ئەر-ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە تەپەككۇرى

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-30 22:42:00

ئەر-ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە تەپەككۇرى ئەر-ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر: كۆپ قېتىملىق ئىلمى تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى،ئەر-ئاياللاردىكى پەرقنىڭ جىسمانىي قۇۋۋەت ۋە فىزىئولوگىيىلىك پە...

    ئەر-ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە تەپەككۇرى

      ئەر-ئاياللارنىڭ  ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر:
       كۆپ قېتىملىق ئىلمى تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى،ئەر-ئاياللاردىكى پەرقنىڭ جىسمانىي قۇۋۋەت ۋە فىزىئولوگىيىلىك پەرقلا بولماستىن، مېڭە تۈزۈلىشىدىمۇ ناھايىتى چوڭ پەرقنىڭ بارلىقىنى  ئالىملار ئىسپاتلاپ چىققان. شۇ سەۋەبدىن  ئەر-ئاياللارنىڭ ئادەتتىكى سۆز ھەرىكىتى،تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارغا قايتۇرغان ئىنكاسىدىمۇ پەرق ئىنتايىن زور بولغان.
      مېڭە تۈزۈلۈشىدىكى پەرقلەر:ئەرلەرنىڭ مېڭە توقۇلمىلىرى ئاياللارنىڭكىدەك كۆپ ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 100g ئارتۇق بولغان.  ئاياللارنىڭ مېڭىسى زىچ ،مېڭىنىڭ ھەر بىر قىسمىدىكى مېڭە ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ،  ئەڭ كۆپلىرىنىڭ %11 يېتىدۇ. بىراق تۆۋەنكى دوكچە مېڭە قىسمىدىكى مېڭە ھۈجەيرىلىرى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. تۆۋەنكى دوكچە مېڭىنىڭ چوڭلۇقى گىلاسنىڭ ئۇرۇقچىلىق بولۇپ، ئۇ ئارزۇ ئارمان نېرۋىلارنىڭ مەركىزى.مېڭە كۆۋرۈكى بولسا، ئوڭ سول مېڭىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن  20%-30%چوڭ ، ئىككى مېڭىنىڭ بىر-بىرىگە ھەمكارلىشىشمۇ، ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدىكەن .
       ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئابىستىراكات تەپەككۇرى بىلەن پەرىقلەندۇرۇش  ئىقتىدارىنىڭمۇ ، ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بايقىغان. نەتىجىدە ئاياللار مېڭىسىنىڭ پائالىيەت رايونى ئەرلەرنىڭكىدىن چوڭ بولۇپ چىققان. ئەرلەرنىڭ يۆنىلىشنى پەرىقلەندۇرۇش ئىقتىدارى، ئاياللارنىڭكىدەك كۈچلۈك ھەم ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئادەتلەنگەن.ئەمما ئاياللارنىڭ كۆزتىش ئىقتىدارى ئەرلەرنىڭكىدىن مۇكەممەل بۇلۇپ ،باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى يامان، چىرايىنىڭ خوشال ياكى قايغۇلۇق ئىكەنلىكىنى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاسان بىلەلەيدىكەن.  . ئەرلەرنىڭ خوشال ياكى قايغۇلۇق ھالىتى ئاياللار ئۈچۈن بەك مۇھىم بولۇپ، كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچىرادىكەن .  ئەمما ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى يامان بولىشى ئەرلەر كەيپىياتىغا چوڭ تەسىرى بولمايدىكەن.                    
       ئەرلەرنىڭ قارغا ئېلىش،قوغدىنىش ئىقتىدارى ئاياللاردىن كۈچلۈك. ئاياللارنىڭ ئەستە تۇتۇش،تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئوڭ سول مېڭىنىڭ ماسلىشىشى،  ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدىكەن .
        ئاياللار تەپەككۇر قىلغاندا،  مېڭىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىنىڭ گىرۋەك سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىكەن.  ئەرلەر بولسا مېڭىسىنىڭ تۆۋەن قىسمىنىڭ گىرۋەك سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىكەن. ئاياللار ئەتراپىدىكى دۇنياغا كۆڭۈل بۆلۇشكە ئامراق،  بۇنى ئۇلارنىڭ تېنىدىكى ھورمون بەلگىلىگەن.  ئەرلىك ھورمون  ئەرلەرنىڭ مېڭىسى بىلەن ئورۇقدانىدا ، ئاياللىق ھورمون ئاياللارنىڭ مېڭىسى بىلەن تۇخۇمداندا ساقلانغان  بولىدۇ.
        ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ مېڭىسىنىڭ تۈزىلىشى،  ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدا  ھورمون تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ،ئەر-ئاياللار  ئوتتۇرىسىدىكى پەرق  چوڭىيىپ  بارىدۇ. بىراق ئاخىرقى ئۆمرىدە،  ئەر-ئاياللارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى بىر -بىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ،  چۈنكى بۇ چاغدا ھورموننىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىشىپ كەتكەن  بولىدۇ.
        شۇنىسى ئېنىقكى، ئەرلەر ئەقلى جەھەتتە  ئۇزۇنغىچە  ئۈستۈنلۈكتە  تۇرىدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ ئىككى تەرەپتىكى مېڭىسىنىڭ ماسلىشىشى ياخشى بولغانلىقتىن، تەپەككۇرى ناھايىتى كۈچلۈك ھەم  دائىرىسى كەڭ بولۇپ،  بۇ  ئاياللار  بىرلا  ۋاقىتتا   نۇرغۇن  ئىشلارنى  بىر تەرەپ قىلالايدۇ  دېگەنلىك.  شۇڭا ئاياللارنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى ئىنتايىن  كۈچلۈك.  مېڭىمىزنىڭ جەمئىيەتكە كۆڭۈل بولىدىغان   سىستېمىسى ھەر تەرەپتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. سىز خىزمەت قىلىۋېتىپمۇ  بالىڭىزنى،  ئېرىڭىزنى، دوسلىرىڭىزنى، ھەتتا  نەچچە كۈن كىيىن قىلماقچى بولغان  ئىشلىرىڭىزدىن تارتىپ  ئويلاپ  بولىسىز.
        ئەرلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىشتىكى مەقسىتى  ناھايىتى كۈچلۈك.  ئاياللار ئىشنىڭ جەريانى ۋە ھەر خىل مۇناسىۋىتىگە  ئالاھىدە ئېتىبار  بېرىدۇ.  كۆزلەيدىغىنى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشى، ئەرلەرنىڭ بولسا ئەمىلى نەتىجە بولۇپ،  يەنى مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن نىشانغا يېتىشتىن ئىبارەت.  
                     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق