لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-14 16:33:43

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى لوندوندا تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ۋە ئاممىۋى باپ ناخشا - مۇزىكىللىرىنى ئورۇنلايدىغان سەنئەت گۇرۇپىسى بولۇپ، ئانسامبىل ھازىرقى ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلىرى شىنجاڭدى...

    لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى لوندوندا تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ۋە ئاممىۋى باپ ناخشا - مۇزىكىللىرىنى ئورۇنلايدىغان سەنئەت گۇرۇپىسى بولۇپ، ئانسامبىل ھازىرقى ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلىرى شىنجاڭدىن،قىرغىزىستاندىن ۋە بىرقانچە ئۇيغۇر مۇزىكىسىغا ئىشتىياق باغلىغان ئەنگلىيەلىك ئېنگىلىس مۇزىكا ھەۋەسكارلاردىن تەشكىل تاپقان. ئانسامبىلنىڭ ئورۇنلايدىغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسى ئاساسلىغى ئۇيغۇر مۇزىكا تىڭشاق ئاھاڭلىرى، ئىجادىي ۋە خەلق ئاھاڭلار بۇلۇپمۇ ئىلى خەلق ناخشا - مۇزىكىللىرى ھەم ئەنئەنىۋى "ئۇيغۇر 12 مۇقامى" نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئانسامبىل 2004 - يىلى قۇرۇلغان.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئورۇندىغان كونسېرتلىرى توۋەندىكىچە: 

    1. 2005- يىلى نويابىردا لوندون ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئاسىيا - ئافرىكا ئىنىستىتۇتى تەرپىدىن تەشكىللەنگەن "تۇرۇك تىلىدا سوزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا فېستىۋالى" دا ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسىدىن سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كۆرسەتتى. 

    2. 2006- يىلى مارت ئېيىدا كەمبرىج ئۇنىۋېرسىتتى تەرپىدىن تەشكىللەنگەن "نوۋرۇز" بايرىمىنى تەبرىكلەش سەنئەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىنى ئۇرۇندىدى. 

    3. 2007- يىلى ماي ئېيىدا لوندوندا ئۆتكۈزۈلگە "باھارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۇركىيە مۇزىكىسى بىلەن كۈتېۋېلىش" سەنئەت پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىن سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. 

    4. لوندوننىڭ كەمدىن رايونلۇق يەرلىك ھۆكۈمىتى تەرپىدىن بۇ يىل 6- ئاينىڭ 22 كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان  پائالىيىتىدە ئانسانبىل ئۇيغۇر سەنئىتىدىن نومۇرۇرلار كۆرسەتتى. 

    5. ئانسامبىل 2007- يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 13- كۈنى ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ پايتەختى دۇبلىن شەھىرىدە دۇبلىن ئىنستىتۇتى تەرپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن "12- نوۋەتلىك خەلقئارالىق جوڭگو ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا مۇزىكا ئىلمى يىغىنى" دا ئۇيغۇر خەلق ناخشا-مۇزىكىللىرىدىن ئويۇن كۆرسەتتى. 

    6. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2008- يىلى 11 -ئاپرىل كۈنى لوندون شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان St Ethelburgas' "تېنىچلىق ۋە يارشىش" مەركىزىدە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىدىن سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. 

    7. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2008- يىلى 12- ئىيۇل كۈنى لوندون پادىشاھلىق باغچىسىدا لوندون شەھەرلىك ھۆكىمەت، لوندون سەنئەت ھەمكارلىق شىركىتى ۋە لوندون پادىشاھلىق باغچىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەرپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتكە قاتنىشىپ، 45 مىنۇت ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇلدىن سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. 

    8. ئانسامبىل يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ شەرقى-جەنۇبىغا جايلاشقان دەۋون، سىدموۇتھ شەھرى تەرپىدىن 2008 - يىلى 7-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۇزۇلىدىغان "2008- يىللىق سىدموۇتھ خەلق مۇزىكا بايرىمى" (Sidmouth Folk Festiwal) غا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇرنىڭ  مەدەنىيىتى ۋە گۈزەل سەنئەتىنى فېستىۋال تاماشىبىنلىرىغا تونۇتتى. 
    ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا ۋە مەدەنىيىتىنى ئەنگلىيە خەلقىگە كەڭ دائىرىدە تۇنۇشتۇرۇش ئانسامبىلنىڭ مۇھىم نىشانلىرى بولغان.

    ماقالە ئەسلى مەنبەسى : kangsay tori 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر