ھەر خىل گۈلچاي ئەتىيازدا ھارغىنلىقنى پەسەيتىدۇ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-10 18:47:07

ئەتىيازدا ئىچىشكە باب گۈلچايدىن يەسىمەنگۈل چېيى، سەبدە چېيى ۋە قىزىل گۈل چېيى بار.


    ھەر خىل گۈلچاي ئەتىيازدا ھارغىنلىقنى پەسەيتىدۇ
     
    پەسىل ئالمىشىپ ھاۋا ئىللىغان مەزگىلدە ئادەم بەدىنىدە چارچاش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ھەر خىل گۈلچاي ئىچىپ بەرسە، گۈلچاي تەركىبىدىكى خۇش پۇراق ماددا مېڭىنى سەگىتىپ، ئەتىيازدىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ، ئەل ئارىسىدىمۇ «ئەتىيازدا گۈلچاي ئىچكۈلۈك» دەيدىغان گەپ بار، بىراق گۈلچايلار ئەڭ ياخشىسى قايناق سۇدا دەملىنىشى، بەك قېنىق، بەك قىزىق بولمىغىنى ياخشى.
    ئەتىيازدا ئىچىشكە باب گۈلچايدىن يەسىمەنگۈل چېيى، سەبدە چېيى ۋە قىزىل گۈل چېيى بار. بۇ خىل گۈلچايلار مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپلا قالماي، يەسىمەنگۈل چېيى ئۈچەي ئاشقازاننى، سەبدەگۈل چېيى جىگەرنى قوغدايدۇ، قىزىلگۈل چېيى قاننى جانلاندۇرۇپ، جىگەردىكى يەلنى ھەيدەيدۇ.
    مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.