ئىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلارمۇ؟

يوللىغۇچى : yultuzay يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-16 11:36:25

ئىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلارمۇ؟1 – ئاينىڭ 26 – كۈنى نيۇ-يوركتىكى تۈرك ئۆيىدە ئانتروپولوگلار، تىلشۇناسلار ۋە ئىندىئانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئىندىئانلار ئو...

    ئىندىئانلار چىڭگىزخاندىن قاچقان ئۇيغۇرلارمۇ؟

     

    1    – ئاينىڭ 26 – كۈنى نيۇ-يوركتىكى تۈرك ئۆيىدە ئانتروپولوگلار، تىلشۇناسلار ۋە ئىندىئانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئىندىئانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىقلار» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئىندىئانلارنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە كېلىپ يەرلىكلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزى بىلىملىك كىشىلەر بۇ كۆز قاراشقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارىغان.
       بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ كۆز قاراشقا تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بېرىلگەن. تۈركىيىدىكى پۈتۈن تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بېرىلگەندىن باشقا، تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «ھۆرىيەت» گېزىتىدە «ئىندىئانلار راستىنلا چىڭگىزخاندىن قېچىپ ئامېرىكىغا بېرىپ قالغان تۈركىي مىللەتلەرمۇ؟» تېمىسىدا، رادىكال گېزىتىدە بولسا «تۈركىي مىللەتلەر ئىندىئانلارمۇ؟ ياكى ئىندىئانلار تۈركىي مىللىتىمۇ؟» تېمىسىدا، مىللەت گېزىتىدە بولسا «بىر بىرىمىزدىن پەرقىمىز يوق» تېمىسىدا خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
       رادىكال گېزىتىدىكى خەۋەردە ئىندىئانلارنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ مۇنداق دەپ يېزىلغان: ”گارگىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. تۈركەر ئۆزدوگان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر بىلەن سىبىرىيىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دانا تەھلىلى نەتىجىسىدە، بۇلارنىڭ ئىندىئانلار بىلەن بىر تۇغقان ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئىندىئانلار بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ قالغان كىشىلەردۇر. 1233 – يىلىدا كۆچۈپ كەلگەنلەر بولسا چىڭگىزخاندىن قېچىپ كېلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردۇر.”
       رادىكال گېزىتىدىكى خەۋىرىدە پروف. در. ئۆزدوگان ئەپەندىنىڭ ئىندىئانلارنىڭ ئامېرىكىدا تۈركىي تىللىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلىنغان. ئامېرىكىدىكى «ھاۋاسۇ» ناملىق كەنتنىڭ ئىسمىنىڭمۇ تۈركچە سۆز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
    يىغىندا سۆز قىلغان گارگىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. مارجورى ماندالستام بالزەر، ئىندىئانلار بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر تۇغقان مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش خاتا بولسىمۇ، بەزى ئىندىئان قەبىلىلىرى بىلەن بەزى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر تۇغقان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئىندىئان قەبىلىلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ چىڭگىزخاندىن قېچىپ بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكا قىتئەسىگە كېلىپ قالغان تۈركىي مىللەتلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى، ئىندىئانلار بىلەن تۈركىي مىللەتلەردە ئېيىق، بۆرە، قارچۇغىغا ئوخشاش ئورتاق توتېملەرنىڭ بارلىقىنى، سىبىرىيىدىكى ياقۇتىستاندا ياشايدىغان تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئىندىئانلار ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىقلارنىڭ كۆپلىكىنى، ئالاسكادا تۇرۇشلۇق ئىندىئانلارنىڭ تۆمۈرچىلىككە ئۇستا بولۇشىنىڭ تۈركىي مىللەتلەردىن كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە سۆزىدە شامانلارنىڭ قەدىمقى تۈركلەرنىڭ دوختۇرى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە كالىفورنىيەدىمۇ بۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
    ئامېرىكا مىشىگېن دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پروف. در. تىمۇر كوجا ئەپەندى سۆزىدە، ئىندىئانلارنىڭ تىلى بىلەن تۈركىي تىللار ئارىسىدا پەقەتلا لېكسىكا جەھەتتىن ئوخشاشلىق بولۇپلا قالماي، سىنتاكسىس جەھەتتىنمۇ ئوخشاشلىقلار بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

     

     

      يارغول بلوگىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.