بىز قانچىلىك بىلىمنى سىغدۇرالايمىز؟

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-22 08:13:26

بىز قانچىلىك بىلىمنى سىغدۇرالايمىز ؟ ئادەم مىڭىسى دۇنيادىكى شەيئىيلەر ئىچىدە ئەڭ مۇرەككەپ ، ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسى ، ئاران 1.7كىلوگىرام كېلىدىغان بۇ « ماددا»دا 10...

    بىز قانچىلىك بىلىمنى سىغدۇرالايمىز ؟

     

       ئادەم مىڭىسى دۇنيادىكى شەيئىيلەر ئىچىدە ئەڭ مۇرەككەپ ، ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسى ، ئاران 1.7كىلوگىرام كېلىدىغان بۇ « ماددا»دا 10 مىليارد دانە نېۋرون «ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش بىرلىكى» بار.  ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە ھەمكارلاشقۇچى 100 مىليارت ھۈجەيرە بۇلۇپ ، ئادەم مىڭىسىنىڭ ئۇچۇر ساقلاش ئىقتىدارى كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ.  ئۇ سىكونتىغان 1000 خىل ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ.  يەنى ئادەم ئىسىنى بىلگەندىن تارتىپ ئۆلگەنگە قەدەر بولغان 70-80 يىللىق «نورمال قىممەت» كەچۈرمىشلىرىنىڭ يىپىدىن -يىڭنىسىغىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ساقلىيالايدۇ، فىزىكا ئالىملىرىنىڭ تەقلىدىي تەجىربىسىدىن مەلۇم بولىشىچە ، زور تىپلىق كومپىيوتېرنىڭ قاتتىق ساقلىغۇچىسىنىڭ فىزىكىلىق چېكى 126G بۇلۇپ ، بۇنىڭدىن ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىلسا ، ھازىرقى سەۋيىدە قېتىشما ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن مىتاللار بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن.
       2001-يىلى 2-ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە بولغان مەلۇماتتا ، 1BM شىركىتى 93Gلىق قاتتىق ساقلىغۇچ ياساپ چىقىپ ، بۇ جەھەتتە رىكورت ياراتقان.  مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، 96GB لىق نەزەرىيىۋى قىممەتكە يىتىش ئىنتايىن تەس بۇلۇپ ، ئەمەلىي چەكنىڭ 90Gغابېرىپ توختايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.  شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ، ئادەمنىڭ « قاتتىق دېتالى »نىڭ سىغىمچانلىقى نەچچە ئون مىڭ GB غا يىتىدىغانلىقى ئۆز ئۆزىدىن مەلۇم.  يەنە بىر تەرەپتىن ،ئادەم مىڭىسىنىڭ ئىشلەش سۈرئىتىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.  تەجىربىلەردىن مەلۇم بولىشىچە ، چوڭ مىڭە يەتتەيۈز دەن بىر مىنوت ئىچىدە مەلۇم كىشىنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ ،تۆتتەن بىر سىكونت ئىچىدە مۇشۇ چىرايغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلىپ ، ئۇنى بىر پۈتۈن « مەنىسى بار چىراي » غا ئايلاندۇرالايدۇ.  ئارقىدىنلا چوڭ مىڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش رايۇنىدا « زاپاس ساقلانغان »نەچچە مىڭ چىراي < شۇ كىشىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان >ئىچىدىكى مەلۇم چىراينى تەھقىقلەپ چىقىدۇ.  ئەگەر ئىلگىرى كۆرگەن كىشى بولسا، شۇ چاغدىكى مۇھىت چىراي ئىپادىسى ۋە ئوي -پىكرى قاتارلىقلارنى بىللە ئەسلەپ چىقالايدۇ ، يۇقۇردىكى جەريان پەقەت بىر سىكونتقا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدىلا ئورۇنلىنىپ بولىدۇ.  ئۇنىڭدىن كىييىن بۇ ئادەمگە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا چاقماق تېزلىكىدە بىر تەدبىر ئويلاپ چىقىلىدۇ.
       يېقىنقى زامان ئالىملىرى ئادەمنى ئادەتتەمىڭىسىنىڭ ئاران %10نى سەرىپ قىلىپ ، قالغان %90قىسمىنى ئىسراپ قىلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.  ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلار شۇنى ئىشپاتلىدىكى ، يۇقۇرقى قاراشچە بولسا ، ئادەم مىڭىسىنىڭ ئىقتىدارى بەك يۇقۇرى مۆلچەرلەنگەن بۇلۇپ ئادەم پۈتۈن ئۆمرىدە ئاران %3ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ ، قالغان %97ئىقتىدارىنى ئىسراپ قىلۋېتىدىكەن ! مانا بۇنىڭدىن شۇنى بىلىشكە بولىدىكى ، ئادەم مىڭىسىنىڭ ئىقتىدارى چەكسىز ۋە سىرى ئېچىلىپ تۈگىمەس بىر تىلسىمات.
