ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەشكە دائىر خاتا قار

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-17 10:10:00

ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەشكە دائىر خاتا قاراشلار ئۇاقتىن بۇيان كىشلەر بىر ئادەمنىڭ ئەقلىي سەۋىيسى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئەقىل بۆلۈنمىسنى ئۆلچەش ئارقىلىق مۆلچەرلەپ كەلدى . ئەمما، ئالىملار تەت...

    ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەشكە دائىر خاتا قاراشلار
    ئۇاقتىن بۇيان كىشلەر بىر ئادەمنىڭ ئەقلىي سەۋىيسى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئەقىل بۆلۈنمىسنى ئۆلچەش ئارقىلىق مۆلچەرلەپ كەلدى . ئەمما، ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئەقىل بۆلۈنمىسى بىر كىشىنىڭ ئەقلىي سەۋىيسى ۋە قابىلىيتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى .
    1- خاتا قاراش : ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەش كىشلەرنىڭ مۇتلەق ئەقلىي قابىلىيتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .
    مەخسۇس ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەشتە ئادەتتە كىشلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان دائىردىكى قابىلىيتىگە بىر قانچە تارماقلارنى ئۆلچەش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىنىدۇ ، تارماقلارنى ئۆلچەش ئارقىلىق ئېرىشكەن نومۇرلارنى قوشقاندا بىر كىشىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسنىڭ ئوتتۇرىچە سانى چىقىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرى ئالاھىدە ئۈستۈن ، ئەمما لوگىكىلىق تەپەككۇر قابلىيتى ئاجىزراق بولسا، ئۇنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىمۇ يۇقىرى چىقمايدۇ ، روشەنكى ، بۇنىڭدا بىر تەرەپلىملىك مەۋجۈت بولىدۇ.
    2- خاتا قراش : ئەقىل بۆلۈنمىسى قانچە يۇقىرى بولسا ، ئادەم شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ.
    ھەر قانداق ئىمتھانىدىكىگە ئوخشاش ، ئەگەر ئىمتھانغا تاقابىل تۇرۇش ماھارىتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىگىلىۋالسا ، ئەقلىي قابىلىيتى ئادەتتىكىدەك كىشلەرمۇ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەشتە يۇقىرى نومۇرغا ئېرشەلەيدۇ . ئۇزاق مەزگىللىك ئەھمىيتىدىن ئېيتقاندا ، ئەقىل بۆلۈنمىسنى ئۆلچەشنىڭ ئەمەلىي تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە يېڭلىق يارتىش قابىلىيتى بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق .
    3- خاتا قاراش : ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرىقلار تېخىمۇ ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ .
    ئەمەلىيەتتە ، ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولغانلىقى شۇ كىشىنىڭ بەزى جەھەتلەردىكى تۇغما قابىلىيتىنىڭ ئادەتتىكى كىشلەردىن ئۈستۈنلۈكنىلا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى « تۇغما قابلىيەت + تىرشچانلىق » تىن ئىبارەت . ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرراق بولۇپ ، لېكىن پۇرسەتنىڭ « ئىشكىنى چېكىشى « نى پاسسىپلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرسا ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىغان ھامان بەل قويۇۋەتسە ، ئەقىل بۆلۈنمىسى قانچە يۇقىرى بولغىنى بىلەن ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى تەس بولىدۇ.
    4- خاتا قاراش : ئەقىل بۆلۈنمىسى 170 تىن ئاشىدىغانلار تالانتلىق بولىدۇ.
    مەخسۇس ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەشتە ئەڭ يۇقىرى نومۇر 144 بولىدۇ، ئۆلچەش نەتىجىسى بۇ نومۇردىن ئېشىپ كەتكەندە ، كونكرېت نومۇر بېرىلمەيدۇ ، ئادەتتە «150نومۇردىن 160 نومۇر ئارىلىقىدا » ۋە «160 نومۇردىن 170 نومۇر ئارىلىقىدا » دېگەندەك مۈجمەل ئارىلىق نومۇر بۆلەكلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن 144 نومۇردىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ قايسسىنىڭ قايسسىدىن تېخىمۇ تالانتلىق ئىكەنلىكى ئۈستىدە سۆز ئېچىش تەس.
    5- خاتا قاراش : توردىمۇ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ .
    ھازىر توردا ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ ئۆلچەشنى ئىشلىگىلى بولدىغان تور بەتلىرى ئەمەلىيەتتە مەلۇم ئۆلچەمدىكى ئۆلچەشنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان نۇسخسى . توردا يۇقىرى نومۇر 171 گە ئېرىشكىنىڭىزگە زىيادە خۇشال بولۇپ كەتمەڭ ، چۈنكى بۇ « دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى نومۇر » ئېھتىمال ئون ياشلىق بالىنىڭ ئەقىل سەۋىيسىدىن پايدىلىنىلغان بولۇشى مۇمكىن . مەخسۇس ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەشتە ،بەزىدە‏( « فىلىن تەسىرى » ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەشتە ئېرشىكەن نومۇر ھەر ئون يىلدا ئاستا - ئاستا ئۈچ نومۇر يۇقىرى كۆتۈرۈلدىغانلىقىنى كۆرسىتدۇ ).
    6- خاتا قاراش : ئەقىل بۆلۈنمسىنى ئۆلچەشتە چىققان نومۇر مەڭگۈ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
    ئادەملەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى پۈتۈن ھاياتىدا روھىي ھالىتىنىڭ ياخشى - يامانلىقى ، سالامەتلىك ئەھۋالى ، ھەتتا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىشى مۇمكىن ، ئوخشاشلا ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەشتە چىققان نومۇرمۇ ئۆزگەرمەي تۇرمايدۇ . ئەگەر ئۆلچەنگەن كۈنى ئەھۋالى ياخشى بولمىسا ياكى ئۆلچەش ئۈچۈن چىقىرىلغان سۇئال - جاۋاب قەغىزىنى تەرجىمە قىلىشتا مەسىلە كۆرۈلسە ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرىدا ئېرىشىدىغان نومۇرغا تەسىر قىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئۆلچەش يالغۇز بىر قېتىملا ئېلىپ بېرىلسا ، بىر ئادەمنىڭ ئەقلىي سەۋىيسىنى پۈتۈنلەي ئىسپاتلارپ چىققىلى بولمايدۇ ، دەيمىز .

    « شىنجاڭ مائارىپ » گېزىتىدىن ئېلىنغان .

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق