گۈرۈچنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-13 13:07:01

گۈرۈچنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى گۈرۈچنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى بۇغدايغا قارىغاندا بىر ئاز تۆۋەنرەك بولىدۇ . گۈرۈچ تەركىبىدە كىراخمال %75 نى ، ئاقسىل % 8 نى ، ياغ %1.5 – 0.5 نى ئىگەللەيدۇ . يەنە ۋىتامىن ب1 گۇر...

    گۈرۈچنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى

     

        گۈرۈچنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى بۇغدايغا قارىغاندا بىر ئاز تۆۋەنرەك بولىدۇ . گۈرۈچ تەركىبىدە كىراخمال %75 نى ، ئاقسىل % 8 نى ، ياغ %1.5 – 0.5 نى ئىگەللەيدۇ . يەنە ۋىتامىن ب1 گۇرۇپپىسىدىكى ۋېتامىنلار مول ، نۇرغۇن ئورگانىك كىسلاتالار ، ئۈزۈم قەنتى ، مېۋە قەنتى قاتارلىق يەككە قەنتلەر بار . ئادەتتە بۇغداي ، ئارپا ئىستىمال قىلغۇچىلارغا قارىغاندا گۈرۈچ ئېستىمال قىلغۇچىلارنىڭ تېنى ئاجىز ھەم سۇست ، بوشراق كېلىدۇ . لېكىن ، ياخشى پىشۇرۇلسا ھەزىم قىلىنىشى ياخشى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاشقازان ، ئۈچەي كېسەللىكى بارلارغا ياخشى پىشۇرۇلغان گۈرۈچتە تەييارلانغان ئاق ئاش مۇۋاپىق كېلىدۇ .

     

     گۈرۈچنىڭ تەبىئىتى قۇرۇققا مايىل مۆئدىتىل ، يەڭگىل، يۇمشاتقۇچى ( مۇلەييىن) ئۇچۇچان(لەتىپ ) بولغانلىقى ئۈچۈن ، سۈت ، تۇخۇ ، چۈجە گۆشلىرى ياكى سېرىقياغ ، ھەسەل ، شېكەرلەر بىلەن ئىستىمال قىلىنسا ناھايىتى ياخشى ئۇزۇقلۇق رولىنى ئۆتەيدۇ . گۈرۈچنىڭ سىرتقى يۈزىدە ناھايىتى مۇھىم قۇۋۋەت ماددىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ، بەك ئاقارتىۋەتمەسلىك ھەم بەك كۆپ ئۇۋۇلاپ يۇماسلىق كېرەك ئەگەر ئالى دەرىجىلىك گۈرۈچنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلىۋەرسە ، قان ئازلىق ، (مەرەزى نۇقسانۇددەم ) بىرى-بىرى كىسەللىكى ، قورساققا سۇ چۈشۈش(ئىستىسقا) كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ . گۈرۈچنى سۇدا قايناتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بەزى ئۇزۇقلۇق ماددىلار(ۋېتامىن ب 1) سۇغا چىقىپ كېتىپ ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . ۋېتامىن ب1 گۇرۇپپىسىدىكى ۋېتامىنلار گۈرۈچنىڭ يۈزىدىكى پوستىدا مول ، بەزى كىشىلەر تاماق ئەتكەندە گۈرۈچنى بەك كۆپ يۇيۇۋېتىدۇ ، ھەتتا ئىسسىق سۇ بىلەن بىر نەچچە قېتىم چايقاپ سۈيىنى تۈكۈۋېتىدۇ . يەنە بەزىلەر گۈرۈچنى ئالدى بىلەن قاينىتىپ ، ئۇنىڭ سۈيىنى تۈكۈۋەتكەندىن كېيىن ، ئاندىن تاماق ئېتىدۇ . بۇ ، گۈرۈچنىڭ قۇۋۋىتىنى تۆكۈۋېتىپ ، پەقەت تىرىپىنى يېگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . گۈرۈچنى يۇيۇشقا توغرا كەلگەندە ، ئۇنىڭدىكى توپا-چاڭلارنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن سۇغۇق سۇدا ئازراق چايقىۋەتسىلا بولىدۇ . گۈرۈچنى ئىمكانقەدەر قايناتماستىن دۈملەپ يېگەن ياخشى . گۈرۈچ تاماقلىرىنى گۆش ، كۆكتات بىلەن يېگەن ياخشى . يېڭى گۈرۈچتىن كونا گۈرۈچ ياخشى ھېسابلىنىدۇ . گۈرۈچ بىلەن تاتلىق نەرسىلەرنى قوشۇپ يېيىش ياخشى ئەمەس . تەجرىبىلەرگە قارىغاندا گۈرۈچ بىلەن تاتلىق نەرسىلەرنى بىللە يېگەن كىشىلەردە دېئابىت كېسەللىكى كۆپ كۆرۈلىدۇ .

    ھاياتلىق دەستۇرىدىن ئېلىندى .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گۈرۈچ