كۇبا ھەققىدە چۈشەنچە

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-29 17:39:57

كۇبانىڭ تولۇق نامى«كۇبا جۇمھۇرىيىتى» بولۇپ ،كارىب دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان . كۇبا ئارىلى ، ياشلار ئارىلى ، رۇمانو ئارىلى قاتارلىق چوڭ-كىچىك 1600 ئارالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ «مىڭ ئارال دۆلىتى» دېگەن نامى بار .

    كۇبا ھەققىدە چۈشەنچە


    كۇبانىڭ تولۇق نامى«كۇبا جۇمھۇرىيىتى» بولۇپ ،كارىب دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان . كۇبا ئارىلى ، ياشلار ئارىلى ، رۇمانو ئارىلى قاتارلىق چوڭ-كىچىك 1600 ئارالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ «مىڭ ئارال دۆلىتى» دېگەن نامى بار . دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا قاراشلار ھەر خىل :
     بىر خىلى، كۇبا نامى ئەسلى بۇ ئارالدىكى بىر ئاھالىلار نۇقتىسىنىڭ نامى بولۇپ ،ئىندىئان تىلىدىن پەيدا بولغان . ئىندىئانلارنىڭ رىۋايىتىدە كۇبا باتۇر ،جەڭگە ماھىر ، كۈچلۈك ، دۈشمەندىن قورقمايدىغان ، خەلقنىڭ چوڭقۇر سۆيىشىگە ئېرىشكەن بىر داھىي بولۇپ ،كىيىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى بىر ئاھالىلەر نۇقتىسىنىڭ نامى قىلىدۇ . يەنە كىيىن دۆلەت نامى بولىدۇ .
    يەنە بىر خىل قاراش بولسا، كولومبو 1492-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى كۇبا ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ،ھەيرانلىق ۋە خوشاللىق بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا : « بۇ مەن كۆرۈپ باققان ئەڭ گۈزەل جاي»دەپ توۋلاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەلۇم بىر تۇمشۇقنى «كۇبا تۇمشۇقى» دەپ ئاتاپتۇ ( ئەڭ بۇرۇن Colba دەپ يېزىلغان) بۇنىڭ يەرلىك ئىندىئان تىلىدىكى مەنىسى «رايون ،تەۋەلىك ياكى ئۆلكە» بولۇپ ،كۇبا سۆزى شۇنىڭدىن پەيدا بولغان . كۇبا ئەسلى ئىندىئان كاراب مىللىتىنىڭ ئولتۇراق جايى بولۇپ 1511-يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان .1898-يىلىدىكى ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ،ئامېرىكا بېسىۋالغان . 1902-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى كۇبا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 
      كۇبانىڭ يەر مەيدانى 110.86 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر . ئاھالىسى 10مىليون896مىڭ . پايتەختى ھاۋانا . پۇل بىرلىكى كۇبا پىسوسى.

    مەنبە : ئۇلىنىش تورى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.