يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يىمەكلىكلەر

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-06 12:45:21

ئادەتتە يىمەكلىكلەر قانچە يېڭى پېتى ئىستىمال قىلىنسا ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بىراق بۇ پىرىنسىپ بارلىق يىمەكلىكلەرگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ.

     
    يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يىمەكلىكلەر
     
    ئادەتتە يىمەكلىكلەر قانچە يېڭى پېتى ئىستىمال قىلىنسا ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بىراق بۇ پىرىنسىپ بارلىق يىمەكلىكلەرگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى.
       يېڭى سۈت: يېڭى سېغىلغان كالا سۈتىدە برۇتسېللا تاياقچە باكتېرىيەسى، سىل تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلار بار بولۇپ ئۇلار ئادەم  ۋە ھايۋانلاردا ئورتاق يۇقۇملۇق كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، سۈتنىڭ سېغىلىش مۇھىت تازىلىقى، يېڭى سۈت قاچىلايدىغان قاچىلارنىڭ دېزىنفىكسىيەلىنىشى، سۈت ساغقۇچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلارغىمۇ كاپالەتلىك قىلىش قىيىن. شۇڭا قانۇنلۇق زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان مۇنتىزىم تاللا بازارلىرىدا سېتىلغان كالا سۈتلىرىنى ئىستىمال قىلساق بىر قەدەر بىخەتەر بولىدۇ.
       يېڭى چاي: بۇ يىغىۋېلىنغىنىغا بىر ئاي بولمىغان قارا چاينى كۆرسىتىدۇ. يېڭى يىغىۋېلىپلا دەملەنگەن چاي تەركىۋىدە، بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان تاننىك كىسلاتاسى، بىيولوگىيەلىك ئىشقار قاتارلىقلار بار بولۇپ، كۆپ ئىستىمال قىلىنسا نېرۋا سېستىمىسىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، قان سۇيۇقلۇغىنىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىش، يۈرەك رېتىمسىز سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قېنىق دەملەشتىن ۋە كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز، ئەڭ ياخشىسى دەملەپ بولغاندىن كېيىن ئازراق ۋاقىت ساقلاپ، تەركىبىدىكى پونىفېنول تۈرىدىكى ماددىلارنى ئوكسىدلاندۇرۇپ ئاندىن ئىچىشىمىز كېرەك.
        يېڭى چېچەكسەي: تەركىبىدە كولچىتسىن بار بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىغا قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، زەھەرلىك ماددىغا ئۆزگىرىپ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنى ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى ھوردا پىشۇرۇش، ئاپتاپقا سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەركىبىدىكى كولچىتسىننى چىقىرىۋەتسەك بىخەتەر بولىدۇ. كولچىتسىن سۇنى ئاسان سۈمۈرىدۇ. شۇڭا يېڭى چېچەكسەينى ئستېمال قىلىشقا توغرا كەلگەندە ئاۋال قىزدۇرۇش، سۇدا قاينىتىش ياكى قايناقسۇغا چىلاش ئارقىلىق سۇسىزلاندۇرۇش كېرەك.
       يېڭى مور: تەركىبىدە "پوفىرىن" دەپ ئاتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددا بار. ئۇنىڭ مورغا بولغان سېزىمى كۈچلۈك بولۇپ، مورنى يېڭى پېتى ئىستېمال قىلغاندا، قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىدە ئۆسۈملۈك كۈن نۇرى خاراكتىرلىك تېرە ياللۇغى پەيدا قىلىپ، تېرە قىچىشىش، قىزىرىپ ئىششىش، قىچىشىپ ئاغرىش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ، قۇرۇتۇلغان مورنىڭ تەركىبىدىكى پوفرىن ئاپتاپقا قاقلىنىش جەريانىدا پارچىلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. يېڭى مورنى ئىستېمال قىلىشتىن ئاۋال سۇغا چىلاپ قويسا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددا ئېرىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا مور چىلىغان سۇنى بىرقانچە قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
       يېڭى چىلانغان كۆكتات: تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا ناترىي نىترات بار بولۇپ، تۇزغا چىلىنىش جەريانىدا نىتراتلارغا ئۆزگىرىپ، قويۇقلۇقى يۇقىرىلىغاندىن كېيىن، نىتىراتلار تەدرىجىي باكتىرىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ياكى پارچىلىنىپ كېتىدۇ. نىتراتلار راكنى پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئادەتتە چىلانغان كۆكتات تەركىبىدىكى نىتراتلار ئەڭ كۆپ بولغاندا كۆكتات چىلىنىپ 2-3 كۈندىن كېيىن 10 نەچچە كۈن ئارلىقىدا پەيدا بولىدۇ. شۇڭا چىلىغان كۆكتاتنى ئەڭ ياخشىسى 20 كۈندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق ياخشى بولىدۇ.
     
    مەنبە: پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى
    توردىكى مەنبەسى: مىسرانىم مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.