پوچېرىكىڭىزدىن خاراكتېرىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-21 19:17:00

پوچېرىكىڭىزدىن خاراكتېرىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ سىز بەزى دۆلەتلەردە خىزمەت ئىزدىسىڭىز ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار چوقۇم سىزنى خەت يازدۇرۇپ ، پوچېرىكىڭىزنى تەكشۈرىدۇ. چۈنكى ، پوچېرىكىڭىزغا قاراپ...

      پوچېرىكىڭىزدىن خاراكتېرىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ

      سىز بەزى دۆلەتلەردە خىزمەت ئىزدىسىڭىز ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار چوقۇم سىزنى خەت يازدۇرۇپ ، پوچېرىكىڭىزنى تەكشۈرىدۇ. چۈنكى ، پوچېرىكىڭىزغا قاراپ ، سىزنىڭ شۇ خىزمەتكە ماس كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلگىلى  بولىدۇ.

       يېقىندا  پوچېرىكا تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : پوچېرىكا يۈرەك كېسىلى ، راك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە مۇھىم قورالغا ئايلىنىش مۇمكىن . ئۇ يەنە كىشلەرنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ.

       پوچېرىكا تەتقىقاتى بىلەن 20 يىل شوغۇللانغان پاتيرشامايىن خانىم داڭلىق پوچېركا مۇتەخەسىسى ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ پوچېرىكىسىغا قاراپ ، شۇ ئادەمنىڭ خاراكتېرى ، تەن ساپاسى ، ئىجتىمائي ئورنى ، مەدەنىيە سەۋىيسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ . ئۇنىڭ قارىشچە ، بىر ئادەمنىڭ پوچېرىكىسىغا ئاساسەن ، ئۇنىڭ قايسى كەسىپكە بەكرەك ماس كېلدىغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولىدىكەن .

       پوچېرىكا مۇتەخەسسىلىرىنىڭ قارىشىچە ، ھىيلىگەر ، قۇۋ ئادەملەر خەت يازغاندا ، ھەرپنى ئېنىق يازماي ، تۈز سىزىققا ئوخشىتىپ يازىدىكەن ؛ ئۆزىنىڭ ماھىيتىنى يوشۇردىغانلار ، سىر ساقلايدىغانلار خەتنى چوڭ يازىدىكەن ؛ ئىنكاسى ئۆتكۈر ، لېكىن ئېغىر - بېسىق كىشلەر خەتنى بوش يازىدىكەن ؛ يەككە - يېگانە يۈرۈشنى ياخشى كۆردىغانلار ھەرپلەرنى بىرىكتۈرۈپ يازماي ، ئايرىپ يازىدىكەن ؛ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ، چۈشكۈن ، روھىي بېسىمى ئېغىر كىشلەر خەتنى بەك كىچىك يازىدىكەن .

    « تەرمىلەر گېزىتى » دىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق