ھېكمەت

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 12:48:51

ھېكمەت ئىككى ئادەم تاغ ئارسىغا كىرىپ دالىدا تۈنەپ قاپتۇ .ئۇلارنىڭ بىرسى رومانتىك ،يەنە بىرسى ئەمەلىيەتچىل ئادەم ئىكەن .كەچتە ئۇخلىغان چاغدا ،ئەمەليەتچىل ئادەم رومانتىك ئادەمدىن :«نىمىنى ك...

    ھېكمەت ئىككى ئادەم تاغ ئارسىغا كىرىپ دالىدا تۈنەپ قاپتۇ .ئۇلارنىڭ بىرسى رومانتىك ،يەنە بىرسى ئەمەلىيەتچىل ئادەم ئىكەن .كەچتە ئۇخلىغان چاغدا ،ئەمەليەتچىل ئادەم رومانتىك ئادەمدىن :«نىمىنى كۆردۈڭ» دەپ سوراپتۇ ،رومانتىك ئادەم: «مەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ ،ئالەمنىڭ نەقەدەر كەڭرى ئىكەنلىكىنى ،ياراتقان ئىگەمنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى، ھاياتىمىزنىڭ نەقەدەر قىسقا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلۋاتمىەن .....سەنچۇ ،سەن نىمىنى كۆردۈڭ ؟ »دەپ سوراپتۇ .ئەمەليەتچىل ئادەم :«مەن بىرسىنىڭ چىدىرىمىزنى ئوغۇرلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. ئېھتىمال «بۇ ئىككىسى ئادەمنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلىگە قارىتا قارىشىنىڭ قايسى توغرا »دەپ سورىلىشى مومكىن .جاۋاب ،ھەر ئىككىلىسىنىڭ توغرا. ھاياتلىقتا نۇرغۇن ئەھۋاللارغا ،بۇلۇپمۇ ،نۇرغۇن مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىمىز ،شۇنداق چاغدا چۇقۇم يىراق بىلەن يېقىن ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇشنى ئوبدان ئويلاش كېرەك ، كۆز ئالدىمىزدىكى مەسىلىلەرنىمۇ توغرا ھەل قىلىش توغرىسىدا ئىزدىنىشىمىز كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن رىئال مۇھىت تەرپىدىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشىمىز مۇمكىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.