ئۆزىڭىزنى چۈشۈنىۋېلىڭ!

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-30 11:13:47

ئۆزىڭىزنى چۈشۈنۈپ بېقىڭتۆۋەندىكى 7 سۇئالغا سىز راستچىنلىق بىلەن جاۋاب بەرسىڭىزلا، ئۇ سىزنىڭ ھەممە نەرسىڭىزنى: مۇھەببەت، خاراكتېر، مال-دۇنياغا بولغان قاراشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى توپتوغرا ئېيتى...

     ئۆزىڭىزنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ

       تۆۋەندىكى 7 سۇئالغا سىز راستچىنلىق بىلەن جاۋاب بەرسىڭىزلا، ئۇ سىزنىڭ ھەممە نەرسىڭىزنى: مۇھەببەت، خاراكتېر، مال-دۇنياغا بولغان قاراشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى توپتوغرا ئېيتىپ بېرەلەيدۇ، ئىشەنمەمسىز؟ ئەمىسە قېنى سىناپ بېقىڭ!

     \

     

    1. مۇھەببەتكە بولغان قارىشىڭىز ۋە پوزىتسىيىڭىز.

    سۇئال: ئىككى دانە تۇخۇم بار، بىرى پىششىق، بىرى خام؛ ھازىر مۇنداق تۆت يەرگە تۇخۇملارنى قويىشىڭىز كېرەك، ئىككىلىسىنى بىر يەرگە قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى ئايرىم-ئايرىم ئىككى يەرگە قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما مۇھىمى پىششىقنى قەيەرگە، خامنى قەيەرگە قويۇشنى ئېنىق دېسىڭىزلا بولىدۇ.

    1. دەرەخ ئۈستىگە    2. سۇغا     3. تۇپراققا    4.يانچۇققا

     

    نەتىجىسى: خام تۇخۇم نىكاھتىن بۇرۇنغا، پىششىق تۇخۇم نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

    1. دەرەخ ئۈستى: ئوقۇرى ئۈستۈن شۇنداقلا ناھايىتى بەك تاللاشنى بىلىدۇ؛

    2.سۇ ئىچىدە: مۇھەببەتكە بولغان كۆز قارىشى ـــ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بار؛

    3.تۇپراقتا: ئۈجمە كۆڭۈل

    4.مۇھەببەتتە بەك ئەستايىدىل.

     \

     

    سىز نېمە سەۋەبتىن يالغان سۆزلىشىڭىز مۇمكىن؟ ھەمدە سىز سۆزلىگەن يالغان سۆزنىڭ كىشىنى ئازابلىشى قانچىلىك؟

     

    سۇئال: خىيالىي دۇنيادا شۇنداق بىر قورقۇنچلۇق دەرەخ بار، بۇ دەرەخنىڭ قان تېمىپ تۇرىدىغان بىر كامىرى  بولۇپ، شۇ يەرگە يېقىنلاشقان ئادەمنى دەرەخ شۇ زامان يۈتۈۋېتىدۇ، سىزچە بۇ دەرەخ نېمە ئامال بىلەن ئادەملەرنى ئۆزىگە يېقىنلىشىپ، بىر ۋاقلىق تامىقى بولۇپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ؟

    1.ناھايىتىمۇ مۇڭلۇق مۇزىكا بىلەن كىشىلەرنى مەستخۇس قىلىدۇ.

    2.قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىنىڭ ئاۋازىنى دوراپ سۆزلەيدۇ.

    3.ئادەمنى بېھۇش قىلىدىغان خۇشپۇراق چىقىرىدۇ.

    4.شۇ ئادەمنىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇپ ئايلىنىپ يۈرگەن قۇچقاچ پەرىشتىلەردىن پايدىلىنىدۇ.

    5.ھېچنىمە قىلمايدۇ، پەقەت ئۆزلىكىدىن قىزىقىپ كەلگۈچىلەرنىلا كۈتۈپ تۇرىدۇ.

     

    سىناق نەتىجىسى:

    1.ناھايىتىمۇ مۇڭلۇق مۇزىكا بىلەن كىشىلەرنى مەستخۇس قىلىدۇ.

