سوغا يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 19:21:08

سوغا يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەرۋاقىت تەۋەلىكى: 2-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچەسوغا يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: ئۇل...

     

    سوغا يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

    ۋاقىت تەۋەلىكى: 2-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە

    سوغا يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: ئۇلار تەبىئىتىدىن يېقىملىق ۋە مۇلايىم كېلىدۇ. ماددىي راھەتتىن كۆرە مەنىۋىي پاراغەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. يەنە ئۇلاردا مۇستەقىل قاراش كەمچىل بولغاچقا، يېنىدىكى ئىشلار قارارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دائىم نىشانىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە ھېچ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ. باشقىلارنىڭ پىكرى ئۈستىدە قانداق ئويلىنىش ۋە تەھلىل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىپ، ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزغاندىلا، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ب تىپلىق ياكى ئې تىپلىق بولغانلار: ئۇلار سالاپەتلىك بولۇپ، باتۇر ۋە جۈرئەتلىك كېلىدۇ. بۇ سۈپەتلەر كەسىپ جەھەتتە ئوبدان ئامەتكە ئىگە قىلىدۇ. بىراق ئۇلار مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تەكەببۇرلىشىپ، باشقىلارنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىشلىرىنى مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم قىلىدۇ. مۇشۇ ئاجىزلىقىنى تۈگەتسىلا، جەزمەن نى-نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. مۇھەببەتتىن ئامىتى قوشلاپ كېلىدۇ. قانچىكى بالدۇر توي قىلسا، شۇنچىكى پايدىلىق بولىدۇ.

     ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى س تىپلىق ياكى ئېف تىپلىق بولغانلار: پۇل تېپىشقا ناھايتتى قىزىقىدۇ، ھەمىشە پۈتۈن زېھنىنى كەسىپكە قارىتىدۇ، تەلىيى ئوڭغا تارتىپ مەبلەغ سېلىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىق بولغىنىدا تېخىمۇ بېيىپ كېتىدۇ. بىراق ئۆمۈر بويى يىگانىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئەتراپىدىكىلەر ئۇلارنى چۈشەنمەيدۇ. كىشىلەرگە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر. پۇلۇملا بولسا نېمىلا قىلسام بولىدۇ، دەپ ئويلىماسلىق كېرەك.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ج تىپلق بولغانلار: ئۇلار ھەرقانداق ئىشنى چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. ئەڭ ئاددىي ئىشلارنىمۇ تولا ئويلىنىپ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋالىدۇ. ئۆزىنى باشقىلاردىن ئەقىللىق چاغلايدۇ. شۇڭا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسام بولمايدۇ دەپ قارايدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قېلىشتىن ۋە جامائەتنىڭ قاتارىدا تۇرالماي قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ نۇرغۇن پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.