تور بانكا كەسپىنى بىجىرگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 20:11:46

تور بانكا كەسپىنى بىجىرگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارپەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى، كەڭ بەلۋاغ تورىنىڭ ئومۇملىشىشى، تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ بىزنىڭ سودا ئىشلىرىمىز ئاساسەن توردا بول...

    تور بانكا كەسپىنى بىجىرگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارپەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى، كەڭ بەلۋاغ تورىنىڭ ئومۇملىشىشى، تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ بىزنىڭ سودا ئىشلىرىمىز ئاساسەن توردا بولۇۋاتىدۇ. مەمۇرى ۋە كەسپى ئورۇن ئىمتىھانلىرىغا تىزىملىتىش، توردا تېلفونغا پۇل تۆلەش، توردا كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر نەرسە سېتىۋېلىش، توردا تور نامى ۋە بوشلۇق ئېلىش، تور سودىسى قىلىش، توردا ھېساب يۆتكەش قاتارلىق ئىشلاردا بىز تور بانكا كەسپىدىن ئايرىلالمايمىز. بۇ ئىشلارنىڭ خالىغان بىرىنى قىلماقچى بولساق، چوقۇم تور بانكا كەسپىنى بىجىرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئەڭ قولاي بولغان جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ تور بانكا كەسپىنى بېجىرىشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. 1. ئالدى بىلەن بانكىغا بېرىپ بىر كارتا ئىلتىماس جەدۋىلى ئالىمىز. ئەگەر سىز بۇرۇن بىجىرىپ بولغان كارتىنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئاچماقچى بولساق ئوخشاش جەدۋەل تولدۇرىمىز، جەدۋەل تولدۇرغاندا چوقۇم 电子商务 ياكى 对外转账 دېگەن ئورۇنغا توغرا بەلگىسى قويۇپ، بۇ ئىككى كەسىپنى ئاچقۇزىمىز. ئەگەر تور بانكا كەسپىنى ئېچىپ بىرىڭ، دەپلا بىجىرسەك بۇ ئىككى كەسىپ ئېچىلمايدۇ، نەتىجىدە بانكىغا قايتا بارىدىغان ئىش چىقىدۇ. 2. ئەگەر يانفوندا تور سودا ئىشلىرى ياكى ھەر خىل پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىدىن بەھرىرلەنمەكچى بولساق، چوقۇم جەدۋەل تولدۇرغاندا WAP 网上银行 ۋە WAP 电子商务 ۋە ياكى WAP 对外转账 دېگەندەك تۈرلەر بولسا تاللاپ قويىمىز. 3. كارتا بىجىرگەندە U盾 ئالامسەن ياكى 口令卡 دەپ سورايدۇ. ئالدىنقىسىغا 60 يۈەن كېتىدۇ، بىر نەچچە قېتىم شۇنى ئىشلىتىپ سودا قىلسا ئۇ 60 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ كېيىنكىسىگە پۇل كەتمەيدۇ. ئالدىنقىسىدا بىخەتەر ھەم ھەر خىل سوممىدىكى سودىنى قىلىشقا بولىدۇ(پارچە پۇلنىمۇ خەجلىگىلى بولىدۇ). كېيىنكىسىنىىڭ خەتىرى چوڭراق، لېكىن يانفوندا سودا قىلغاندا لازىم بولىدۇ. شۇڭا، يانفوندا سودا قىلىش نىيىتى بارلا چوقۇم ھەر ئىككىلىسىنى بىجىرىش كېرەك. 4. سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ تورىدىن بىر ئابونتچى نامى ئېلتىماس قىلىمىز. ئاندىن كېيىن ھېلىقى تور بانكا كارتىسىنى قوشۇۋالساقلا بولىدۇ. 5.U盾 نى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى كومپىيۇتېرغا تونۇتۇپ، گۇۋاھنامە چۈشۈرمىسەك ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز چوقۇم، سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ تور بېكىتىدىن ئۆزىمىزنىڭ U盾 غا ئوخشاش بولغان U盾 نىڭ سۈرىتى بار جايدىن قوزغىتىش پروگراممىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغانىدىن كېيىن، سېستىمىنى قايتا قوزغىتىمىز. سېستىما قايتا قوزغالغاندىن كېيىن، U盾نى تونۇيدۇ. ئاندىن گۇۋاھنامىنى بەلگىلىسەك بولىدۇ. يەنى تور بېكەتنى ئېچىپ دەسلەپتە ئېلتىماس قىلغان ئىسىم بىلەن توردىكى بانكىغا كىرىپ، U盾 دىگەن جاينى بېسىپ، شۇ جايدىن پۇل تۆلەش كېلىتىنى جەزىملەشتۈرسەكلا بولىدۇ. 6. بىزدە مۇشۇ بانكىنىڭ قانداق كارتىسى بولسا، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ نامىدىكى كارتىنى 添加注册卡 دىگەن جايدىن قوشقىلى بولىدۇ. مەسىلەن: مائاش، ياكى پۇل ساقلايدىغان كارتىلارنى قوشۇپ قويساقلا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.