سىزنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىڭىز قانداق بولار؟ سىناپ بېقىڭ

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 13:45:18

سىناپ بېقىڭ!مەيلى سىز توي قىلىپ بولغان ئايال بولۇڭ ياكى توي قىلىش بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان بەرنا قىز بولۇڭ، تۆۋەندىكى كىچىك سىناقلاردىن سىزنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىڭىزغا بولغان پوزىتسىيىڭىزنى، نىكاھ...



     

    سىناپ بېقىڭ!

    مەيلى سىز توي قىلىپ بولغان ئايال بولۇڭ ياكى توي قىلىش بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان بەرنا قىز بولۇڭ، تۆۋەندىكى كىچىك سىناقلاردىن سىزنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىڭىزغا بولغان پوزىتسىيىڭىزنى،  نىكاھ تۇرمۇشىڭىزدا قانداق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىيالىشىڭىز مۇمكىن...قېنى تېزدىن سىناپ بېقىڭ! ( ئەسكەرتىش، ھەر بىر سىناقنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، كەينىدىكى نومۇرغا ئاساسەن ئىككىنچى سىناقنى ئىشلەڭ!)

      A1.سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ناھايىتى كاتتا ئوردا بار، تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، سىز ئوردىغا كىرىپ ئاۋۋال نېمىنى كۆردىڭىز؟

    چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىدىغان سېھىرلىك ئەينەك ۋە ئاجايىپ كارامەتلىك جادۇگەر ئايال. (A3 )

    ناھايىتى يوغان ۋە ئازادە كارىۋات ۋە كارىۋاتنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان سۇمباتلىق شاھزادە. (A2)

    A2. ئەمما سىز ئوردىغا كىرىپ قارىغىنىڭىزدا ئوردىنىڭ قۇپقۇرۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىز. ئۇنداقتا سىزچە بۇ نېمە سەۋەبتىندۇر؟

    ئوردا ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سىرتقا كۆڭۈل ئاچقىلى چىقىپ كەتكەن.(A4)

    ئوردىنىڭ ئىچىدە ئادىمىزات ياشىمىغىلى ناھايىتى ئۇزاق يىللار بولدى.  )

    (A3

    A3. ناۋادا سىز ئوردىدا بىر خەۋپ بار دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، سىز تۆۋەندىكى خەۋپلەرنىڭ قايسىسىدىن بەكرەك قورقىسىز؟

    ئالۋاستى سىزنى ھايۋاناتقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.          (A5 )

    ئوردا ئەمەلىيەتتە بىر سىرلىق قەلئە.   (A4 )

    A4. سىز ئوردىدا ئۇياق-بۇياققا توختىماي مېڭىۋېرىپ، قورسىقىڭىز ئېچىپ، قاتتىق ئۇسساپ كەتتىڭىز، بۇ چاغدا سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئىككى خىل يېمەكلىك ئۇچرىدى، سىز قايسىسىنى تاللايسىز؟

    قىسىلغان ئارپا پىچىنىسى ۋە بىر بوتۇلكا سۇ     (A6 )

    بىر تەخسە يېڭى مېۋە-چېۋىلەر.   (A5 )

    A5. سىز ئوردىدا ماڭغاچ قاتار-قاتار ئۆيلەرنى كۆرۈپ ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتتى، ئۇنداقتا سىز ئەمدى قانداق قىلىسىز؟

    چىدىيالمايمەن، ئۆيگە قايتىپ كېتىمەن.   (A7 )

    قۇلىقىمغا تىڭشىغۇچنى سېلىپ ناخشا ئاڭلىغاچ داۋاملىق ماڭىمەن.   (A6 )

    A6. سىز شۇنداق ئارىلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز غايەت زور داڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ئەتراپىڭىز زىلزىلىگە كەلدى، ئۇنداقتا شۇ چاغدا سىز بۇنى نېمىنىڭ بېشارىتى دەپ ئويلايسىز؟

    ئالۋاستى يېتىپ كەلدى، مېنى يەۋىتىشى مۇمكىن، تېز قاچاي!   (A8 )

    بەلكىم ماڭا ۋاقىتنى ئۇقتۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ساناپ باقاي، قانچىنى داڭ ئۇرىدىكىن!   (A7 )

    A7. ناۋادا ئوردىدىن چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا سىزنىڭ بىرلا خىل نەرسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىڭىزگە يول قويۇلسا، ئۇنداقتا سىز نېمىنى ئېلىپ چىقىپ كېتەتتىڭىز؟

    ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان، بازاردىكى تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى بولغان گۈل لوڭقىسى.   (A9 )

    ئۈستىگە بىلگىلى بولمايدىغان خەتلار يېزىلغان بىر ۋاراق. ئۇ بەلكىم بىر خىل سېھرىي ئەپسۇن ياكى ئىلاھىي كىتاب بولۇشى مۇمكىن، ئىشقىلىپ تەتقىقات قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.   (A8 )

    A8. قايتىش يولىدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنىڭ بىردىنلا يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىڭىز؟ قىزىق، بۇ زادى قانداق بولۇپ كەتتى؟

