«قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىن ھېكمەتلەر

يوللىغۇچى : yultuzay يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-16 11:14:40

«قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىن ھېكمەتلەر دانىشمەن ئېيىتقاندەك: سۆزنى ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ. ھەرقانداق پادىشاھنىڭ تەختى پارتىلاشقا تەييا...

        «قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىن ھېكمەتلەر

     

    دانىشمەن ئېيىتقاندەك: سۆزنى ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ.
       ھەرقانداق پادىشاھنىڭ تەختى پارتىلاشقا تەييار تۇرغان ۋولقاننىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.
    دۇنيادا شاھ ئوردىلىرىدىنمۇ سىرلىق ئورۇن بولمىسا كېرەك. ئۇ يەردە ھەر كۈنى، ھەر سائەتتە ئاجايىپ ئويۇنلار ئوينىلىپ، قىزىق ئىشلار سادىر بولۇپ تۇرىدۇ، كېيىن تارىخچىلار يۈز بەرگەن بۇ سىرلىق ۋەقەلەر توغرىسىدا تارىخ پۇتىشىدۇ. لېكىن، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما خاتىرىلەرنىڭ زادى قانچىلىگى راست! ؟ … بۇنىڭغا بىرنېمە دېمەك تەس. قانلىق جەڭلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، غەلىبە قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن يېزىلغان تارىخلارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. ئۆزىنى بېزەپ كۆرسىتىدىغان سەھىپىلەرنى قالدۇرۇپ ياكى تولۇقلاپ يازدۇرۇپ، جىنايەت ئىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشىدۇ. تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىردىن تېخى يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ.
       شاھلاردىن شاپائەت كۈتۈش ئەخمەقنىڭ ئىشى. ھۆكۈمرانلار ئۆز سىرىنى بىلگۈچىلەرنى ھەممىدىن بۇرۇنراق كۆزدىن يوقىتىدۇ .بەزى ھۆكۈمرانلار گەپنى ئاز قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ دانالىقىدىن ئەمەس، ھەيۋىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ئۈن چىقماسلىق ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىگىنى، ساۋاتسىزلىقىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ. ئۆلۈك نېمىشقا سۈرلۈك؟ چۈنكى ئۇ سۆزلىمەيدۇ.
       ئاللاھ ئەڭ يېقىن بەندىلىرىنىڭ بېشىغا ئەڭ مۈشكۈل كۈنلەرنى سېلىپ سىنايدۇ. ئۇنىڭ داۋاسىنى ياراتقان ئىگەم ئويلىمىغان بىر كۈنى، خىلمۇ – خىل سەۋەپلەر بىلەن يەتكۈزىدۇ. ‑

    بۇ ئالەمدىكى ئىشلار ئېقىن سۇدەك بىر – بىرىگە ئۇلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بىر ۋەقەنىڭ داۋامى ھامان ئىككىنچى بىر ۋەقەنىڭ بېشى بولۇپ چىقىدۇ. شاھ ئوردىسى ئۆزىنىڭ مەڭگۈگە سۈكۈتكە چۆكۈپ تۇرىدىغان ئېگىز تاملىرى، قوش – قوش دەرۋازا، رەڭدار راۋاقلار، نەقىشلىك تۈۋرۈكلىرى بىلەن كىشىگە تولىمۇ سىرلىق ۋە سەلتەنەتلىك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ پۈتۈن پىتنە – پاسات، ئازارچىلىق ۋە ۋەھىمىگە تولغان ماكان.
    ئەمەل نازلىق خوتۇنغا ئوخشايدۇ. ئۇ، گۈزەل ۋە ۋاپاسىز كېلىدۇ. ئۇ، ھېچكىمگە، ھەتتا شاھلارغىمۇ مەڭگۈ باقىۋەندە ئەمەس. ئۇ، قولغا كېلىدۇ، يەنە قولدىن كېتىدۇ. ئەمەل تۇتقۇچى بۇ ھەقىقەتنى تەختنىڭ ئېگىز پەلەمپەيلىردىن دومىلاپ چۈشكەندىلا ئاندىن چۈشىنىپ، نۇرغۇن ئىشلارنى خاتا قىلغانلىقىغا ھەسرەت چېكىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ كېچىككەن بولىدۇ. باغلاقتا تۇرغان ئىت تېخىمۇ غالجىرلىشىپ كېتىدۇ، قەپەستە تۇرغان قۇش ئەركىنلىككە ھەممىدىن بەك تەشنا بولىدۇ!

     

     

    يارغول  بلوگىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.