    نەتىجىسى: باشقىلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلەيسىز. كۆڭۈلچەكلىك قىلىپ ئېيتىلغان يالغان سۆز ئەلۋەتتە ھېچنىمە ئەمەس، ئەمما بۇنداق يالغان سۆزلەر  كۆپىيىۋەرسە، چوڭىيىۋەرسە سىزنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىكى ئىناۋىتىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ. بارغانسېرى گەرچە سىز يالغان ئېيتمىغان تەقدىردىمۇ سىزنىڭ مۇبالىغە سۆلىرىڭىزگە كىشىلەرنىڭ گۇمانى قوزغىلىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھەرقانداق ئىشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، بايقاپ سۆزلىشىڭىز كېرەك.

     

     

    2.قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىنىڭ ئاۋازىنى دوراپ سۆزلەيدۇ.

    نەتىجىسى: ئەستايىدىل مۇئامىلىدە يالغان سۆزلەيدۇ، يالغان سۆزلەشنىڭ پىرى. ئەلۋەتتە بۇ يالغان سۆزلەر مەيلى ياخشى نىيەت بىلەن ۋە ياكى يامان نىيەت بىلەن دېيىلگەن بولسۇن، يالغانچىلىقى پاش بولماستىن بۇرۇن ھېچكىمگە ئازاپ ئەكەلمەيدۇ. ئەمما ئاشكارىلىنىپلا كېتىدىغان بولسا، شۇ كىشىنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئادەملەرنى ئازاب دېڭىزىغا ئىتتىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئۆزلىرى سۆزلىگەن يالغان سۆزنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بەك بەك تۆۋەن بولسىمۇ، ھەرگىز يالغان سۆزلىمەسلىكى كېرەك، چۈنكى سىزنىڭ ئېيتقان يالغان سۆزلىرىڭىزگە سىزنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭىزلا ئىشىنىدۇ.

     

     

    3.ئادەمنى بېھۇش قىلىدىغان خۇشپۇراق چىقىرىدۇ.

    نەتىجىسى: سىز يالغان سۆزلەپ كىشىلەرگە ئازار بېرىدىغانلاردىن ئەمەس، سىزنى راستچىل ئادەم دېيىشكە بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىز يالغان سۆزلەشنى بىلمەيسىز. يالغان سۆزلەي دېيىشىڭىزگىلا چاندۇرۇپ قويىسىز، بۇنىڭلىق بىلەن سىز كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتمەيسىز ھەم ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولىسىز.

     

     

    4.شۇ ئادەمنىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇپ ئايلىنىپ يۈرگەن قۇچقاچ پەرىشتىلەردىن پايدىلىنىدۇ.

    نەتىجىسى: سىز يالغان سۆزلىمەكچى بولسىڭىز، بىرەرسىنى قۇربانلىق قىلىشنى ئويلايسىز. سۆزلىگەن يالغان سۆزىڭىزنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشى ئۈچۈن، سىز دائىم «ئاۋۇ بىرسى مۇنداق دېگەنىدى» ياكى «ماۋۇنىڭ ئاغزىدىن شۇنداق ئاڭلىغانىدىم..» دېگەنگە ئوخشاش باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىسىز. سىزنىڭ يالغانچىلىقىڭىز ئاشكارىلانغاندا، سىز تارتىپ چىقارغان ئادەملەرمۇ سىز بىلەن تەڭ تۈگىشىدۇ. شۇڭا سىز يالغان ئېيتقان چېغىڭىزدا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆزىڭىز يالغۇزلا ئۈزتىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك، مۇشۇنداق ئىسقىمۇ باشقىلارنى سۆرەپ كىرسىڭىز سىزگە راستلا ئارتۇق گەپ يوق.

     

    5.ھېچنىمە قىلمايدۇ، پەقەت ئۆزلىكىدىن قىزىقىپ كەلگۈچىلەرنىلا كۈتۈپ تۇرىدۇ.