    بۇ يامانلىقنىڭ بىشارىتى، ئالۋاستى كىيىمىمنى ئېلىۋاپتۇ-دە!   (A10 )

    ھا..ھا... مەن چوقۇم ئۇخلاۋېتىپلا بۇ ئوردىغا مېڭىپ كېلىپ قاپتىمەندە!   (A9 )

    A9. ئوردىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ بولۇش ئۈچۈن ماڭىدىغان يول ناھايىتى ئۇزىراپ كەتتى، ئۇنداقتا قىياس قىلىپ بېقىڭ، سىز ئوردىدىن چىقىپ كېتىش جەريانىدا قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقارسىز؟

    يولدىن ئازغىشىپ قالىمەن.   (A11 )

    ئەقلى-ھوشۇم كاردىن چىقىدۇ.   (A10 )

    A10. ھاۋا تۇيۇقسىز سوۋۇپ كەتتى، سىزمۇ ناھايىتى مۇزلاپ كەتتىڭىز، ئۇنداقتا سىز بۇ چاغدا نېمىنى ئەڭ سېغىنىسىز؟

    يېڭىلا دەملەنگەن قويۇق مەھمۇد قەھۋەسى ۋە ناھايىتى مول بولغان بىر ۋاق تاماق.   (A12 )

    سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ۋە ھوجرا ئۆيىڭىزدىكى ئىللىق كارىۋىتىڭىز.   (A11 )

    A11. سىز ماڭا-ماڭا ئاخىرى ئوردىدىن چىقىپ بولدىڭىز، ئويلاڭ، بۇ چاغدا سىز قانداق ھېسياتتا چۆمىسىز؟

    ئەپسۇس، مۇشۇنداق سىرلىق يەردە بىرەر پارچە خاتىرە رەسىم چۈشۈۋالماپتىمەن.   (A13 )

    بەك پەيزى. ئاخىرى بۇ قورقۇنچلۇق جايدىن چىقىپ بولدۇم.   (A12 )

    A12. سىز ئوردىدىن ئايرىلىپ بولۇپ ئارقىڭىزغا قارىغان دەقىقىدە يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بايىقى ئوردا بىردەمدىلا خارابىلىككە ئايلىنىپ قالدى، ئۇنداقتا سىز بۇ ۋاقىتتا قانداق قىلىسىز؟

    ئويلىنىپ تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، دەرھال قاچىمەن.   (A14 )

    بېرىپ زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ باقىمەن.D      تىپتىكى ئاياللار.

    A13. ئۇھ، ئاخىرى ئۆيىڭىزگە قايتىپ كەلدىڭىز، سىزچە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز قايسى ئىشتۇ؟

    ئۇخلاش       Bتىپتىكى ئاياللار

    دەرھال خاتىرەمنى ئېلىپ، بايىقى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ قويىمەن، بولمىسا ئۇنتۇپ قېلىشىم مۇمكىن.   A   تىپتىكى ئاياللار

    A14. سىز باشقىلارنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا بۇ غەلىتە سەرگۈزۈشتىڭىزنى ئېيتىپ بەردىڭىز، لېكىن باشقىلار بۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنمىدى. بۇ چاغدا سىز قانداق قىلىسىز؟

      ئىشنى پاكىت بىلەن سۆزلەش كېرەكتە، ئۇلارنى سىرلىق ئوردىغا ئېلىپ بارىمەن.    C   تىپتىكى ئاياللار

    ئىشەنمىسە ئىشەنمەۋەرسۇن، باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە قۇربىم يەتمەيدۇ.   E   تىپتىكى ئاياللار

     

    جاۋابىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟

    Aتىپتىكى خانىم-قىزلارغا ئاگاھلاندۇرۇش: دىققەت قىلىڭ، تاللاشچانلىقىڭىز ھەددىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن!

      سىز ناھايىتى دانىشمەن ياردەمچى بولالايسىز، ساداقەتمەنلىك، ئىلمىيلىك سىزنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىڭىزدۇر. ئەمما سىز دائىم ئۆزىڭىزنىڭ سۆيگۈسىنى باشقىلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۈرىسىز، ھەمىشە ناھايىتى مۇكەممەل ئەر كىشى بىلەن توي قىلىشنى خالايسىز، شۇڭا ئەتراپىڭىزدىكى يىگىت سىزنىڭ ئۆزىگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويغانلىقىڭىزدىن ئاغرىنىدۇ.شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، دۇنيادا مۇكەممەل ئەر بولمايدۇ، پەقەت سىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەر بولىدۇ. شۇڭا سىز ھازىردىن باشلاپ، كەڭ قورساق بولۇشقا، ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەرنى چۈشىنىشكە ئېتىبار بېرىڭ. مەيلى تۇرمۇش ياكى خىزمەتتە بولسۇن دەل جايىدا بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ!

    Bتىپتىكى خانىم-قىزلارغا ئاگاھلاندۇرۇش: ئىنچىكە بولۇڭ، نىكاھ سىزنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشىڭىزغا مۇھتاج.

