«دوكتور ئاشتى» لىق ئۇنۋان ئەمەس، ئوقۇش تارىخىمۇ ئەمەس.

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 01:06:45

«دوكتور ئاشتى» لىق ئۇنۋان ئەمەس، ئوقۇش تارىخىمۇ ئەمەس. يىقىندا توردا شىنجاڭ تېلىۋىزىيسىنىڭ بىر پىروگراممىسىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر تەتقىقاتچىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئىسمىنى ئاتىغاندا دوكت...

    «دوكتور ئاشتى» لىق ئۇنۋان ئەمەس، ئوقۇش تارىخىمۇ ئەمەس.

     

          يىقىندا توردا شىنجاڭ تېلىۋىزىيسىنىڭ بىر پىروگراممىسىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر تەتقىقاتچىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئىسمىنى ئاتىغاندا دوكتور ئاشتى پالانچى، دوكتور يىتەكچىسى پالانچى دەپ نەچچە يەردە ئاتاپتۇ. بۇنداق ئاتاش دائىم تورلاردىمۇ، گىزىتلەردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ توغرىلىق چۈشەنچە بىرىپ تېلىۋىزىيە، گىزىت ژورناللاردا ئىشلەۋاتقان ئاخبارات خادىملىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتا چۈشەنچىسىنى ئۈزگەرتىۋالسا دىگەن ئۈمىتتىمەن.

    ئوقۇشلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۋان دوكتورلۇق، شۇڭا ئۇنى ئادەتتە ئاخىرقى ئۇنۋان ( Terminal Degree ) دەپ ئاتايدۇ. ھەر قايسى دۈلەتلەردە دوكتورلۇققا قۇبۇل قىلىش ئوسۇللىرى ئوخشاپ كەتمىسىمۇ لېكىن بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئۇنۋان ئىكەنلىگى بىردەكلىككە ئىگە.  يەنە بەزى كەسپلەردە مەسىلەن مېدىتسىنا، قانۇن دىگەندەك كەسىپلەردە دوكتور ( PhD ) دەپ ئاتىماي باشقىچىراق ( مەسىلەن MD  دىگەندەك ) ئاتايدۇ.

     دوكتور ئاشتىلىق بولسا دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەندىن كىينكى بىر مەزگىللىك خىزمەت. لېكىن ئۇنىڭ كەينىدە «ئاشتى» دەپ قوشۇمچىسى بولغاچقا ئادەملەردە بۇ دوكتۇردىنمۇ يوقىرى ئۈنۋان ئوخشايدۇ دەپ خاتا چۈشەنچە بوپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ژورنالىستلاردا.

    دوكتور ئاشتى چۈشەنچىسى 1960 -يىللاردا ئامرىكىدا بارلىققا كەلگەن. ئەڭ دەسلەپتە بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تېپىپ بۇلالمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت تېپىۋالغۇچە ئىشلەپ تۇرۇش پۈرسىتى يارىتىپ بىرىش. ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەردە ئوخشىمىغان كەسىپلەرنىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا يىل چەكلىمىسى بۇلىدۇ، مەسىلەن 5يىل، 7 يىل دىگەندەك. بەزىدە قىلىۋاتقان تەتقىقات سەۋەپلىك بەزىدە ئوقۇچىلار تەتقىقاتنى يېرىم يولدا تاشلاپ كىتىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، ياكى يىتەكچى ئوقۇتقىچىسى ئۇنى خالىمايدۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىنىڭ يىل ۋاختى توشۇپ قالغان. بۇ يەردە جۇڭگۇدىكى ئوخشاش ئوقۇغۇچى پۈتتۈرگەندىن كىينلا مەكتەپتە ئېلىپ قېلىپ ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئىشلىتىش ئاساسەن يوق دىيەرلىك. شۇڭا يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلار نىسبەتەن تۈۋەن بولغان مائاش بىلەن دوكتور ئاشتى دىگەن نام بىلەن دوكتور پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا بۇ ئاتاق تەتقىقات ئورۇنلىرىدىلا بۇلىدۇ.  جۇڭگۇدا 90-يىللاردىن تارتىپ يولغا قويۇلغان. جۇڭگۇدا ئادەتتە « دوكتور ئاشتىلىق خىزمەت پونكىتى» دەپ ئاتاپ مەزكەزدىن مەخسۇس تەستىقلايدۇ.  ئامرىكىدا پروفىسسورلارنىڭ تەتقىقات خىراجىتى بولسىلا تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويۇپ دوكتور ئاشتى ئېلىپ ئىشلىتىدۇ، دوكتور ئاشتى قىلىۋاتقانلار بۇ چاغدا ئوقۇمايدۇ بەلكى خىزمەت قىلىدۇ، ۋاختى تۈگىگەندىن كىيىن دوكتۇر ئاشتى خىزمىتىنى تاماملىدى دەپ بىر كىنىشكە بىرىدۇ،ئۈنۋان بەرمەيدۇ.  يەنە مەسىلەن ئامرىكىدا دوكتور ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئامرىكى ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچى ۋىزىسى (F1) بىرىدۇ، دوكتور ئاشتلىق قىلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ۋىزىسى (H1) ياكى ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋىزىسى (J1) بىرىدۇ. ئادەتتە فاكولتىت ياكى تەجرىبىخانىلار خادىملارنى چۈشەندۇرۇپ چىقىرىپ قويغان تاختاي ياكى تور بەتلىرىدىمۇ دوكتور ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا، دوكتور ئاشتىلارنى تەتقىقاتچى خادىملار قاتارىغا تىزىدۇ.

