بالىلاردىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىشنىڭ بەلگىلىرى

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-17 10:20:01

بالىلار مۇھەببەتلىشىشنى ئويلىغاندا ياكى مۇھەببەتلەشكەندە ئۇلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار روشەن ئىپادىلىنىدۇ.بالا تۇرۇپلا ناھايىتى ياسانچۇق، كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان...



     

    بالىلار مۇھەببەتلىشىشنى ئويلىغاندا ياكى مۇھەببەتلەشكەندە ئۇلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار روشەن ئىپادىلىنىدۇ.
    بالا تۇرۇپلا ناھايىتى ياسانچۇق، كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دائىم ئەينەككە ئۆرۈلۈپ - چۆرۈلۈپ قارايدىغان، ئاتا - ئانىسىدىن مودا كىيىم - كېچەكلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان، كىيىم كىيگەندە >ماڭا ياراشتىمۇ؟< دەپ ئاتا - ئانىسىدىن ۋە دوستلىرىدىن سورايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    ئەسلىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۇيۇقسىزلا تۆۋەنلەر كېتىدۇ، دەرس ۋاقتىدا ياكى تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە دىققىتى ئوڭاي مەركەزلەشمەيدۇ، ئۆگىنىشكە كۆڭۈل بۆلمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
    تېتىك ۋە ھەرىكەتچان بالا تۇرۇپلا جىمغۇرلىشىپ قالىدۇ، بەزىدە بىرەر ئىشنى قىلىۋېتىپ توختاپ قالىدۇ، ئاتا - ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىشنى خالىمايدۇ، خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلىدۇ، بىر يەردە ئولتۇرسا ئىچى تىتىلدايدۇ، سەۋرچانلىقى ئاجىز بولىدۇ، ئائىلىدىكىلەرگە بولغان پوزىتسىيىسى قوپاللىشىدۇ.
    ئۆيدە جىم ئولتۇرمايدۇ ھەمدە قولى تۈزۈك ئىشقا بارمايدۇ، تالاغا چىقىپ - كىرىشلىرى كۆپىيىپ قالىدۇ، دائىم سەۋەب كۆرسىتىپ تالاغا چىقىدۇ، بەزىدە يالغان ئېيتىدۇ، بەزىدە ئۆيگە خۇشال كىرسە، بەزىدە دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ، ھەتتا تاماقمۇ يېمەي يېتىۋالىدۇ.
    مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئايرىم ئۆيگە كىرىۋېلىپ ياكى بىر بۇلۇڭغا بېرىۋېلىپ خىيال سۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھاڭۋېقىپ يۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز، بەزىدە خۇشال بولۇپ كۈلكىسى جىقلاپ كەتسە، بەزىدە غەمكىنلىشىپ، گېپىمۇ يوق سولىشىپ قالىدۇ، بەزىدە تىت - تىت بولۇپ خاتىرجەمسىزلىنىدۇ.
    مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن كىتاب، كىنو ۋە تېلېۋىزور فىلىملىرىنى كۆرۈشكە ئادەتتىن تاشقىرى قىزىقىدۇ.
    ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ قىز - ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىش ۋەقەلىرىگە قىزىقىدۇ.
    ئاتا - ئانىسىدىن يوشۇرۇن خەت يازىدۇ، خاتىرە دەپتەرلىرىگە مەنىسى بار شەرتلىك بەلگىلەرنى سىزىپ قويىدۇ. مەخپىي  خاتىرە تۇتۇپ بەزى ئىشلارنى خاتىرىلەيدۇ. مۇھەببەت ھەققىدىكى، ياشلىق ھەققىدىكى سۆزلەرنى خاتىرە قالدۇرۇشقا قىزىقىدۇ.
    بالىلاردا يۇقىرىقىدەك مۇھەببەتلىشىشنىڭ سېگناللىرى كۆرۈلگەن ھامان ئاتا - ئانىلار بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماستىن ھوشيار بولۇپ، ئۇنىڭ تەرەققىي  قىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى  ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى لازىم.

    مەنبە:تارىمى تورى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر -