ھەر سېكۇنتتا بىر تەۋرىنىپ قويۇڭ

يوللىغۇچى : ferdon يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-28 17:36:00

ھەر سېكۇنتتا بىر تەۋرىنىپ قويۇڭ بىز ھەمىشە ئۆزىمىزنىڭ نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەي قالىمىز. بالىلىقتىكى ئارزۇلىرىمىزدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىمىز، ئىسسىق-سوغۇقنىڭ تاۋلىشى ۋە يەلك...

    ھەر سېكۇنتتا بىر تەۋرىنىپ قويۇڭ


    بىز ھەمىشە ئۆزىمىزنىڭ نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەي قالىمىز. بالىلىقتىكى ئارزۇلىرىمىزدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىمىز، ئىسسىق-سوغۇقنىڭ تاۋلىشى ۋە يەلكىمىزدىكى ئېغىر يۈك ھەر ۋاقىت بىزنى تەمتىرىتىپ قويىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇقماي قالىمىز. ئۈچ دانە سائەتنىڭ ھېكايىسى بۇنداق چاغدا بىزنى ئىلھاملاندۇرسا ئەجەپ ئەمەس. يېڭىدىن قۇراشتۇرۇلغان بىر كىچىك سائەت ئىككى كونا سائەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلۇپتۇ، ئىككى كونا سائەت «چىك-چاك، چىك-چاك» قىلىپ مىنۇت-سېكۇنتلاپ مېڭىۋاتقان ئىكەن. ئارىدىكى بىر كونا سائەت دەپتۇ: -كەل، سېنىڭمۇ ماڭىدىغان ۋاقتىڭ بولۇپ قالدى. بىراق سېنى 32000000 قېتىم ماڭغاندىن كېيىن بەرداشلىق بېرەلمەي قالارمىكىن، دەپ بىر ئاز ئەندىشە قىلىۋاتىمەن.
        -ۋاي خۇدايىم، 32000000 قېتىم؟- كىچىك سائەت چۆچۈپ كېتىپتۇ،- بۇ ئىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمىگۈدەك، قىلالمىغۇدەكمەن! يەنە بىر كونا سائەت دەپتۇ: -ئۇ بىكار گەپ قىلىدۇ. قورقما، سەن پەقەت ھەر سېكۇنتتا «چىك-چاك» قىلىپ بىرنى تەۋرىنىپ قويساڭلا بولىدۇ. -جاھاندا نەدىمۇ بۇنداق ئاددىي ئىش بولسۇن؟- كىچىك سائەت بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەپتۇ،- ئەگەر شۇنداق بولسا مەن سىناپ باقاي. كىچىك سائەت ناھايىتى ئازادىلىك بىلەن ھەر سېكۇنتتا «چىك-چاك» قىلىپ بىرنى تەۋرىنىپتۇ، تۇيمايلا بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئۇ 32000000 قېتىم تەۋرىنىپتۇ.
       ھەممە ئادەم ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدە، ئۆزىدىن بەك يىراقتا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇرۇقتۇرما بولۇش ۋە ئۆزىمىزگە ئىشەنمەسلىك بىزنى ئۆز ئىقتىدارىمىزدىن گۇمانلاندۇرۇپ، تىرىشىشتىن ۋاز كەچتۈرىدۇ.
       ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كېيىنكى ئىشلارنى، بىر يىل ھەتتا بىر ئايدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلىشىمىز ھاجەتسىز، پەقەت «بۈگۈن مەن نېمە ئىشلارنى قىلىمەن» دېگەننى ئويلاپ، ئاندىن تىرىشىپ تاماملىساق، خۇددى كىچىك سائەتكە ئوخشاش ھەر سېكۇنتتا «چىك-چاك» قىلىپ بىرنى تەۋرەنسەك، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ خۇشاللىقى ھاياتىمىزغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كېتىدۇ.
        (مەنبە: [url]http://www.ytgdw.com/bbs/viewthread.php?tid=17173[/url])

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق