ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر -17

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-31 11:20:41

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر- 17(زىيا گۆكئالىپ ھەققىدە - 02) ئەزىز قېرىنداشلار! تۈرك تەپەككۈر تارىخىنىڭ ئەڭ كاتتا شەخىسلىرىدىن بىرى بولغان زىيا گۆكئالىپ، ئالىم، مۇتەپپەككۈر، جەمئىيەتشۇناس، ۋە ي...



     

    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 17

    (زىيا گۆكئالىپ ھەققىدە - 02)

     

       ئەزىز قېرىنداشلار! تۈرك تەپەككۈر تارىخىنىڭ ئەڭ كاتتا شەخىسلىرىدىن بىرى بولغان زىيا گۆكئالىپ، ئالىم، مۇتەپپەككۈر، جەمئىيەتشۇناس، ۋە يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈرك خەلقىگە ئىنتايىن قىممەتلىك خىزمەتلەرنى قىلغان  ۋە بىرىنچى بولۇپ، دۆلەتچىلىك ۋە خەلقچىللىق ئېڭىنى ئويغاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇللۇققا ئىگە قىممەت قاراشلارنى مەيدانغا كۈلتۈرگەن پىكىرلىرى باسقۇچمۇ ـ باسقۇچ تۆۋەندىكىدەك ئىلگىرلىگەن ئىدى. 

       «پەيمان گېزىتى» چىقىدىغان دەۋرلەردە، زىيا گۆكئالىپ ئوسمان ئىمپېرىيەسى خەلقچىللىقىنى قوللاپ ماقالىلارنى يازغان ۋە ئوسمان ئىمپېرىسيەسىنىڭ ئىجتىمائىيەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشكە تىرىشقان ئىدى. ئۇ «تۈركچىلىك ۋە ئوسمانلىچىللىق» ناملىق ماقالىسىدە، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ «قان قېرىندىشى بولمىغان قەۋملەرنى جان قېرىندىشىغا ئايلاندۈرىشى لازىم»لىقى ھەققىدە توختالغان ھەمدە مائارىپ جەھەتتە، ئوخشاش بولمىغان مىللەت تۈرلىرىنى تەربىيەلەش ئارقىلىق بىر ئورتاق تۈرنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى، يەنى، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بىر خەلق يارىتىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، شۇنداقلا «ئەمدىلىكتە ئوسمان ئىمپىرىيەسى تۈرك ئىمپېرىيەسى ئەمەس» دېگەن نەزرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە تۈركچىنىڭ ئۈستىگە ئوسمانلى تىلى سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلغان ئىدى.

        زىيا گۆكئالىپ، «يېڭى ئوسمانلىلار» ناملىق ماقالىسىدە، «بىر قەدىمىي ئوسمانلىلار بار، ئۇلار تەرەققىيات تەرەپدارى ئەمەس. يەنە بىر يېڭى ئوسمانلىلار باركى، ئۇلار تەرەققىيات تەرەپدارلىرى» دەپ يازغان بولۇپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئامېرىكىنى مىسال كۆرسىتىپ، «ئامېرىكىدا ھەرخىل ئىرقلارغا تەۋە كىشىلەر "مەن ئامېرىكىلىق" دەيدۇ. ئوسمانلى خەلقىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش تەرەققىياتنى سۆيىدىغان شەرقنىڭ ئامېرىكلىقلىرىدۇر» دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

         زىيا گۆز ئالىپنىڭ، ياش قەلەمكەشلىك مەزگىلى «تىلدا تۈركچىلىك» تېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان چاغلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئوسمانلىچىلىقنى تاشلاپ تۈركچىلىككە ئۆتۈش دەۋرى دەل شۇ مەزگىللەردە باشلانغان ئىدى. ئۇنىڭ «بۈگۈنكى پەلسەپە» ناملىق ماقالىسىدا، فۇئىللەنىڭ پوزىتىۋېزمغا قارشى پوزىتسيەسىنى ياقىلىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىنى «مۇھيىددىن ئەرابى» ناملىق ماقالىسىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە تەسەۋۋۇپ ئىددىيە بىلەن بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئىدى. يەنى ئىبنى ئەرابىنىڭ «ئەينى سابىتە» دېگىنى بىزنىڭ «مەفكۈرە، ئىددىيە» دېگىنىمىز بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئىدى.

