ئىگىلىك ياراتقۇچىنىڭ توققۇز دۈشمىنى

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-17 10:21:00

مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك يارىتاي دېسڭىز ، ئامال قىلىپ تۆۋەندىكى توققۇز دۈشمەننى يوقىتىشىڭىز لازىم ، چۈنكى ئۇلار ئالغا بېسىشىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ . 1. كاجلىق ھەممە ئىشنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىكىدە...

     

      مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك يارىتاي دېسڭىز ، ئامال قىلىپ تۆۋەندىكى توققۇز دۈشمەننى يوقىتىشىڭىز لازىم ، چۈنكى ئۇلار ئالغا بېسىشىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ .
    1. كاجلىق
    ھەممە ئىشنىڭ ئۆز ئارزۇسىدىكىدەك بولۇشنى ئۈمۈد قىلىش، ئەگەر ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك بولمىسا خاپا بولۇش .
    2. نىشانى بولماسلىق
    ئېنىق تۇرمۇش نىشانى ۋە خىزمەت نىشانى بولماسلىق ، كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭلا كويىدا بولۇش.
    3. سەۋىرچان بولماسلىق .
    ھەمىشە ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئىشنىڭ بالدۇراق ئەمەلگە ئېشىشنى ئارۇز قىلىش، ھەممىدە ئۆزىنى ئويلاپ ، باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىغا سەل قاراش.
    4. ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆز - كۆز قىلىش .
    ئۆزىنىڭ تولىمۇ قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەممە كىشىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ، ھەمىشە توختىماي سۆزلەش ھەمدە بۇيرۇقۋازلىق قىلىش ، باشقىلارنىڭ تەكلىپىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماسلىق . ئاشۇ نەتىجىلەرنى باشقىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بىلمەسلىك .
    5. ھەمىشە ئېرشىشنىڭلا كويىدا بولۇش.
    باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىش توغرا . بىراق شۇنى ئېسڭىزدە تۇتۇشىڭىز كېرەككى ، باشقىلارمۇ مۇشۇنداق ئويلايدۇ .
    6. يول قويماسلىق .
    ئەپۇ سورىماسلىق ، رەھمەت ئېيتماسلىق بەلكى ھەممىگە رەددىيە بېرىش .
    7. تۇيغۇسىغا ئىشەنمەسلىك
    ھەممە ئىشنىڭ توغرا - خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا بىر قارارغا كېلەلمەسلىك ، ئۆزىنىڭ تۇيغۇسى بويىچە داۋاملاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق .
    8. ئاسانلا ۋاز كېچىش
    ناۋادا ئىشنى باشلاپلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسا ۋاز كېچىش ھەمدە ناھايتى ئۈمىدسىزلىنىش .
    9. ھەمىشە ئۆزىنى تەلەيسىز دەپ ئويلاش
    دىققىتىنى مەغلۇپ بولغان ئىشقا قارىتۋېلىپ ، ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىگە سەل قاراش.

    « شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى » دىن ئېلىندى .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق