چىلىلىقلارنىڭ ئىسىم فامىلىسىگە يوشۇرۇنغان شىفىر

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-18 08:01:41

چىلىلىقلارنىڭ ئىسمىگە شىفىر يوشۇرۇنغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئىسمى، فامىلىسى بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن نورمال ئىش، ئەمما مۇخبىر جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى چىلى دۆلىتىدە، يەرلىك كىشىلەر ئىسىىملىرىنى...

    چىلىلىقلارنىڭ ئىسمىگە شىفىر يوشۇرۇنغان

         ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئىسمى، فامىلىسى بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن نورمال ئىش، ئەمما مۇخبىر جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى چىلى دۆلىتىدە، يەرلىك كىشىلەر ئىسىىملىرىنىڭ چوڭقۇر مەنىسى بارلىقىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ ئىسملىرىدە ئاتا - بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق  جايدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن بولغان «ئىجتىمائىي شىفىر» يوشۇرۇنغان.


    ھەممىلا يەردە ئۇچرايدىغان خۇان، مارىيە


    چىلىدىمۇ كۆپ قىسىم ئىسپان تىلى ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا، كىشىلەر ئىسىملىرى تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن ــــــــ يەنى ئىككى ئىسىم، ئىككى فامىلە. چىلىلىقلار ئىسىملىرىنىڭ تاللاش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، گەرچە ئاتا- ئانىلار بالىغا ئىسىم قويغاندا ھەممىسىلا چىرايلىق ئىسىمدىن ئىككىنى تاللاپ ئۆزى خالىغانچە بېرىكتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا «خۇان»، «خېس»، «مارىيە» دەپ چاقىرىلىدۇ، ئەگەر بازاردا بىرەرسى «خۇان» دەپ چاقىرسا، بازاردىكى ئادەملەرنىڭ يېرىمى دىگۈدەك كەينىگە قاراپ جاۋاب بېرىدۇ.
     مۇخبىر ئىلگىرى چىلىدىكى بىر جۈپ ياشانغان ئەر- ئايالنىڭ ئۆيىدە كۆپ يىل تۇرغان، «بىر قېتىم شۇ يەردىكى يەرلىك كىشىلەر بىلەن چىلىلىقلار ئىسىم - فامىلىسى توغرىسىدا سۆزلىشىپ قالدىم، قارشى تەرەپ ماڭا، چىلىدا نۇرغۇن ئەر - ئايال ئىسىملىرىدە «مارىيە» دېگەن ئىسىم بار، بۇ كاتولىك دىنى مەبۇدىسى مەريەمنىڭ چۇڭقۇر تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېدى، مەن ئىشەنمەستىن:« مەن تۇرۇۋاتقان ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىسمى مارىيە ئەمەس، ئۇنىڭ ئىسمى سېشلىيا» دېدىم،كېيىن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۆي ئىگىسىدىن سورىۋىدىم، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىسمى ھەقىقەتەن مارىيە ئىكەن، ئەمما بۇ ئىسىمنى ئاتايدىغان ئادەملەر بەك كۆپ بولغانلىقتىن، كىيىنكى ئىسىمنى قوللانغان ئىكەن» دېدى مۇخبىر.
       چىلىلىقلار ئىسپان تىلى دۆلەتلىرى مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا، ئامېرىكا قىتئەسىدە، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىم- فامىلىلىرىنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرىۋالىدىغان بولۇپ، بۇ نۇقتىنى چىلىلىقلار ئاساسەن نەزەرگە ئالمايدۇ، مۇخبىر ئىلگىرى چىلىلىق دوستىنىڭ داۋاملىق ئاغرىنغان ھالدا: «جۇڭگو ئايرۇدۇرومىدىكى چېگرادىن كىرىش كارتىسىدا، پەقەت بىرلا ئىسىم- فامىلىنى تولدۇرۇشقا بولىدىكەن، بىز ئامېرىكىلىق ئەمەس، مېنىڭ ئىسمىم خۇان.يىگناشوۋ پەقەت خۇان دېگەن ئىسىمنىلا تولدۇرسام، بۇ كارتىدىكىسى مەن ئەمەس بولۇپ قالىمەن!» دېگەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىغان.


    چىلىلىقلار ئىسىم - فامىلىلىرى ھەر - خىل تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ  


       چىلىلىقلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسىدىنلا ئەجدادلىرىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. چىلىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مۇستەملىكىچى ئىسپانىيە جەنۇبىدىكى ئاندالۇسىيە رايونىدىن كەلگەن، كېيىن يەنە ئىسپانىيىدىن تېخىمۇ كۆپ ئادەم كەلگەن،  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىىدىن كېيىن كۆپ قىىسم گىرمانىيىلىكلەر ۋە فرانسىيىلىكلەر قېچىپ چىلىنىڭ جەنۇبىغا كېلىۋالغان.
    بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز ئەجدادلىرىدا بار بولغان ئالتۇن چاچ، كۆك كۆز قىياپىتىنى يوقاتقان، ئەمما ئۇلارنىڭ غەلىتە ئىسىم-فامىلىلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: «مولنا» ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن كەلگەن، «ھانس» نىڭ ئەجدادى گىرمانىيلىك.
    چىلى ئىسىم - فامىلىلىرى ئۇرۇق كېلىپ چىقىشىنىلا ئىپادىلەپ قالماستىن، كۆپ ۋاقىتلاردا يەنە، بىر ئادەمنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىسىم - فامىلىلىرى چىلىدا «ئاقسۆڭەكلەر فامىلىسى» گە تەۋە. مەسىلەن چىلى دەسلەپكى زۇڭتۇڭى مىچېل. باچىستنىڭ ئىسم - فامىلىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى فرانسىيە، ھازىرقى زۇڭتۇڭ  پېنلانىڭ ئىسىم - فامىلىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىسپانىيە شىمالىدىكى باسىك رايونى. ئىسىم - فامىلىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى ئەڭ دەسلەپكى مۇستەملىكىچىنىڭ بايلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، نۇرغۇنلىغان سالاھىيەت ۋە ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە ئادەتتىكى ، ئەمما«ئاقسۆڭەك فامىلىسى» بولغان  ئادەملەر ھەمىشە جەمئىيەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ، ھەمدە ئاسانلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.
    فامىلىگە ئوخشاشلا ئىىسممۇ بەلگىلىك ئورۇن ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، ئامېرىكا كىنولىرىدا داۋاملىق «بۇسايىن، چانسېن، چيەننا» قاتارلىق ئىسىملەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەمما چىلىدا مۇشۇنداق ئىسىملىكلەر ئاساسىي جەھەتتىن تەربىيلىنىپ باقمىغان كىشىلەر. ناشېندىياگاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەرقىي قىسمىدا تۇرۇشلۇق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئائىلە مۇھىتى ياخشى بولۇپ، تەربىيبەلىنىش دەرىجىسى  يۇقىرى، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئەنئەنىۋى ئىسپانچە ئىسىم. ئەمما نامراتلار رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىىسملىرى ھەمىشە ئەنگىلىيە مەدەنىيىتىگە يېقىنلاشقان. چىلىلىقلار بازاردىكى بىكار تەلەت لايغەزەللەرنى «فالايت» دەپ ئاتايدۇ، ئەمما مۇشۇ «فالايت» لار ئىچىدىكى خېلى كۆپ قىسملىرىنىڭ فامىلىسى «بۇسايىن»،«چانسېن» لاردۇر.


    يەرلىك ئاھالىلەر ئىسىم -فامىلىلىرى ئاسانلا كەمسىتىشكە ئۇچرايدۇ


    چىلىدا، بىر يەرلىك ئىىسمى بار بولۇش ھەرگىزمۇ خۇشال بولغۇدەك ئىش ئەمەس. مۇشۇنداق ئىسىملىك نۇرغۇن كىشىلەر ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىگە قوشۇلۇشقا ئامالسىز. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر خىزمەت ئىزدەش قىسقىچە تارىخىنى تاپشۇرىۋالغاندا، ئەگەر قارشى تەرەپ ئىسىمىنىڭ  يەرلىك ئىسىم - فامىلە ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھامان قارشى تەرەپكە يۈز - تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش پۇرسىتىمۇ بەرمەيدىكەن، كىشلەر خاتا ھالدا يەرلىكلەر سالاھىيەت ۋە ئىقتىدار جەھەتتە ئادەتتىكى ئادەملەردىن تۆۋەن  دەپ قارايدىكەن. ھەر يىلى ئاز بولمىغان يەرلىكلەر تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، كۈچلۈك يەرلىك تۈسكە ئىگە ئىسىم- فامىلىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان. چىلىلىق مىگېر. كانيوكونىڭ دادىسى چىلىدىكى ئەڭ چوڭ يەرلىك مىللەت ماپۇچو مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇمۇ تەبىئىيلا كانيوكو دىگەن بۇ يەرلىك ئىسم - فامىلىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئەمما نۇرغۇنلىغان نامى چىقمىغان يەرلىكلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى، كانيوكو بىر خىل ئەزالىق كارتىسى كەشىپ قىلىپ چوڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان.
    بىر قېتىملىق ئىجتىمائىي ئالاقە كەچلىك زىياپىتىدە، كانيوكونىڭ خوجايىنى سورۇندىكى يۇقىرى ئېقىمدىكىلەرگە بۇ خىل يېڭىچە سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭ كەشپىياتچىسىنى تونۇشتۇرغان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ ياش بىلەن تونۇشۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىشقان ۋە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان. «مىگېر، فامىلىڭىز نېمە؟» «كانيوكو.» «نېمە؟» «كانيوكو.» «چاقچاق قىلماڭ»، «بىز سىزنىڭ جەنۇپلۇق ئىكەنلىڭىزنى بىلىمىز، ئەمما يەرلىك ئەمەستۇرسىز!»
       مۇشۇنداق بىر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ يەرلىك ئاھالىدىن ئىكەنلىكىگە ھىچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىدى.
     چىلىلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەلكىم ئۇلار ئىسىم - فامىلىگە قاراپ بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپ-ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھۆكۈم قىلىشقا كۆنۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىزدەك سىرتتىن كەلگەنلەر غەلىتىلىك ھېس قىلىدىكەنمىز، ئىچىمىز سىيرىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چىلى ئىسىم-فامىلە