    ھازىر دوكتور ئاشتى خىزمىتى بىر قەدەر ئومۇملىشىپ كەتتى، بولۇپمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تەتقىقات ئورۇنلىرىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىشنى كۈزلىگەنلەر ئاۋال دوكتور ئاشتىلىق ئىزدەپ بولۇپمۇ ياخشى ئۇنۋېرسىتىتلار ياكى دۈلەتلىك تەجرىبىخانىلاردا بىر مەزگىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۈزىنىڭ تەتقىقات قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە تەجرىبىسىنى ئاشۇرىدۇ.  بەزىدە 3-4 قېتىم دوكتور ئاشتلىق قىلىدىغانلارمۇ بار.

    ئادەتتە دوكتور ئاشتىلىق تارىخى بارلارنى چاقىرغاندا، ئاتىغاندا يەنىلا ئۇلارنى دوكتور دەپ چاقىرىمىز.  يەنى دوكتور ئەركىن سىدىق دەپ( دوكتور ئاشتى ئەركىن سىدىق ئەمەس). يازغاندىمۇ دوكتور پالانچى دەپ يازىمىز، بۇلار مەيلى ئېغىزچە مەيلى يېزىقچە بولسۇن شۇنداق. ئەگەر دوكتور يىتەكچىس بولسىمۇ ئۇلارنىمۇ يەنىلا دوكتور دەپ چاقىرىمىز، يەنى دوكتور پالانچى دەپ (دوكتور يىتەكچىسى پالانچى دەپ ئەمەس) ئۇلارنى تۇنۇشتۇرغاندا ئاندىن پالانچى يەردە دوكتور ئاشتىلىق قىلغان دەپ يازىمز،جۇڭگۇدا بولسا ئۈزى ھازى دوكتور يىتەكچىسى دەپ قېتىپ قويىدۇ. جەدۋەللەرنى تولدۇرغاندىمۇ ئوقۇش ئۇنۋانى (学位) دىگەن يەرگە دوكتور دەپ يازىدۇ.

    غەرىپتە ئادەتتە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بولغانلارنى خىزمەتتە، سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ۋە باشقا رەسمى (Official) ئورۇنلاردا، ئىشلاردا دوكتور پالانچى دەپ چاقىرىش ۋە يېزىش ئادەتكە ئايلانغان. مىىنىڭچەبۇ ياخشى ئادەت، بۇنى قۇبۇل قىلىشىمىز كىرەك. بۇ ھەرگىزمۇ باشقىلارنى قەستەن ماختىغانلىق ئەمەس. بۇنداق دىيشىمىدىكى سەۋەپ بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دوكتورلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ماقالە يازغاندا دوكتور پالانچى دەپ يازسام چەتئەلدىكى بەزى ئۈزىنى ئوبامادىن چوڭ كۆرىدىغانلار «دوكتور بولسا نىمە بوپتۇ، بىزگە نىمىش قىپ بىرىپتۇ، ماڭا 10 كوي پۇل بەردىمۇ» دەپ يۇقىرى سوتنىڭ سوتچىسىدەك مىنى سوتلاپ كىتپتىكەن ئۈيىدە ئولتۇرۇپ رەسىمىمنى سوتلاپ. بۇ  مىنىڭچە يەنە بىر جەميەت بىلىمى ساۋاتسىزلىقى.

    ئۇندىن باشقا يەنە ئۇنۋېرسىتىتلاردا پىروفىسسور بولسا  گەرچە ئۇلار دوكتور بولسىمۇ ئۇلارنى پروفىسسور دەپ چاقىرىدۇ. بۇلۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنى چاقىرغاندا، خىزمەتداشلار ئۆزئارا چاقىرغاندا، ئاكادىمىيە خىزمەتلىرىدىن سىرتتىكى ئادەملەر پروفىىسورلارنى چاقىرغاندا پروفىسسور دەپ چاقىرىدۇ. لېكىن دوكتور دەپ چاقىرسىمۇ بۇلىدۇ. بولۇپمۇ بىزنىڭ فاكولتىتىكى ئىشخانا خادىملىرى قاراپ باقسام شۇنداق چاقىرىدىكەن. ئۇندىن كىيىن ئۇنۋېرسىتتىن باشقا ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان بارلىق دوكتورلارنى دوكتور دەپ ئاتىسا بۇلىدۇ ( چۇنكى ئۇ ئۇرۇنلاردا پىروفىسسور ئاتالغۇسى يوق).

    بۇندىن كىين تورداشلار تېلىۋىزىيە، گىزىت، ژورناللاردا خاتا ئاتىغاننى كۆرسە تۈزىتىش بىرىشىنى، شۇنداق تونۇشلىرى بولسا چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى سورايمەن. بۇلار مىنىڭچە قېلىپلىشىشى كىرەك.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دوكتور ئاشتى ئۇنۋان