۇ يىلى يەنە دەۋر ژۇرنىلىنىڭ يىللىق داڭدار ئەربابى بولۇپ سايلاندى. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى جوبىس باش ئىجرائىيە ھەيئەتلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا سورىدى. جوبېس لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. 4 پەرزەنتى بولسىمۇ ئىدىيەدە كېلىشەلمىگەنلىكتىن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى قۇيۇق ئەمەس ئىدى. ستېۋ جوبېسنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ مال مۈلكى ئالما شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇكاپات تەسىس قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

      كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە جوبىس كومپىيۇتېر ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئاتاقلىق زات شۇنداقلا ئالما كومپىيۇتېرى، ipad iPodiTunes StoreiPhoneقاتارلىق سېفىرلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەيدانغا كەلتۈرگۈچىىسى!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.