    نەتىجىسى: ئەزەلدىن يالغان سۆزلىمەيدىغانلار تىپىغا كىرىدۇ. باشقىلارنى ئالداشنى ئەڭ ئۆچ كۆرىدۇ. ئەمما باشقىلار ئاڭلاشنى خالىمىغان رېئاللىقنى سىز مەجبۇرىي سۆزلىسىڭىز باشقىلارنى بەك ئازابقا سېلىپ قويىشىڭىزمۇ مۇمكى، شۇڭا بەزىدە گەپلەرنى ئەگىتىپ سىلىق ئېيتىشنى ئۆگىنىپ قويۇشمۇ، ئىشنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى يوشۇرۇپراق قويۇشمۇ ئانچە يامان ئىش ئەمەس.

     \

     

    خاراكتېرىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

    سۇئال: ئادەمنىڭ تاماق يېيىشتىكى ئادىتى كىچىكىدىن باشلاپلا يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. مۇشۇ ئادەتتىنمۇ كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى ئاسانلا بىلگىلى بولىدۇ. سىز تاسادىپىي پىچاق ۋېلكىلىق تاماق يېگىنىڭىزدە پىچاقنىقانداق ئىشلىتىسىز؟

    1.سول تەرەپتىن باشلاپ كېسىپ، بىر پارچە بىر پارچىدىن يەيسىز؛

    2. ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ كېسىپ، بىر پارچە بىر پارچىدىن يەيسىز؛

    3. ھەممىنى كېسىپ كىچىك پارچىلاپ بولۇپ، ئاندىن  بىردىن بىردىن يەيسىز.

    4. ئوتتۇرىدىن باشلاپ كېسىپ، بىر پارچە بىر پارچىدىن يەيسىز؛

    5. پەقەت بىر كىچىك پارچىلا كېسىپ يەيسىز؛

    6. يېيىش ئۇسۇلىڭىزنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ تۇرىسىز؛

     

    سىناق نەتىجىسى:

    1.سول تەرەپتىن باشلاپ كېسىپ، بىر پارچە بىر پارچىدىن يەيسىز؛

    جاۋابى: كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، بۇ خىل كىشىلەر شەكىلگە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۆز خالىغان ئىشلارنى ياكى ئۆزىنىڭ ئوي-پىككىرلىرىنى قارشى تەرەپكە تاڭماقچىمۇ بولىدۇ، ئۆزىنىڭكىنى توغرىلا دېسە، باشقىلارنىڭكىنى ئاڭلىشى تولىمۇ تەس

     

     

    2. ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ كېسىپ، بىر پارچە بىر پارچىدىن يەيسىز؛

    نەتىجىسى: خاراكتېرى مۇلايىمراق كېلىدۇ. باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئادىمى بولۇپ كۆرۈنىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر باشقىلار بىلەن ئاسانلا تاشقۇيۇن –ئىچقۇيۇن بولۇپ كېتەلەيدۇ. گەرچە كۆڭلىدە قارشى تەرەپكە نارازىلىق  بولسىمۇ چاندۇرماي، ئىناق تېنىچ ئۆتەلەيدۇ.

     

    3.ھەممىنى كېسىپ كىچىك پارچىلاپ بولۇپ، ئاندىن  بىردىن بىردىن يەيسىز.

    نەتىجىسى: ئۆزى ئېرىشىشنى خالىغان نەرسە دەماللىققا قولغا كەلمىگەن چاغدا، تولىمۇ ئارامسىزلىنىدىغانلار تىپىدىن. ئۆزى قىلىشنى خالىغان ھەرقانداق ئىشنى مەيلى قانچىلىك توسقۇنچۇلۇققا ئۇچرىسۇن چوقۇم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل كىشىلەر باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، باشقىلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ھەرگىز پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالماي ياردەم قولىنى سوزىدۇ. باشقىلارغا بولغان مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق بولۇپ يۈزىدە ئېنىقلا ئاشكارىلىنىپ تۇرىدۇ.

     

    4. ئوتتۇرىدىن باشلاپ كېسىپ، بىر پارچە بىر پارچىدىن يەيسىز؛

    نەتىجىسى: قابىلىيەتلىك كېلىدۇ. ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆپرەك باش قاتۇرىدۇ، شەخسىيەتچىرەك كېلىدۇ. قىلغۇسى كەلگەن ھەرقانداق ئىشنى ئىككىلەنمەستىنلا قىلىۋېرىدۇ. ئولتۇرۇپ سۆزلەپ شەھەر ئالىدىغانلاردىن ئەمەس. ئەمەلىي ئىش قىلىدۇ. ئاممىۋىي مۇناسىۋەتكە ياخشى.

     

     

    5.پەقەت بىر كىچىك پارچىلا كېسىپ يەيسىز؛

    نەتىجىسى: ھەقىقىي بىر ئەمەلىيەتچى ئادەم. تۇرمۇش بىلەن ئۆزلۈكىنى تەڭ ئېلىپ ماڭالايدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. كىملا بولمىسۇن ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپ كېتەلەيدۇ، خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ ماڭىدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەب باشقىلار بىلەن ھەمكارلىقنى ناھايىتى ياخشى قىلىدۇ.

     

    6. يېيىش ئۇسۇلى داۋاملىق ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ؛

    نەتىجىسى: كەيپىياتى ئىتتىك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىككە ماسلىشالماي قالىدۇ. خىزمەت ۋە شەخسىي تۇرمۇشتىمۇ ئوخشاش بولۇپ، باشقىلار بىلەن ماسلىشالماي خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

     \

     

    ئۆزىڭىزنىڭ بۇ كىشىلىك ھاياتتا قانداق پېرسوناژ بولۇشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى بىلگىڭىز بارمۇ؟

    ھازىر قولىڭىزنى چقىرىپ بەش بارمىقىڭىزدىن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىر بارمىقىڭىزنى تاللاڭ. ئوڭ سول قول ئوخشاش بولىۋېرىدۇ.

    1. باش بارماق
    2. كۆرسەتكۈچ بارماق
    3. ئوتتۇرا بارماق
    4. نامسىز بارماق
    5. چىمچىلاق

     

    نەتىجىسى:

    1. باش بارماق: ئاتا-ئانا
    2. كۆرسەتكۈچ بارماق: قېرىنداش
    3. ئوتتۇرا بارماق: ئۆزى
    4. نامسىز بارماق: سۆيگۈنى
    5. چىمچىلاق: كىچىك بالا

     \

    ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكىسى ۋە كەيپىياتىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

    ئەگەر سىز بىر دانە قىزىل بۆك كىيگەن بولسىڭىز،  بۇنىڭغا قانداق رەڭدىكىك زىبۇ-زىننەت ماسلاشتۇرىسىز؟

    1. قىزىل رەڭلىك
    2. كۈلرەڭ؛
    3. كۆك رەڭلىك؛
    4. يېشىل رەڭلىك؛
    5. سېرىق رەڭلىك؛
    6. بىنەپشە رەڭلىك؛
    7. شاكىلات رەڭلىك
    8. قارا رەڭلىك؛

     

    نەتىجىسى:

    1. قىزىل رەڭلىك: سىزدە ئالغا ئىنتىلىش روھىي كۈچلۈك، ھاياتىي كۈچىڭىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. قىزغىن، ساغلام كۆرۈنىسىز. ھاياتقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايسىز، بىر غەلبىلىك ھاياتىڭىز بولۇشنى ئويلايسىز، ھايات مۇساپىڭىزدە يىقىپ چۈشسىڭىزمۇ ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ يەنە ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىسىز

     

     

    1. كۈلرەڭ: سىز ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتىگە بەك ئەھمىيەت بېرىسىز. ئەزەلدىن خىزمەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويمايسىز، مەيلى قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىڭىز چىقىسىز، سىزنىڭ ئىش بېجىرىش شۇنداقلا ئادىمىيلىك پىرىنسىپىڭىز باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئەمما بەزىدە ئەتراپلىق ئويلاشماي ئىش قىلىپ سالىسىز؛
    2. كۆك رەڭلىك: سىز ئەمەلىي ئىش يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىسىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىڭىز كۈچلۈك، ئەمما بۇيرۇقۋاز ئەمەس، بەك كۆپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ كېتىپ تۇرمۇشتىكى تاللىشىڭىزغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ قويۇپ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ!
    3. يېشىل رەڭلىك: سىز يېڭى شەيئىلەردىن ھوزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىسىز.

     (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مەن