          زىيا گۆكئالىپ، سالانىكتە تۇرۇۋاتقا مەزگىلدە فوئىللەنىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىدىيالىزم تەرەپكە يۈزلىنىپ، «تىلدا تۈركچىلىك» قارىشىنى ئۆزلەشتۈرىدۇ. بۇ مەزگىلدە يازغان ۋە تۇنجى قېتىم "گۆكئالىپ" دەپ ئۆز ئىسمىنى قوللانغان «ئالتۇن داستان» ناملىق ئەسىرى تۈركچىلىكنىڭ باياننامىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. گۆكئالىپ، بۇ مەزگىلدە (G.Tarde) ۋە فوئىللەنىڭ قاراشلىرىنى بويلىغان ھالدا ئۆز پىكرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. 1915 ـ يىلىدىن كېيىن دارك ھېمنىڭ تەسرىگە ئۇچراشقا باشلايدۇ. دارك ھېمنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق قارىشىنى تەتبىقلاپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن «دۆلەتچىلىك»، «ھازارەت»، «مەدەنىيەت» ۋە «نەزرىيە» قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئىلمىي بىر مېتودقا ئىگە قىلىدۇ.  بۇ جەرياندا « دۆلەتچىلىك» دېگەن سۆزنىڭ ئوقۇمى «خەلق ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ يېڭىلىنىشى» دەپ چۈشنۈلگەن بولۇپ، تۈركچىلەر بۇنى «غەرپلىشىش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىش» دەپ قوبۇل قىلغان ئىدى.

    ******************************************************** 

        زىيا گۆكئالىپنىڭ قارىشچە، دۆلەتچىلىك بىلەن خەلقچىللىق ئوخشاش مەنىدە ئىدى. دۆلەتچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى خەلق ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۆزگىچە بىر تۈرك  مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئوتتۇرىغا چىقاتتى. ئۇنداق بولغاندا غەرپلىشىش جەريانىدا مەدەنىيەتنى سىرتتىن ئېمپورت قىلىشقا بولمايتتى. ئۆتمۈشكە قاراپ تۈرك مەدەنىيىتىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش لازىم ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن تۈركلىشىش قانداقتۇر پەقەتلا خەۋپ ئالدىدا بىرلىشىش ئەمەس ئىدى. 

    تۈركچىلەر بۇ ئۇقۇمنى «زىيا گۆز ئالىپ "يېڭى ھايات" دەپ تەرىپلىگەن  بىر ئىجتىمائىي ئىنقىلاپنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى» دەپ ئىزاھلايتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن مەقسەت، دىندا ۋە دۆلەت سىستېمىسىدا بىر تۈركۈم ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئىدى. قانۇن بىلەن ئىلىم پەننىڭ دىندىن مۇستەقىللىقىنى قۇغداش لازىم ئىدى. دۆلەت سىستېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلار ئارقىلىق دىن بىلەن دۆلەتنىڭ پائالىيەتلىرى بىر ـ بىرىدىن ئايرىلىپ، سىكولارزىم پىرىنسىپى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايتتى. زىيا گۆكئالىپنىڭ شۇ دەۋرگە خاس قاراشلىرى تەرەققىي قىلىپ، «تۈركچىلىكنىڭ ئاساسلىرى» ناملىق ئەسىرىدە، «دۆلەتچىلىك مەدەنىيىتى بىلەن ھازارەتنى بىر ـ بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان نۇقتىلىق ئامىل، دۆلەتچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ تۇيغۇ ئاساسىدا ۋە ھازارەتنىڭ بولسا، بىلىم ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىدۇر» دەپ خۇلاسىلانغان ئىدى.

        بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۈركچىلىكنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، بىر تەرەپتىن پەقەتلا خەلق ئارىسىدا قالغان تۈرك مەدەنىيىتىنى ئىزدەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش، يەنە بىر تەرەپتىن غەرپ مەدەنىيىتىنى تۇلۇق ۋە جانلىق شەكىلدە تۈرك دۆلەتچىلىك مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈش ئىدى. گۆكئالىپ، «تۈركلىشىش، ئىسلامىيلىشىش ۋە غەرپلىشىش» ناملىق ئەسىرىدە «بۇ ئۇچ ھەرىكەت تەبىئىي ھالدا بىر ـ بىرىنىڭ نەتىجىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرىدىكى زىددىيەتلەر پۈتۈنلەي ئۇرۇنسىز» دەپ يازغان ئىدى.

    ********************************************************

         زىيا گۆكئالىپنىڭ، 1908 ـ يىلدىن تارتىپ باشلامچىلىق قىلغان تۈرك دۆلەتچىلىك قارىشى ھەرخىل باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى. تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدىكى تۈركلەرنى بىر دۆلەت سۈپىتىدە بىرلەشتۈرۈشنى ئۇ «تۈركىيەچىلىك» دەيتتى. «ئوغۇزچىلىق» قارىشىدا بولسا، تۈركىيەدىكى تۈركلەرمۇ مەنسۇپ بولغان بارلىق ئوغۇز ئەۋلاتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىناتتى. شۇنىڭدەك، «تۇرانچىلىق» قارىشىمۇ، مەيلى ئوغۇز ئەۋلاتلىرىدىن بولسۇن ياكى بولمىسۇن بۇنىڭدىن قەتئىي نەزەر دۇنيادىكى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى نىشان قىلاتتى.

         زىيا گۆكئالىپ دەسلەپتە تۈرك دۆلەتچىلىك قارىشىنى تۇرانچىلىق نەزرىيىسى ئاساسىدا باشلىغان بولۇپ، 1916 ـ يىنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ يازغان ماقالىلىرىدە، «تۇران» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشنى تاشلايدۇ. ھەمدە «تۈركچىلىكنىڭ ئاساسلىرى» ناملىق كىتابىدا، تۇرانچىلىقنى «تۈرك دۇلىتىنىڭ يىراق غايىسى» ۋە «ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق، ئەمما خىيالىي» دەپ تەرىپلەيدۇ.

        زىيا گۆكئالىپنىڭ ئاخىرىدا ئىلگىرى سۈرگىنى «تۈركىيەچىلىك»، يەنى، تۈركىيەدىكى تۈركلەرنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۈرۈش ۋە ئۇلارنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىش بولدى. شۇڭا ئۇ تۈرك تارىخى، تۈرك مەدەنىيىتى، تۈرك ئەنئەنىلىرى، تۈرك سەنئەتى ۋە تۈرك فولكېلورلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل تەتقىقات ئېلىپ باردى. بۇ ساھەلەر بويىچە ھەر خىل ماقالە ۋە كىتابلارنى يازدى. زىيا گۆكئالىپنىڭ قارىشىچە، گۈزەل سەنئەتكە ئالاقىدار پۈتۈن ساھەلەردە تۈرك ئەنئەنىلىرىنى غەرب تېخنىكىسى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە سىلىش كېرەك ئىدى. تۈرك ئەدەبىياتىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىدىن تەتقىق قىلىنىشى لازىم ئىدى. تۈرك ئەدەبىياتچىلىرى بولسا، ھەم خەلق ئەدەبىياتىنى، ھەم غەربنىڭ كاتتا يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆرنەك ئېلىشى لازىم ئىدى. قىسقارتىپ ئېيتقاندا، تۈرك يازغۇچىلىرى بىر تەرەپتىن خەلققە يۈزلىنىشى، يەنە بىر تەەرپتىن غەرپكە يۈزلىنىشى كېرەك ئىدى.

