كومپىيۇتېر ۋىروسلانغاندا كۆرۈلدىغان ئەھۋال

يوللىغۇچى : love%100 يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-28 16:55:28

1 . تىزىملاتقاندا غەيرىي ئەھۋل كۆرۈلىدۇ. سىز دائىم ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدا QQ غا چىقسىڭىزمۇ ‹‹ سىز ئالدىنقى قېتىم بېيجىڭدا QQ غا چىققان ›› ياكى ‹‹ گۇاڭجۇدا QQ غا چىققان ›› دېگەندەك ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. MSN (بىر خىل پاراڭلىشىش قورالى)دا دوستلىرىڭىز سىزنىڭ باي




    1 . تىزىملاتقاندا غەيرىي ئەھۋل كۆرۈلىدۇ. سىز دائىم ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدا QQ غا چىقسىڭىزمۇ ‹‹ سىز ئالدىنقى قېتىم بېيجىڭدا QQ غا چىققان ›› ياكى ‹‹ گۇاڭجۇدا QQ غا چىققان ›› دېگەندەك ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. MSN (بىر خىل پاراڭلىشىش قورالى)دا دوستلىرىڭىز سىزنىڭ بايا نېمە يوللىغانلىقىڭىزنى سورىسا، سىزدىن سادا كەلمەيدۇ.

      2 . قوراللار يوقاپ كېتىدۇ. تور ئويۇنىدىكى قوراللار يوقاپ كېتىدۇ ياكى ئالدىنقى قېتىم توردىن چۈشكەن ۋاقتىدىكى ئورۇن توغرا چىقمايدۇ، ھەتتا توغرا بولغان مەخپى شىپىر بىلەن تىزىملاتقىلى بولمايدۇ.

      3 . مائۇس تۇيۇقسىز باشقۇرۇشىمىزغا بويسۇنماي، تەرتىپسىز ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇنداقلا كۇنۇپكىلارنى خالىغانچە بېسىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ.

      4 . تور سۈرئىتى تۇيۇقسىز ئاستىلايدۇ. نورمال تورغا چىقىۋاتقاندا، تور سۈرئىتى تۇيۇقسىز ئاستىلىغاندەك تۇيۇلىدۇ، قاتتىق دىسكا چىرىغى ماتېرىيال كۆچۈرۈۋاتقان ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش يېنىۋالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا خاككېرلار بەلكىم ماتېرىيالىڭىزنى كۆچۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ چاغدا سىز ئىككىلەنمەستىن تور سىمىنى ئېلىۋېتىڭ ۋە دەرھال كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈڭ.

      5 . تېلېكامېرا ئاپتوماتىك ئىشلەيدۇ. تېلېكامېرا ئىشلىتىشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، سىستېمىدا ‹‹ بۇ قورال ھازىر ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ›› ، دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغۇچىلار تېلېكامېرايىڭىزنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا تېلېكامېرانى ئىشلەتمىگەن ۋاقىتتا كامېرا لىنزىسىنى ياپقۇچى بىلەن ئېتىپ قويۇش ياكى تېلېكامېرانىڭ سىمىنى كومپيۇتېردىن ئاجرىتىۋېتىش كېرەك.

      6 . تور كارتىسى چىرىغى قالايمىقان يانىدۇ. تور بايلىقىدىن پايدىلانمىغان ۋاقتىڭىزدىمۇ تور كارتىسى چىرىغىنىڭ توختىماي يېنىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، ئەگەر ئۇلانغاندىن كېيىن كۆرۈنىدىغان ھالەتكە لايىھەلەپ قويسىڭىز، ئېكراننىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىدە تور كارتىسى دىئافراگمىسى نورمال كۆرۈنىدۇ، نورمال ئەھۋالدا تور كارتىسى چىرىغىنىڭ يېنىشى ئانچە ئېنىق بولمايدۇ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېقىش مىقدارىمۇ ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ.

       بىخەتەر تورغا چىقىشتىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل: .1 ھازىر تور بەتلەردە ھەر خىل جەدۋەللەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇ ھەر خىل تور بەتلەرگە، مۇنبەرلەرگە كىرگەن ۋاقتىدا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خۇسۇسىي كومپيۇتېر تارىخىي خاتىرىلەرنى ساقلايدۇ، خاككېرلار تارىخىي ئارخىپىڭىز، كۆز يۈگۈرتكۈچتىكى تارىخىي خاتىرىلىرىڭىز، پاراڭلىشىش خاتىرىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىۋالىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر تۇرمۇش مەخپىيەتلىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئىمكانقەدەر تولدۇرۇپ بەرمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ؛ .2 كومپيۇتېرنى ئىشلەتمىگەن ۋاقتىڭىزدا تور سىمىنى ئېلىۋېتىڭ ياكى كومپيۇتېرنى قۇلۇپلاپ قويۇڭ، كومپيۇتېردىكى تارىخىي خاتىرىلەرنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تازىلاپ تۇرۇڭ، بەزى تور بەتلەرگە خالىغانچە كىرمەڭ، كومپيۇتېر ۋىرۇسخورىنى ئۆز ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇڭ ۋە قەرەللىك ۋىرۇس تازىلاپ تۇرۇڭ؛ .3 ئابۇنىچىلار تور بانكىسىغا چىقىپ مەشغۇلات قىلغاندا، ۋىرۇسخورنى يېڭىلاپ بولغاندىن كېيىن، ‹‹ ئاكتىپ مۇداپىئە ›› ۋە ‹‹ رېئال ۋاقىتلىق نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش ›› ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويۇشى كېرەك.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كومپيۇتېر ۋىرۇس