      سىز ناھايىتى ئەركىن بولغاچقا، توي قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، ئېرىڭىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندىكى ھېسياتنى ساقلاپ قالالايسىز. سىز نىكاھنى مۇھەببەتلىشىشنىڭ داۋامى دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. نىكاھ يەنە ئىككى تەرەپتىن بەلگىلىك قۇربان بېرىش ۋە مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ. سىزگە بېرىدىغان تەۋسىيىمىز شۇكى، ھازىردىن باشلاپ تەنتەكلىكىڭىزنى تاشلاڭ، مۇھەببەت ياكى نىكاھ تۇرمۇشىڭىزنى ئەتراپلىق پىلانلاڭ، پەرۋىش قىلىڭ، شۇندىلا سىزنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىڭىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ.

    Cتىپتىكى خانىم-قىزلارغا ئاگاھلاندۇرۇش: داۋاملىق بەك ئەستايىدىل بولىۋالماي، بەزىدە ئىش ئۇقماس قىزچاقمۇ بولۇپ قويۇڭ!

      سىز ئىسمى-جىسمىڭىزغا لايىق قۇدرەتلىك ئاياللاردىن بولالايسىز، بۇ ھەم سىزنىڭ دائىملىق ئارزۇيىڭىز. ھەتتا تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىنمۇ، سىز مەيلى قانداق قىيىنچىلىق ياكى دىل ئارازچىلىقلىرىغا ئۇچراپ قالسىڭىز، ئۇنى ئۆزىڭىز مۇستەقىللا بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلايسىز. ئەمەلىيەتتە بەزىدە يىغلاڭغۇ بالىلارنى بەزلەش ئۈچۈن كەمپۈت لازىم بولغىنىدەك، ئورۇنلۇق قاقشايدىغان <ئۇششۇق> ئاياللار ئېرىنىڭ كۆيۈنىشىگە، غەمخۇرلىقىغا ئېرىشەلەيدۇ، شۇڭا بەزىدە دۆت بولىۋالىدىغان يەردە قىلچە ئىككىلەنمەي ئىش ئۇقماس قىياپەتكە كىرىۋېلىڭ، ئېرىڭىزگىمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان كىچىك پۇرسەتلارنى بېرىڭ.

    Dتىپتىكى خانىم-قىزلارغا ئاگاھلاندۇرۇش: سىز ناھايىتى مېھرىبان، ئەمما يەنىلا سەل ھوشيارراق بولغىنىڭىز ئەۋزەل.

      سىز قىزلارنىڭ ئىچىدىكى سەرخىلىدۇرسىز. ھەممە ئىشتا سۆيگۈنىڭىز ياكى ئېرىڭىزنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىسىز، ئەمما سىزگە شۇنى سەمىمىي تۈردە ئەسكەرتىش زۆرۈركى، ئائىلىنى دەپلا ئۆزىڭىزنى پۈتۈنلەي نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلىپ قويماڭ، سىرتتىكى ياۋا مۈشۈكلەر ئاجىز ئاياللاردىن ناھايىتى ئاسان پايدىلىنالايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىڭىزنىڭ ئاياللىق جاسارىتىڭىزنىمۇ نامايەن قىلىپ قويۇڭ، ئۆزىڭىزگە پۇختا بولغاندىلا باشقىلار بىلەن ئەركىن رىقابەتكە چۈشەلەيسىز.

    Eتىپتىكى خانىم-قىزلارغا ئاگاھلاندۇرۇش: ئۆزىڭىزنىلا مەركەز قىلماڭ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى بولۇپمۇ ئېرىڭىزنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ مەسىلىلەرگە باھا بېرىشنى ئۆگىنىڭ.

      سىز مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن ياكى تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن، پەقەت خۇشال بولۇشنى، كۈندە ئۆيدە ئولتۇرۇپ تورغا چىقىش ياكى كورىيە مازغاپ فىلىملىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەمسىز قانداق؟ مۇھەببەت تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئويلىنىپ كۆردىڭىزمۇ؟ سىز يىگىت تاللاشتا ئۆزىڭىزگە ماددىي شارائىت ھازىرلاپ بېرەلەيدىغانلىرىنى ئالدىن تاللايسىز. ئەمما ئادەم يەنىلا قەلبتىكى مۇھەببەت بىلەن ھەقىقىي ئىللىقلىق ھېس قىلالايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ چىن ھېسياتى بىلەن قەلب ئېتىزىڭىزنى سۇغۇرۇڭ، ئەرلەر ئائىلىنى سۆيىدىغان ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا دوستلىرىنى قەدىرلەيدىغان، دۇنيانى سۆيىدىغان ئاياللارنى تېخىمۇ سۆيىدۇ. ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكەن نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ لەززىتى يەنە باشقىچە، ھېچ بولمىغاندا ئۇ سىزنى ھەر ۋاقىت يېڭىلىق تۇيغۇسىدىن بەھرلەندۈرەلەيدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نىكاھ سىناق _