قېنى سىناپ بېقىڭ، سىز قانداقراق ئادەم بىلەن تويلىشىسىزكىن؟

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 18:26:31

قېنى سىناپ بېقىڭ، سىز قانداقراق ئادەم بىلەن تويلىشىسىزكىن؟سىزگە تۆۋەندىكى نەرسىلەردىن پەقەت بىرسىنىلا تاللاش پۇرسىتى بېرىلسە سىز قايسىنى تاللىغان بولاتتىڭىز؟ ئا: داڭلىق ماركىلىق راھەت كىيىم...

     

    قېنى سىناپ بېقىڭ، سىز قانداقراق ئادەم بىلەن تويلىشىسىزكىن؟

     سىزگە تۆۋەندىكى نەرسىلەردىن پەقەت بىرسىنىلا تاللاش پۇرسىتى بېرىلسە سىز قايسىنى تاللىغان بولاتتىڭىز؟

          ئا: داڭلىق  ماركىلىق راھەت كىيىملەر؛

         ب: بىر جۈپ ئېسىل قەلەم ۋە قاپچۇقى؛

        س: مەشھۇر رەسىم سۈرەتلەر؛

    د: يۈرەك شەكىللىك زەنجىر؛

    ئا:سىزنىڭ تويلىشىش ئوبېكتىڭىزغا قويغان تەلىپىڭىز، ئىچكى بىلىم قۇرۇلمىسى ھەم ساپاسى. سىزقارشى تەرەپنىڭ ئىچكى بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا ناھايتتى ئەھمىيەت بېرىسىز، ئىككى تەرەپ بىر بىرسىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تەبىئىيلا بىلىۋېلىشى كېرەك دەپقارايسىز. بىر بىرىڭلارغا ھەممە جەھەتتىن ماسلىشالايدىغان بولغاندىلا ئاندىن بىرگە مەڭگۈ ئۆتكىلى بولىدۇ دەپ قارايسىز. ئەمما، بەزىدە بىربىرىڭلارنى ھەددىدىن تاشقىرى چۈشىنىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن تۇرمۇشىڭىزنى سەل مەنىسىز رەڭسىز ھېس قىلىپقالىسىز.

     

    ب: سىزنىڭ تويلىشىش ئوبېكتىڭىزغا قويغان تەلىپىڭىز- بىلىم سەۋىيەسى، سىز قارشى تەرەپنىڭ بىلىم سەۋىيەسىگە بەك دىققەت قىلىسىز. باشقىلارغا تايىنىۋېلىش خاھىشىڭىز بەك كۈچلۈك بولغان سىز، باشقا بىرسىنىڭ سىزگە يار يۆلەك بولۇپ، سىز ئۈچۈن ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىسىز. لېكىن سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچڭىز تولۇق ئەمەس، دائىم قارشى تەرەپنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، ھەرۋاقىت ئەندىشىدە يۈرۈيسىز، شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنىمۇ يىرىكلەشتۈرۈپ قويىسىز.

     

    س: سىزنىڭ تويلىشىش ئوبىكتىڭىزغا قويغان تەلىپىڭىز- خىزمەت. سىز ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ خىزمىتى ئەڭ مۇھىم. بولكا مۇھەببەتتىن مۇھىم. قارشى تەرەپ مۇقىم خىزمىتى بولغاندىن سىرت يەنە بانكىدا ئازدۇر كۆپتۇر يىغقان ئىقتىسادىي بولۇشى كېرەك دەپ قارايسىز.  لېكىن تويدىن كېيىن سىزنىڭ ھە دېسىلا ئېقتىسادنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىشىڭىز ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاز بولمىغان مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     

    د: سىز قارشى تەرەپنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە، چىرايىغا بەك ئەھمىيەت بېرىسىز. ھە دېسىلا قارشى تەرەپنىڭ ھەممە يېرىنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىدەك بولۇشىنى، سىزنى ھەر ۋاقىت رازى قىلىپ تۇرۇشىنى ھەم روھىي جەھەتتىنمۇ سىزنى رازى قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىسىز.  ئەمما، ياخشى مۇكەممەل بولغان مۇھەببەت ئاساسىي بولماي، گۈزەللىك قوغلاشقان تۇرمۇشتىن ھامان چاتاق چىقماي قالمايدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر توي سىناق نىكاھ _