          زىيا گۆزئالىپ، ئاددى تۈركچە ئېقىمىنىڭ بايراقدارى ھېسابلىنىدىغان ئەدەبىياتچى ئۆمەر سەيفىددىندىن باشقا يەنە شۇ دەۋرنىڭ ياش شائىرلىرىنىڭ دىققىتىنى بۆغۇم تەرەپكە ۋە خەلق ئەدەبىياتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى تەرەپكە تارتتى. بۇ ئارقىلىق يېڭى بىر شىئىرىيەت ئېقىمىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە مۇھىت ھازىرلىدى. ئۆزىمۇ شىئىرلىرىنى «خەلققە يۈزلىنىش ۋە يەرلىك مەنبەلەردىن پايدىلىنىش كېرەك دېگەن» قارىشىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئاددىي تۈركچە بىلەن يازدى. تېمىلارنى ئاساسەن دېگۈدەك فولكېلورلاردىن، قەدىمقىي تۈرك چۆچەكلىرىدىن ۋە دەدەقۇرقۇت ھېكايىلىرىدىن ئالدى. ئۆز پىكرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن يازغان كىتابلىرىدىكى ئىلگىرى سۈرگەن پىكىرلىرىنى كۆپ ھاللاردا شىئىر ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تىرىشتى. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ يازغان شىئىرلىرى سەنئەت ئىستېتىكا ئەندىشىسىدىن ئۇزاق، تەربىيىۋىي ۋە يول كۆرسەتكۈچى ئەھمىتى يۇقىرى ئالاھىلىكلەرگە ئىگە.

    *********************************************************

     

        زىيا گۆكئالىپ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم كونكېرت مەسىلىلىرىگە جىددىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش لازىم بولىۋاتقان بىر پەيتتە، كۆزگە كۆرۈنگەن جەمئىيەتشۇناس ئىدى. شۇڭا ئۇ دارك ھېم نەزرىيەسىنىڭ ئوبيېكتىپ ئۇسۇللىرىغا تولۇق مەنىدىن ئەگەشمىدى، بەلكى فوئىللەنىڭ «كۈچ ۋە تەپەككۈر» نەزرىيىسەگە ئەگەشكەن بولغاچقا تۈركىيەدە ھەممىدىن ئىلگىرى ئاڭ ۋە تەپەككۈردا بىر يېڭىلىنىشنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنەتتى. شۇڭا زىيا گۆكئالىپ ئۆز ئەسەرلىرىدە 18 ـ ۋە 19 ـ ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق پەيلاسوپ ۋە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىدىن پايدىلاندى. ئۇ مالتادا سۈرگۈندىكى چېغىدا پىرودون، بېرگسون، بۇگىل، ھوفدىڭ، گىراستون، دېۋېي، فوئىللە ۋە دارك ھېم قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلدى. پىلاتارخوسنىڭ «پاراللېل ھاياتلار» ناملىق كۆپ قىسىلىق ئەسىرىنى ئوقۇپ چىقتى.

        زىيا گۆك ئالىپنىڭ دارك ھېم نەزرىيەسىگە ئەگەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە، ئۆنىڭ ئۆزىگە خاس، «ئورگانىك» دېيىشكىمۇ بولىدىغان، ئۆزگىچە پىكىرلىرى بار بىر پەيلايلۇسۇپ ۋە جەمئىيەتشۇناس ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق لازىم. ئۇ دارك ھېمنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق قاراشلىرىنى تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئورگانلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. تۈركىيەدە جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتايىن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. ھەمدە بۇ ھەقتە نۇرغۇن ساندا كىتاب يېزىپ، ماقالىلارنى ئېلان قىلىدى. 

       ئەزىز قېرىنداشلار! بۈگۈن سىلەرگە يېقىنقى زامان تارىخىمىزنىڭ كاتتا مۇتەپپەكۈرلىرىدىن بىرى بولغان زىيا گۆكئالىپنىڭ باسقۇچمۇ ـ باسقۇچ تەرەققىي قىلغان قاراشلىرىدىن بەزى مىساللارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇققايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر. 

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.