غەلىتە ئادەملەر

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-22 14:46:00

غەلىتە ئادەملەر كۆك رەڭلىك ئادەملەر ئالىملار چىلىنىڭ ئاندىس تاغلىق رايونىدا پۈتۈن بەدىنى كۆك رەڭلىك ئادەملەرنى بايقىغان . بۇ ئادەملەر ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقىچە دېڭىز يۈزىدىن 6000مېتىر ئېگىزلىكتىك...

    غەلىتە ئادەملەر

          كۆك رەڭلىك ئادەملەر
       ئالىملار چىلىنىڭ ئاندىس تاغلىق رايونىدا پۈتۈن بەدىنى كۆك رەڭلىك ئادەملەرنى بايقىغان . بۇ ئادەملەر ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقىچە دېڭىز يۈزىدىن 6000مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلىقلاردا ياشىغان. ئۇلار ياشىغان رايوندا يىل بويى قار ئېرىمىگەچكە تېمپىراتورا 0دىن تۆۋەن 40- 50سېلسىيە گىرادوسلۇق مۇھىتتا ياشايدىكەن . بۇنداق مۇھىتتا يېتەرلىك ئوكسىگىنغا ئېرىشىش ئۈچۈن نورمال بەدەن تېمپىراتورسىنى ساقلاش ۋە قەھرىتا سوغۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ،ئادەم بەدىنىدىكى كۆپ مىقتاردىكى گېماتىن بولمىسا بولمايدۇ. نەتىجىدە بۇ يەردىكىلەردىن پەقەت گىنىدا  گېماتىن بارلارلا ھايات قالالىغانلىقتىن تەدرىجى ھالدا بۇ كىشىلەر توپى گىن تەركىۋىدە  گېماتىن بار كىشىلەر توپىغا ئايلانغان.  ئۇلارنىڭ بەدىنىدە گېماتىن ئېشىپ كەتكەچكە ، تېرە ۋە قان رەڭگى كۆك رەڭلىككە ئايلانغان.

     يېشىل رەڭلىك ئادەملەر
        يېشىل رەڭلىك ئادەملەر ئاساسلىقى ئافرىقا قىتەسىدە ياشايدىكەن،ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى ياپيېشىل ،ھەتتا قېنىمۇ يېشىل رەڭدە ئىكەن ، بۇ خىل ئادەملەرنىڭ سانى 3000 دىن كۆپرەك ئىكەن. بۇمۇ ئۇلارنىڭ يىمەك ئىچمەك ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شاللىنىش ئارقىلىق تاللانغان گىن ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ئۇلار تا ھازىرغىچە ئۆڭكۈردە ، بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق، ياۋا مىۋىلەرنى يىغىپ يىيىش بىلەن ئىپتىدائي تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

    قىزىل تەنلىك ئادەملەر

       كاندانىڭ شىمالىدا ياشايدىغان 200دىن كۆپرەك نوپۇسى بار بىر يەرلىك قەبىلىنىڭ ئەزالىرىنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى قىزىل رەڭدە بولۇپ، دەسلەپتە ئالىملار بۇلارنى بىرەر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپى دەپ قاراپ قالغان . كېيىن تەكسۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ گىن تىپىنىڭ شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ سانى بەك ئاز بولغانلىقتىن ئۇلارنى ئايرىم ئىرق قىلىپ توختىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق