يۇقۇملىنىش ياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۋېتىدۇ

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-03 17:24:38

ئۇنىڭدىن باشقا، ياش، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق ئامىللار ئويلىشىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ يەكۈن يەنىلا پۇت تىرەپ تۇرالىدى.


    يۇقۇملىنىش ياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۋېتىدۇ

    ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىچە يېشى 71 ياش بولغان 588 ياشانغان كىشىنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى سىنىغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ئاسان يوقۇملىنىدىغان ياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ناچار بولىدىكەن، چۈنكى قېنىدا ئانتىتېلا كۆپىيىپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار ئىپادىسى چېكىنىپ، ئىجرا قىلىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئۇنىڭدىن باشقا، ياش، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق ئامىللار ئويلىشىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ يەكۈن يەنىلا پۇت تىرەپ تۇرالىدى. دېمەك، باكتېرىيە ياكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش  قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل كېسەللىكلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا زىيان سېلىش يولى ئارقىلىق تونۇش ۋە بىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ».
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
    \

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.