       ئۇنداق بولسا ئادەم مىڭىسى قانچىلىك بىلىمنى سىغدۇرالايدۇ ؟ مەخسوس مىڭە فىزىئولوگىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ، مىڭە كىسەللىكلىرى ۋە باشقا پەۋقۇللادەئەھۋاللارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، بىر نورمال ئادەم داۋاملىق ئۆگەنسە ، ئامىركا پارلامىنت كۇتۇپخانىسىدىكى كىتاپلارنىڭ 50 ھەسسىسىچىلىك بىلىمنى ئۆگۈنۈپ بولالايدىكەن « بۇ كۇتۇپخانىدا 10مىليون دانە كىتاپ بار ».  ئەگەر كىچىكىدىن باشلاپ ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىپ ئۆگەنسە 500 مىليون كىتاپتىكى بىلىمنى كاللىغا سىغدۇرالايدىكەن.  دىمەك ھەر قانداق بىر ئادەم ئوبدان ياشايمەن ، قىممىتى بار تۈزۈك ئادەم بولىمەن دەپ نىيەت قىلىپ ئۆگەنسە، تامامەن ، مۇتلەق ۋە كەم -كۈتىسىز بىر ياراملىق مۇتەخەسسىس بۇلۇپ چىقالايدىكەن.
       تىببىي پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، ئادەم ئاڭلىق مەخلۇق. تىببىي جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيقاندا ، ئادەم مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغان مەخلۇق. ياشلار بولسا بۇ مەخلۇقلار ئارىسىدىكى ئەڭ جانلىق ، ئەڭ ساغلام بىر گۇرۇپپا.
       ياشلارنىڭ ئۇچۇر ئىگەللەش ،ساقلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن راۋاجلانغان بولىدۇ.  ئەگەر بىر ياش ئۆزىنى ئۆزىنىڭ ھەم جەمئىيەتنىڭ دەپ قارىسا ياكى جەمئىيەتتە مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تاپالىسا ئاندىن ئۇ ياشىغاننىڭ مەنىسىنى ، لەززىتىنى ھېس قىلغان بولىدۇ.  مىڭىمىزنىڭ- بەدىنىمىزدىكى بىردىنبىر ئەقىل -ئىدراك مەنبەسىنىڭ %99نى ئىسراپ قىلىش -قىلماسلىق مەسلىسى قارىماققا زۆرۆريىتى يوق بىر مەسىلىدەك كۆرۈنسىمۇ ، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ،ئاتا -ئانىسى ۋە يۇرتىنى ئويلىغىنىدا ، بۇ مەسىلە ئۇنچىلىك ئاددىي مەسىلە بولماي قالىدۇ.  خۇددى دۆلەتتە قانۇن بولغىنىدەك ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ قەلبىدە « ۋىجدان » ناملىق بىر ھەيۋەتلىك سوت مەۋجۇت.  گەپ بۇنى قانداق يۈرگۈزۈشتە ، ئۇنىڭغا قانداق ئەمەل قىلشتا.  ئەگەر كىشى « مەن نىمە ئۈچۈن تۇغۇلدۇم ،نىمە قىلشىم كېرەك » دەپ ئويلايدىغان ، ئۆزىگە ئۆزى ئىچى قاينايدىغان
    ئادەملىك سۈپەتكە ئىگە بولسا ، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، ئادەم مىڭىسىدە تېخى ئېچىلمىغان ، « ئىگىسى يوق »مۇنبەت يەرلەر ناھايتى كەڭرى ، ئۇنى قانچىلىك ئېچىشنى نىيەت قىلىپ تىرىشقان ئادەم شۇنچىلىك ئېچىپ ھوزورىنى سۈرەلەيدۇ.  ئادىمزات يارالغاندىن بۇيان ۋە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مەلۇم بىر كىشىنىڭ قۇرسىقى تاماقنى كۆپ يىگەنلىكتىن يېرىلىپ كىتىپتۇ دىگەن گەپ تارقالغان ياكى تارقىلىدىغانلىقىغا ئىشەنسەكمۇ ، ھەرگىز « مەلۇم بىر كىشىنىڭ مىڭىسى بىلىمگە توشۇپ كىتىپ ، ئۆگەنگىدەك يەر قالماپتۇ »دىگەن رىۋايەتنى ئاڭلىمىغان ۋە چوقۇم ئاڭلىمايمىز.  شۇڭا ، ئادەم باشقىلارنى چۈشۈنۈش ، پايدىلنىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ، ئاۋال ئۆزىنى چۈشۈنىش،ۋە باشقۇرۇش لازىم.  بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى بۇ دەل ئۆزى نىشان قىلغان ئادەم ياكى مەلۇم بىر ئادەملەر توپىدىن كۆپرەك بىر نەرسە بىلىپ ، ئۇنى ئەمەلىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش.
       ئەمدى %1 لىك ئادەم بۇلۇپ ، كۈننى كۈنگە ئۇلاپ ، بىر ناننى ئىككى قىلالماي ئۆتۈش كېرەكمۇ ياكى ھازىرقى بىر نەچچە ياكى بىر نەچچە يۈز ئادەمگە تېتىغىدەك بىلىم ئىگىلەپ ، ئۆزىنى ۋە ئۆزىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى بەخىتلىك قىلىش كېرەكمۇ ؟بۇ ھەممە ئادەم ۋاختى چىققاندا ئويلىنىدىغان ئەمەس ، بەلكى ئويلىمىسا بولمايدىغان 1-دەرىجىلىك مەسىلە.

     

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-23 8:14:43]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئادەم مىڭىسى بىلىم